2 Chronicles 22:9 — Compare Translations

2 translations compared side by side

Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
ئاندىن يېھۇ ئاخازيانى ئىزدىدى. ئاخازيا سامارىيە شەھىرىگە قېچىپ بېرىپ مۆكۈۋالغانىدى. يېھۇنىڭ ئادەملىرى ئۇنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئەكەلدى. يېھۇ ئۇنى ئۆلتۈردى ۋە يىھوشافاتنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، ئۇنى دەپنە قىلدى. چۈنكى ئاخازيا يىھوشافاتنىڭ نەۋرىسى بولۇپ، يىھوشافات ھايات ۋاقتىدا جان-دىلى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا ماڭغانىدى. نەتىجىدە ئاخازيانىڭ جەمەتىدىن پادىشاھلىققا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان قۇرامىغا يەتكەن ھېچبىر ئادەم قالمىدى.
Uyghur Latin Bible - (Muqeddes Kalam) 2010
Yehu Ahaziyanimu izdidi; kishiler uni tutuwaldi (u Samariyege yoshurunuwalghanidi). Ular uni Yehuning aldigha apirip öltürdi. Ular uni depne qildi, chünki kishiler: «Bu dégen Perwerdigarni chin könglidin izdigen Yehoshafatning newrisidur» dégenidi. Ahaziyaning jemetide padishahliqni qoligha alghudek birer adem qalmidi.