Ezekiel 48:1 — Compare Translations

2 translations compared side by side

Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
ئىگىمىز پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: _ تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە ناملىرى ۋە ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن يەرلەردۇر: دان قەبىلىسىنىڭ يېرى ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىنىڭ ئەڭ شىمالىدا بولسۇن. ئۇنىڭ شىمالىي چېگراسىنىڭ غەرب تەرىپى ئوتتۇرا دېڭىزدىن باشلىنىپ، خەتلوندىن ئۆتىدىغان يولنى بويلاپ، لىبو-خامات ئارقىلىق خازار-ئېنان شەھىرىگە تۇتاشسۇن. خازار-ئېنان دەمەشق بىلەن خاماتنىڭ ئوتتۇرىسىدىدۇر. دان قەبىلىسىنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ.
Uyghur Latin Bible - (Muqeddes Kalam) 2010
Töwende qebililer nami boyiche tizimlinidu; shimal teripide Dan qebilisining bir ülüshi bar. Uning chégrisi Israil zéminining shimaliy chégrisimu bolidu; u Xetlonning yolini boylap, Xamat rayonigha kirish éghizighiche we Hazar-Énan shehirigiche sozulghan (Hazar-Énan Demeshq chégrisigha yandash bolup, Demeshqning shimaliy teripidiki Xamat shehirining yénida). Uning ülüshi sherqtin gherbkiche sozulghandur.