Jeremiah 46:27 — Compare Translations
2 translations compared side by side
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
ئەي خىزمەتكارلىرىم بولغان ياقۇپ ئەۋلادلىرى، قورقماڭلار. ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، ۋەھىمىگە چۈشمەڭلار. مەن سىلەر ۋە ئەجدادلىرىڭلارنى سىلەر سۈرگۈن قىلىنغان يىراق زېمىنلاردىن قايتۇرۇپ كېلىمەن. ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆز زېمىنىغا قايتىپ، تىنچ-خاتىرجەم تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلارنى ھېچكىم قورقۇتمايدۇ.
Uyghur Latin Bible - (Muqeddes Kalam) 2010
Lékin sen, i qulum Yaqup, qorqma, alaqzade bolma, i Israil; chünki mana, Men séni yiraq yurttin, neslingni sürgün bolghan zémindin qutquzup chiqirimen; shuning bilen Yaqup qaytip, xatirjemlik we arambexshte turidu, héchkim uni qorqutmaydu.