bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
1 Corinthians 15
1 Corinthians 15
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 14
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 16 →
1
قېرىنداشلار، ئىلگىرى مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن، سىلەرمۇ قوبۇل قىلىپ ئېتىقادىڭلارنىڭ ئاساسى قىلغان خۇش خەۋەرنى ئېسىڭلارغا سالماقچىمەن.
2
مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن خۇدانىڭ بۇ ھەقىقىتىدە چىڭ تۇرساڭلار، ئۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىسىلەر. ئۇنداق بولمىغاندا، بىھۇدە ئېتىقاد قىلغان بولىسىلەر.
3
مەن قوبۇل قىلغان ئەڭ مۇھىم تەلىمنى سىلەرگە يەتكۈزدۈم. بۇ تەلىم شۇكى، مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن يېزىلغىنىدەك، ئەيسا مەسىھ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن قۇربان بولدى. ئۇ دەپنە قىلىنىپ، ئۈچىنچى كۈنى بولغاندا ئۆلۈمدىن تىرىلىپ،
5
ئاۋۋال پېترۇسقا، ئاندىن كېيىن ئون ئىككى ئەلچىنىڭ ئىچىدىكى باشقىلارغىمۇ كۆرۈندى.
6
كېيىن، بىرلا ۋاقىتتا بەش يۈزدىن ئارتۇق قېرىنداشقا كۆرۈندى. بۇ قېرىنداشلارنىڭ بەزىلىرى ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، كۆپچىلىكى تېخى ھايات.
7
ئەيسا مەسىھ كېيىن ئىنىسى ياقۇپقا، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەممە ئەلچىلەرگە، ئەڭ ئاخىرىدا خۇددى ۋاقىتسىز تۇغۇلغان بوۋاقتەك كۆرۈمسىز بولغان ماڭىمۇ كۆرۈندى.
9
مەن ئەلچىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس ئەلچىمەن ھەمدە خۇدانىڭ جامائەتچىلىكىگە زىيانكەشلىك قىلغانلىقىم ئۈچۈن، ئەلچى دەپ ئاتىلىشقىمۇ لايىق ئەمەسمەن.
10
لېكىن، ھازىر ئەلچى بولۇشۇم خۇدانىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق بولدى. ئۇنىڭ ماڭا قىلغان مېھىر-شەپقىتى بىكارغا كەتمىدى. چۈنكى، خۇدانىڭ خىزمىتىدە ئەلچىلەرنىڭ ھەممىسىدىن كۆپ ئەجىر سىڭدۈردۈم. ئەمەلىيەتتە، مەن ئۆز كۈچ-قابىلىيىتىم بىلەن ئەمەس، بەلكى ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەن خۇدانىڭ كۈچى بىلەن ئىشلىدىم.
11
دېمەك، مەيلى مەن ياكى باشقا ئەلچىلەر بولسۇن، ھەممىمىزنىڭ يەتكۈزگەنلىرى ئوخشاش بولۇپ، ئۇ دەل سىلەر ئىشىنىپ قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەردۇر.
12
ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلگەنلىكى سىلەرگە يەتكۈزۈلگەن تۇرۇقلۇق، يەنە نېمە ئۈچۈن ئاراڭلاردا بەزىلەر «ئۆلگەنلەر قايتا تىرىلمەيدۇ» دەيدۇ؟
13
ئەگەر ئۆلگەنلەر قايتا تىرىلىدىغان ئىش بولمىسا، ئەيسا مەسىھنىڭ تىرىلىشىمۇ مۇمكىن بولمىغان بولاتتى.
14
ئەيسا مەسىھ تىرىلمىگەن بولسا، بىزنىڭ يەتكۈزگەن تەلىملىرىمىز ۋە سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار بىھۇدە بولۇپ كېتەتتى.
15
ھەتتا بىزنىڭ خۇدا توغرىسىدىكى گۇۋاھلىقىمىزمۇ يالغان بولغان بولاتتى. چۈنكى، بىز خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردۇق. ئەگەر ھەقىقەتەن ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولمىسا، خۇدامۇ ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرمىگەن بولاتتى.
16
ئەگەر ئۆلگەنلەر قايتا تىرىلىدىغان ئىش بولمىسا، ئەيسا مەسىھنىڭمۇ تىرىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
17
ئەيسا مەسىھ تىرىلمىگەن بولسا، ئېتىقادىڭلار ئەھمىيەتسىز بولۇپ، گۇناھلىرىڭلار تېخىچە كەچۈرۈلمىگەن بولاتتى.
18
ئۇ چاغدا، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان ھەم تۈگەپ كەتكەن قېرىنداشلارمۇ دوزاخقا چۈشكەن بولاتتى.
19
ئەگەر پەقەت بۈگۈنكى ھايات ئۈچۈنلا ئەيسا مەسىھكە ئۈمىد باغلىغان بولساق، ئۇ چاغدا بىز بۇ دۇنيادىكى ھەرقانداق بىچارە كىشىلەردىنمۇ بىچارە بولۇپ قالغان بولىمىز.
20
لېكىن، ئەمەلىيەتتە ئەيسا مەسىھ ئۆلۈمدىن تىرىلدى. ئۇنىڭ تىرىلىشى ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
21
چۈنكى، ئۆلۈم بىر ئادەم، يەنى ئادەم~ئاتا ئارقىلىق دۇنيادا پەيدا بولغىنىدەك، ئۆلۈمدىن تىرىلىشمۇ بىر ئادەم، يەنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق پەيدا بولدى.
22
پۈتكۈل ئىنسان ئادەم~ئاتىنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئوخشاشلا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىندى. لېكىن، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان بىزلەر ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش ئۆلۈمدىن تىرىلىمىز.
23
بىراق، ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆز نۆۋىتى بار. ئالدى بىلەن كاپالەتچى بولغان ئەيسا مەسىھ تىرىلدى، ئاندىن كېيىن ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەندە ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولغانلار تىرىلىدۇ.
24
ئاندىن، قىيامەت كۈنى كېلىدۇ. شۇ چاغدا، ئەيسا مەسىھ يامان روھلاردىن ئىبارەت بولغان بارلىق ھۆكۈمرانلار، ھوقۇقدارلار ۋە كۈچلۈكلەرنى يوقىتىپ، پادىشاھلىقىنى ئاتىمىز خۇداغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.
25
ئەيسا مەسىھ پۈتكۈل دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئايىغى ئاستىدا تىز پۈكتۈرگۈچە ھۆكۈم سۈرۈشى كېرەك.
26
يوقىتىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى دۈشمەن ئۆلۈمدۇر.
27
مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا ھەممىنى ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىدا تىز پۈكتۈردى» دېيىلىدۇ. بۇ يەردە ئېيتىلغان «بارلىقىنى ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىدا تىز پۈكتۈردى» دېگەن سۆزنىڭ خۇدانى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقى ئېنىقتۇر.
28
پۈتكۈل مەۋجۇدات ئەيسا مەسىھكە تىز پۈككەندە، خۇدانىڭ ئوغلى، يەنى ئەيسا مەسىھمۇ پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئۆزىگە تىز پۈكتۈرۈپ بەرگەن خۇداغا تىز پۈكىدۇ. شۇ چاغدا، خۇدا ھەممىسىگە نىسبەتەن ھەقىقەتەن باشقۇرغۇچى بولىدۇ.
29
ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولمىسا، بەزىلەرنىڭ ئۆلگەنلەر ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلۈشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ ئۆلگەنلەر زادى تىرىلمىسە، كىشىلەرنىڭ ئۇلار ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلگىنى بىكار بولىدۇ.
30
بىز نېمە ئۈچۈن ھەر دائىم ئۆزىمىزنى خەتەرگە ئاتايمىز؟
31
مېنىڭ ھەر كۈنى ئۆلۈمگە دۇچ كېلىۋاتقىنىم راست! قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردا شۇنداق كۆپ ئىشلارنى قىلغانلىقى بىلەن پەخىرلەنگىنىمنىڭ راستلىقىغا ئوخشاش، بۇ سۆزۈمنىڭمۇ ھەرگىز يالغان يېرى يوقتۇر.
32
مەن ئەفەس شەھىرىدە يىرتقۇچ ھايۋانلارغا ئوخشاش ئاشۇ رەقىبلەر بىلەن ئېلىشتىم. ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولمىسا، مېنىڭ شۇنداق قىلغىنىمنىڭ نېمە پايدىسى بولاتتى؟ ئەگەر ئۆلگەنلەر تىرىلمىسە، ئۇنداقتا «بەرىبىر ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغان بولغاندىن كېيىن، يەپ-ئىچىپ يۈرۈۋالايلى» دېگەن سۆز يوللۇق بولاتتى!
33
مۇنداق سۆزلەرگە ئالدانماڭلار، چۈنكى «يامان بىلەن دوست بولساڭ، ياخشى ئەخلاقنى بۇزار.»
34
ئەقىل-ھوشۇڭلارنى تېپىپ، گۇناھ قىلىشتىن قول ئۈزۈڭلار. بەزىلىرىڭلار خۇدانى تېخىچە تونۇمايسىلەر. بۇ سۆزنى سىلەرنى خىجىل بولسۇن، دەپ ئېيتىۋاتىمەن.
35
لېكىن بەزىلەر: «ئۆلگەنلەر قانداق تىرىلىدۇ؟ ئەگەر ئۆلگەن ئادەم تىرىلسە، ئۇنىڭ تېنى قانداق بولىدۇ؟» دەپ سورىشى مۇمكىن.
36
نېمىدېگەن ئەخمىقانە سوئال! ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى خۇددى ئۇرۇقنىڭ توپىغا تاشلىنىپ قۇربان بولۇپ، قايتا بىخ سۈرۈپ چىققىنىغا ئوخشايدۇ.
37
دېھقان ئۇرۇقنى تېرىغىنىدا، ئۈنۈپ چىقىدىغان ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆزىنى ئەمەس، پەقەت ئۇرۇقىنى، مەسىلەن بۇغداي ياكى باشقا بىر ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقىنى تېرىيدۇ.
38
خۇدا بولسا ئۆز خاھىشى بويىچە ئاشۇ ھەربىر ئۇرۇقنىڭ ئۆز نەسلىگە خاس تەنلىرىنى بېرىدۇ.
39
ھەربىر ئۇرۇقنىڭ تېنى ئوخشاش بولمىغاندەك، ھەممە جانلىقلارنىڭ تېنىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشاش بولمايدۇ. ئىنسانلارنىڭ، ھايۋانلارنىڭ، قۇشلارنىڭ ۋە بېلىقلارنىڭ تېنى بىر-بىرىگە ئوخشاش ئەمەس.
40
ئاسماندا جىسىملار بار، يەردىمۇ جىسىملار بار. ئاسماندىكى جىسىملارنىڭ گۈزەللىكى باشقىدۇر، يەردىكى جىسىملارنىڭمۇ گۈزەللىكى باشقىدۇر.
41
قۇياشنىڭ گۈزەللىكى، ئاينىڭ گۈزەللىكى ۋە يۇلتۇزلارنىڭ گۈزەللىكىمۇ باشقا-باشقىدۇر. گۈزەللىكتە يۇلتۇزمۇ يۇلتۇزدىن پەرقلىنىدۇ.
42
شۇنىڭغا ئوخشاش، تىرىلدۈرۈلگەندىن كېيىنكى تېنىمىز ئۆلگەندىن كېيىنكى تېنىمىزگە ئوخشىمايدۇ. كۆمۈلگەن تېنىمىز چىرىپ كېتىدۇ، لېكىن تىرىلدۈرۈلگەن تېنىمىز بولسا مەڭگۈ چىرىمەيدۇ.
43
تېنىمىز شەرەپسىز ھالدا ئاجىزلىقتا كۆمۈلىدۇ لېكىن، شان-شەرەپ ۋە قۇدرەتتە تىرىلدۈرۈلىدۇ.
44
تېنىمىز جىسمانىي تەن ھالىتىدە كۆمۈلىدۇ. لېكىن، ئالاھىدە بىر تەن ھالىتىدە تىرىلدۈرۈلىدۇ. بۇ دۇنياغا خاس جىسمانىي تېنىمىز بولغىنىدەك، ئۇ دۇنياغا خاس ئالاھىدە تېنىمىزمۇ بار بولىدۇ.
45
بۇ دۇنياغا خاس تەن توغرۇلۇق مۇقەددەس يازمىلاردا: «تۇنجى ئىنسان، يەنى ئادەم~ئاتىغا ھاياتلىق بېرىلدى» دەپ يېزىلغان. ئاخىرقى ئادەم~ئاتا، يەنى ئەيسا مەسىھ بولسا ئۇ دۇنيادا ياشىشىمىز ئۈچۈن بىزگە مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بەردى.
46
ئەڭ ئاۋۋال پەيدا بولغان تەن ئۇ دۇنياغا خاس تەن ئەمەس، بەلكى بۇ دۇنياغا خاس تەندۇر. كېيىن پەيدا بولغان تەن بولسا ئۇ دۇنياغا خاس ئالاھىدە بىر تەندۇر.
47
دەسلەپكى ئىنسان يەردىن، يەنى توپىدىن يارىتىلدى. كېيىنكى ئىنسان، يەنى ئەيسا مەسىھ ئەرشتىن كەلدى.
48
بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ئىنسانلار توپىدىن يارىتىلغان ئادەم~ئاتىغا ئوخشايدۇ. مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدىغانلار بولسا ئەرشتىن كەلگەن ئەيسا مەسىھكە ئوخشايدىغان بولىدۇ.
49
بىزلەر توپىدىن يارىتىلغان ئادەم~ئاتىغا قانداق ئوخشاش بولساق، كەلگۈسىدە ئەرشتىن كەلگەن ئەيسا مەسىھكىمۇ شۇنداق ئوخشاش بولىمىز.
50
قېرىنداشلار، شۇنى دېمەكچىمەنكى، بىزنىڭ گۆش ۋە قاندىن تۆرەلگەن جىسمانىي تېنىمىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدۇ. بىزنىڭ ئۆلۈپ چىرىيدىغان تېنىمىز مەڭگۈ ياشىيالمايدۇ.
51
ئەمدى خۇدا ماڭا ئاشكارىلىغان ھەقىقەتنى سىلەرگە ئېيتاي. ھەممىمىزلا ئۆلمەيمىز، بىراق ھەممىمىز پۈتۈنلەي ئۆزگىرىمىز.
52
بۇ ئىش ئەڭ ئاخىرقى كاناي چېلىنغاندا، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىر دەمدىلا يۈز بېرىدۇ. كاناي چېلىنىشى بىلەنلا، ئۆلگەن ئېتىقادچىلار چىرىمەس تەن بىلەن تىرىلىدۇ، بىزلەرمۇ ئۆزگىرىمىز.
53
چۈنكى، بۇ چىرىيدىغان تېنىمىز چىرىمەيدىغان تەنگە، بۇ ئۆلىدىغان تېنىمىز ئۆلمەيدىغان تەنگە ئايلىنىشى كېرەك.
54
چىرىيدىغان ۋە ئۆلىدىغان تېنىمىز چىرىمەيدىغان ۋە ئۆلمەيدىغان تەنگە ئايلانغاندا، مۇقەددەس يازمىلاردىكى ئالدىن ئېيتقان بۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ: «ئۆلۈم يېڭىلىپ، يوق بولدى!»
55
«ئەي ئۆلۈم، غەلىبەڭ يوق ئەمدى! ئەي ئۆلۈم، نەشتىرىڭ يوق ئەمدى!»
56
ئۆلۈمنىڭ نەشتىرى - گۇناھتۇر. گۇناھنىڭ كۈچى بولسا بىزنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلمىغانلىقىمىزدىن پەيدا بولىدۇ.
57
لېكىن، خۇداغا شۈكۈر! چۈنكى خۇدا رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزنى ئۆلۈم ۋە گۇناھ ئۈستىدىن غەلىبىگە ئېرىشتۈردى.
58
شۇنىڭ ئۈچۈن، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، ئېتىقادىڭلاردا تەۋرەنمەي، چىڭ تۇرۇڭلار. رەببىمىزگە ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلىڭلار. رەببىمىز ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىڭلارنىڭ ھەرگىز بىھۇدە كەتمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىڭلار.
← Chapter 14
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 16 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16