bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
1 Corinthians 16
1 Corinthians 16
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 15
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
1
خېتىڭلاردا يازغان يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلارغا بېرىلىدىغان ئىئانە ئىشىغا كەلسەك، سىلەرمۇ گالاتىيا ئۆلكىسىدىكى جامائەتچىلىكلەرگە ئېيتقىنىمدەك قىلىڭلار.
2
ھەر يەكشەنبە كۈنى، ھەربىرىڭلار ھەپتىلىك تاپاۋىتىڭلارغا قاراپ، ئۇنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئىئانىگە ئاجرىتىپ توپلاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا پۇل توپلىنىپ بولغان بولىدۇ.
3
مەن يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، ئىئانەڭلارنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۆزۈڭلار تاللىغان كىشىلەرنى تونۇشتۇرۇش خېتىم بىلەن يېرۇسالېمدىكى جامائەتچىلىكنىڭ يېتەكچىلىرىگە ئەۋەتىمەن.
4
ئەگەر ئۆزۈمنىڭ بېرىشىغا توغرا كەلسە، ئۇلار بىلەن بىللە بارىمەن.
5
ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە بارغاندىن كېيىن، يېنىڭلارغا بارىمەن. چۈنكى، ماكېدونىيىدىن ئۆتمەكچىمەن.
6
بەلكىم يېنىڭلاردا بىر مەزگىل تۇرۇشۇم ۋە ھەتتا قىشنى سىلەر بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈشۈممۇ مۇمكىن. كېيىن قەيەرگە بارماقچى بولسام، سىلەر ياردەم قىلىپ، مېنى يولغا سېلىپ قويارسىلەر.
7
بۇ قېتىم سىلەرنى يول ئۈستىدىلا كۆرۈپ ئۆتۈپ كېتىشنى خالىمايمەن. خۇدا بۇيرۇسا، سىلەر بىلەن ئۇزۇنراق ۋاقىت بىللە بولىمەن.
8
لېكىن، ئورما ھېيتىغىچە ئەفەس شەھىرىدە داۋاملىق تۇرماقچىمەن.
9
چۈنكى، بۇ يەردە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ماڭا ئىشىك كەڭ ئوچۇقتۇر. كۆپ كىشىلەر ئۇنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. لېكىن، خۇش خەۋەرگە قارشى تۇرۇۋاتقانلارمۇ كۆپ بولۇۋاتىدۇ.
10
تىموتىي يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەر بىلەن بىللە تۇرغاندا، ئۇنىڭ قورقماي، ئەركىن-ئازادە بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈڭلار. چۈنكى، ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش، رەببىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
11
ھېچكىم ئۇنىڭغا سەل قارىمىسۇن. ھەممىڭلار ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ، ئۇنى يېنىمغا ساق-سالامەت يولغا سېلىپ قويۇڭلار. چۈنكى، ئۇنىڭ باشقا قېرىنداشلار بىلەن بىللە كېلىشىنى كۈتمەكتىمەن.
12
قېرىندىشىمىز ئاپوللوسقا كەلسەك، ئۇنى قېرىنداشلار بىلەن بىللە سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىشقا كۆپ دەۋەت قىلدىم. لېكىن، ئۇنىڭ ھازىر ھېچ بارغۇسى يوق. كېيىن پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە بارىدۇ.
13
قېرىنداشلار، ئېتىقاد يولىدا ھوشيار بولۇڭلار، ئېتىقادىڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار، مەردانە ۋە قەيسەر بولۇڭلار.
14
ھەممە ئىشنى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قىلىڭلار.
15
يۇنان ئۆلكىسىدىكى ئەڭ دەسلەپتە ئېتىقاد قىلغان ئىستىپاناس ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئېتىقادچىلارنىڭ خىزمىتىگە چىن دىلى بىلەن ئاتىغانلىقىنى بىلىسىلەر. قېرىنداشلار، سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، بۇنداق كىشىلەرنىڭ ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە رەببىمىزگە خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ سۆزلىرىگە كىرىڭلار.
17
يېنىڭلاردىن ئىستىپاناس، فورتۇنات ۋە ئاخايىكنىڭ بۇ يەرگە مېنى يوقلاپ كەلگەنلىكىگە ناھايىتى خۇش بولدۇم. چۈنكى، ھازىر سىلەر مەن بىلەن بىللە بولالمىغىنىڭلار ئۈچۈن، ئۇلار سىلەرنىڭ ئورنۇڭلاردا ماڭا ياردەم قىلدى.
18
ئۇلار سىلەرنى روھلاندۇرغاندەك، مېنىڭ قەلبىمنىمۇ روھلاندۇردى. بۇنداق كىشىلەرنى قەدىرلەڭلار.
19
بۇ يەردىكى، يەنى ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى جامائەتچىلىكلەردىن سىلەرگە سالام. ئاكۋىلا بىلەن ئايالى پرىسكىلا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە جەم بولىدىغان جامائەتچىلىك سىلەرگە رەببىمىزنىڭ نامى بىلەن سەمىمىي سالام يوللىدى.
20
بۇ يەردىكى بارلىق قېرىنداشلار سىلەرگە سالام ئېيتتى. بىر-بىرىڭلار بىلەن مېھرىبانلارچە سالاملىشىڭلار.
21
مانا ھازىر بۇ ئاخىرقى سالاملارنى مەنكى پاۋلۇس ئۆز قولۇم بىلەن يېزىۋاتىمەن.
22
رەببىمىزنى سۆيمىگەنلەرگە لەنەت بولسۇن. ئى رەببىمىز، كەلگەيسەن!
23
رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي.
24
ھەممىمىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، سىلەرنى چىن دىلىمدىن سۆيىمەن، ئامىن!
← Chapter 15
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16