bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Ephesians 1
Ephesians 1
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 2 →
1
خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولۇشقا تاللانغان مەنكى پاۋلۇستىن خۇدانىڭ ئەفەس شەھىرىدىكى مۇقەددەس خەلقى - ئەيسا مەسىھنىڭ سادىق ئەگەشكۈچىلىرىگە سالام.
2
خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!
3
خۇداغا، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسىغا مەدھىيىلەر ئوقۇلغاي! بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا بىزگە ئەرشتىكى بارلىق روھىي بەختنى ئاتا قىلدى.
4
خۇدا ئۆزىنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ پاك ۋە ئەيىبسىز بولۇشىمىز ئۈچۈن، دۇنيانى يارىتىشتىن بۇرۇنلا، بىزنى ئەيسا مەسىھكە باغلىنىشىمىز ئارقىلىق تاللىدى. خۇدا بىزنى سۆيگەچكە، بىزنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىگە پەرزەنت بولۇشىمىزنى ئۆز خۇش رايى بويىچە ئالدىنئالا بەلگىلىدى. بۇ، ئۇنىڭ ئىرادىسىدۇر.
6
شۇڭا، ئۇنىڭ چوڭقۇر مېھىر-شەپقىتىگە مەدھىيىلەر ئوقۇيمىز. بىز خۇدانىڭ سۆيۈملۈك ئوغلىغا مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا بۇنداق غايەت زور مېھىر-شەپقەتنى بىزگە شەرتسىز ئاتا قىلدى.
7
ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى گۇناھلىرىمىز بەدىلىگە تۆكۈلگەچكە، بىز گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئەركىن بولدۇق. گۇناھلىرىمىز كەچۈرۈم قىلىندى. بۇ، خۇدانىڭ بىزگە كۆرسەتكەن چوڭقۇر مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق بولدى.
8
خۇدا بىزگە بۇ مېھىر-شەپقەتنى چەكسىز ئەقىل-ئىدراك بىلەن ياغدۇرۇپ،
9
بۇرۇن ئاشكارىلىمىغان پىلانىنى بىزگە ئاشكارىلىدى. خۇدا خۇش رايى بىلەن بۇ پىلاننىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى ئالدىن بېكىتتى.
10
خۇدا بۇنى ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقتى يېتىپ كەلگەندە ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتنى بىرلىكتە ئەيسا مەسىھنىڭ باشقۇرۇشىغا قويىدۇ.
11
ھەممە ئىش خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بىز ئېتىقادچىلار خۇدانىڭ ئالدىن بەلگىلىگەن پىلانى بويىچە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا تەئەللۇق بولۇشقا تاللاندۇق.
12
بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۈمىدىمىزنى ئەيسا مەسىھكە ئەڭ ئاۋۋال باغلىغان بىزلەر ئارقىلىق شانۇشەۋكەتلىك خۇداغا مەدھىيىلەر ئېلىپ كېلىشتۇر.
13
سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ ھەقىقەتنى، يەنى ئۆزۈڭلارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشۇڭلار توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئەيسا مەسىھكە ئىشەندىڭلار ھەم ۋەدە قىلىنغان مۇقەددەس روھ بىلەن مۆھۈرلەندىڭلار. بۇ، خۇداغا مەنسۇپ بولغانلىقىڭلارنىڭ بەلگىسىدۇر.
14
خۇداغا تەئەللۇق بولغان بىز ھەممىمىز تاكى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇلغۇچە، قەلبىمىزدىكى مۇقەددەس روھ خۇدا بىزگە ۋەدە قىلغان مىراسقا ئېرىشىشىمىزگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇنىڭدىن مەقسەت، شانۇشەۋكەتلىك خۇداغا مەدھىيىلەر ئېلىپ كېلىشتۇر.
15
رەببىمىز ئەيساغا بولغان ئېتىقادىڭلارنى ۋە خۇدانىڭ بارلىق مۇقەددەس خەلقىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى ئاڭلىغىنىمدىن بۇيان، مەن دۇئالىرىمدا داۋاملىق سىلەر ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ، سىلەرنى ھەمىشە ئەسلىمەكتىمەن.
17
مەن شۇنداق دۇئا قىلىمەنكى، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدائاتىسى، يەنى شانۇشەۋكەتلىك خۇدائاتىمىز مۇقەددەس روھ ئارقىلىق سىلەرگە دانالىق ۋە چوڭقۇر چۈشەنچە ئاتا قىلىپ، ئۆزىنى تېخىمۇ تونۇتقاي!
18
قەلبىڭلار روشەن بولۇپ، خۇدانىڭ بىزنى قانداق ئۈمىدكە چاقىرغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ۋەدە قىلغان مىراسنىڭ قانچىلىك مول ۋە شانلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەيسىلەر.
19
شۇنداقلا، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچى بىزلەر ئۈچۈن خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ نەقەدەر قۇدرەتلىكلىكىنىمۇ چۈشەنگەيسىلەر. بۇ، دەل خۇدا ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئەرشتە ئۆزىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئولتۇرغۇزغاندا نامايان قىلغان بۈيۈك كۈچ-قۇدرەتتۇر.
21
خۇدا ئەيسا مەسىھنى پەقەت بۇ دۇنيادىلا ئەمەس، بەلكى ئۇ دۇنيادىمۇ بارلىق ھۆكۈمرانلار، ھوقۇقدارلار، رەزىل كۈچلەر، مەنسەپدارلار ۋە تىلغا ئالغىلى بولىدىغانلىكى ئەمەللەرنىڭ ئۈستىگە چىقاردى.
22
خۇدا كائىناتتىكى بارلىق مەۋجۇداتنى ئەيسا مەسىھنىڭ ئايىغى ئاستىدا تىز پۈكتۈرۈپ، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئۈچۈن ئۇنى بارلىق مەۋجۇداتقا باش قىلىپ بەردى.
23
ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئەيسا مەسىھنىڭ تېنى بولۇپ، بۇ تەن ئۇ تەرىپىدىن تولۇقلىنىپ تۇرىدۇ. ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزى پۈتكۈل كائىناتنىڭ ھەر جەھەتتىن تولۇقلىغۇچىسىدۇر.
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 2 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6