bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Ezekiel 14
Ezekiel 14
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 13
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 15 →
1
بىر كۈنى ئىسرائىللارنىڭ بىرقانچە ئاقساقاللىرى يېنىمغا كېلىپ، ئالدىمدا ئولتۇردى.
2
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
3
_ ئەي ئادەم بالىسى، بۇ ئادەملەر قەلبلىرىدە بۇتقا تېۋىنىدىكەن، بۇ ئۇلار پۇتلىشىپ يىقىلىدىغان تاشتۇر. شۇنداق ئىكەن، مەن قانداقمۇ ئۇلارنىڭ مەندىن مەسلىھەت سورىشىغا يول قوياي؟
4
ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەگەر ئىسرائىل خەلقىدىن بىرسى ئۆزى پۇتلىشىپ يىقىلىدىغان بۇتقا چوقۇنۇپ، ئاندىن كېلىپ پەيغەمبەردىن مەسلىھەت سورىسا، مەن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قەلبىدىكى بۇتپەرەسلىكىگە يارىشا جاۋاب بەرگۈزىمەن.
5
مېنىڭ بۇنداق قىلىشىم ئىسرائىل خەلقىمنىڭ قەلبىنى قايتۇرۇپ كېلىشتۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇتقا چوقۇنۇپ، مەندىن يىراقلاپ كەتتى.»
6
شۇڭا ئىسرائىل خەلقىگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «توۋا قىلىڭلار، بۇتلىرىڭلار ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭلاردىن يىراق تۇرۇڭلار.
7
ئىسرائىللار ياكى ئىسرائىلىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان يات خەلقلەر مەندىن يىراقلىشىپ، قەلبلىرىدە ئۆزلىرى پۇتلىشىپ يىقىلىدىغان بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئاندىن كېلىپ پەيغەمبەردىن مەسلىھەت سورىسا، مەن پەرۋەردىگار ئۆزۈم جاۋاب بېرىمەن.
8
مەن ئۇلارغا قارشى چىقىمەن، ئۇلارنى خەلقنىڭ ئالدىدا مەسخىرىگە قويۇپ، باشقىلارغا ئىبرەت قىلىمەن. ئۇلارنى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.
9
ئەگەر پەيغەمبەر ئېزىپ، ئۆزى مەسلىھەت بەرسە، ئەگەر پەيغەمبەر ئېزىپ، خاتا مەسلىھەت بەرسە، ئۇنىڭغا خاتا مەسلىھەت بەرگۈزگۈچى مەن بولىمەن. ئۇنىڭغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرىمەن ۋە ئۇنى ئىسرائىل خەلقىم ئارىسىدىن يوقىتىمەن.
10
مەيلى پەيغەمبەر بولسۇن، مەيلى ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورىغۇچى بولسۇن، مەن ئۇلارنى ئوخشاش جازالايمەن.
11
شۇندىلا ئىسرائىل خەلقىم يولۇمدىن ئازمايدۇ ۋە ئۆزلىرىنى گۇناھلار بىلەن بۇلغىمايدۇ. ئۇلار مېنىڭ خەلقىم، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»
12
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
13
_ ئەي ئادەم بالىسى، ئەگەر بىرەر ئەلنىڭ خەلقى ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزسە، مەن ئۇلارغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرىمەن. ئۇلارنىڭ ئاشلىق مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن، يېرىنى ئاچارچىلىق قاپلايدۇ، ئادەملەر ۋە ھايۋانلار ھالاك بولىدۇ.
14
مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، ئۇ يەردە نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپلار ياشىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار ھەققانىيلىقى ئارقىلىق پەقەت ئۆزلىرىنىلا قۇتقۇزالايتتى.
15
ناۋادا مەن ئۇ يەرگە يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ئەۋەتسەم، يىرتقۇچ ھايۋانلار ئۇ يەردە خالىغانچە ئادەم ئۆلتۈرۈپ، ئۇ يەرنى ئادەم ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان قاقاسلىققا ئايلاندۇرۇپ قويسا،
16
مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ يەردە ئاشۇ ئۈچ ئادەم بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىلا قۇتقۇزالايتتى، بالا-چاقىلىرىنى قۇتقۇزۇشقا قادىر بولالمايتتى. ئۇ يەر يەنە قاقاس پېتى قالاتتى.
17
ئەگەر مەن ئۇ يەرگە دۈشمەن ئەۋەتىپ، قىلىچىم ئارقىلىق ئادەم ۋە ھايۋانلارنىمۇ ھالاك قىلسام،
18
مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ يەردە ئاشۇ ئۈچ ئادەم بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىلا قۇتقۇزالايتتى، بالا-چاقىلىرىنى قۇتقۇزۇشقا قادىر بولالمايتتى.
19
ئەگەر مەن ئۇ يەرگە ۋابا ئەۋەتسەم، قان تۆكۈش ئارقىلىق قەھرىمنى چاچسام، ئادەم ۋە ھايۋانلارنى قىرغىن قىلسام،
20
مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ يەردە نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپلار ياشىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەققانىيلىقى پەقەت ئۆزلىرىنىلا قۇتقۇزالايتتى، بالا-چاقىلىرىنى قۇتقۇزۇشقا قادىر بولالمايتتى.
21
مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «مەن يېرۇسالېم ئۈستىگە ئۇرۇش، ئاچارچىلىق، يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ھۇجۇمى ۋە ۋابا قاتارلىق بۇ تۆت خىل دەھشەتلىك ئاپەتنى ئەكېلىپ، ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنى نابۇت قىلسام، ئۇلارغا قانچىلىك ئېغىر كېلەر؟
22
لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بەزى ئوغۇل-قىزلار قېچىپ قۇتۇلۇپ، سىلەر تۇرغان يەرگە كېلىدۇ. سىلەر ئۇلارنىڭ بابىلدىكى يۈرۈش-تۇرۇشلىرى ۋە قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ، مېنىڭ يېرۇسالېمغا چۈشۈرگەن جازالىرىمنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىپ، تەسەللى تاپىسىلەر.
23
سىلەر ئۇلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ، مېنىڭ يېرۇسالېمنى سەۋەبسىزلا جازالىمىغانلىقىمدىن تەسەللى تاپىسىلەر. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»
← Chapter 13
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 15 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48