bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Ezekiel 30
Ezekiel 30
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 29
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 31 →
1
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
2
_ ئەي ئادەم بالىسى، ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، ئىگەم پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئۇ كۈن كېلىۋاتىدۇ، دەپ زار يىغلاڭلار!
3
ئۇ كۈنگە ئاز قالدى، مەن پەرۋەردىگارنىڭ جازا كۈنى كېلىشكە ئاز قالدى. ئۇ كۈن ھاۋانى قارا بۇلۇت قاپلايدىغان، ئەللەر جازالىنىدىغان كۈندۇر.
4
بىر قىلىچ مىسىرغا قارشى چىقىدۇ، كۇش ئېلى ۋەھىمىگە چۈشىدۇ. مىسىردا نۇرغۇن ئادەم ھالاك بولىدۇ ۋە دۈشمەنلەر مىسىرنىڭ بايلىقلىرىنى ئولجا ئالىدۇ. مىسىر يەر بىلەن يەكسان بولىدۇ.
5
كۇش، پۇئۇت، لۇد، لىۋىيە ۋە پۈتۈن ئەرەب زېمىنى، شۇنداقلا مىسىرنىڭ قالغان ئىتتىپاقداشلىرى مىسىر بىلەن بىرگە ئۇرۇشتا ۋەيران بولىدۇ.
6
مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹مىسىرنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى گۇمران بولىدۇ، مىسىرنىڭ پەخىرلەنگەن قوشۇنى ھالاك بولىدۇ. مىگدولدىن ئاسۋانغىچە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.
7
مىسىر چۆللەرنىڭ چۆلىگە، شەھەرلىرى خارابىلىكلەرنىڭ خارابىلىكىگە ئايلىنىدۇ.
8
مەن مىسىرغا ئوت قويۇپ، ئۇنىڭ بارلىق ئىتتىپاقداشلىرى ھالاك بولغاندا، ئاندىن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.
9
مەن ئۇ كۈنى غەمسىز ياشاۋاتقان كۇشلارغا ئەلچىلەرنى كېمە بىلەن ئەۋەتىپ، ئۇلارنى قورقۇنچقا سالىمەن، مىسىر ھالاك بولغان كۈنى ئۇلار ئالاقزادە بولۇپ تىترىشىدۇ. قاراپ تۇر، ئۇ كۈن چوقۇم كېلىدۇ!›.
10
مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹مەن بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قولى بىلەن مىسىرنىڭ قوشۇنلىرىنى يوقىتىمەن.
11
نىبۇكادنەزەر ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ئەللەرنىڭ قوشۇنلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ۋەھشىيلىرىدۇر. مەن ئۇلارنى مىسىر زېمىنىنى ۋەيران قىلىشقا ئەۋەتىمەن. ئۇلار قىلىچلىرىنى سۇغۇرۇپ، مىسىر زېمىنىنى جەسەت بىلەن تولدۇرىدۇ.
12
نىل دەرياسىنى قۇرۇتۇۋېتىمەن، ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى رەزىللەرگە تاپشۇرۇپ بېرىمەن. مىسىر زېمىنىنى ۋە ئۇ يەردىكى بارلىق نەرسىلەرنى ياتلارنىڭ قولى بىلەن ۋەيران قىلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›
13
مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹بۇتلارنى يوقىتىمەن، نوپ شەھىرىنىڭ بۇتلىرىنى ۋەيران قىلىمەن، مىسىردا ئەمدى ھۆكۈمران بولمايدۇ، مىسىرنى ۋەھىمىگە سالىمەن.
14
مىسىرنىڭ جەنۇبىنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن، زوئان شەھىرىگە ئوت قويىمەن، نو شەھىرىنى جازالايمەن.
15
مەن سىن شەھىرىگە، يەنى مىسىرنى قوغدايدىغان قورغانغا غەزىپىمنى ياغدۇرىمەن. نو شەھىرىنىڭ خەلقىنى يوقىتىمەن.
16
مىسىرغا ئوت قويىمەن، سىن شەھىرىنىڭ ئاھالىسى قاتتىق ئازابلىنىدۇ. نو شەھىرىنىڭ سېپىلىدىن ھۇجۇم بىلەن يوچۇق ئېچىلىدۇ. نوپ شەھىرى ھەر كۈنى ۋەھىمىگە چۈشىدۇ.
17
ئون ۋە پىبەسەت شەھەرلىرىنىڭ يىگىتلىرى جەڭدە ھالاك بولىدۇ، ئاھالىلىرى تۇتقۇن بولىدۇ.
18
مەن مىسىرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ۋەيران قىلغاندا، تاخپانخېس شەھىرىنى زۇلمەت قاپلايدۇ. ئۇنىڭ ماختىنىدىغان كۈچ-قۇدرىتى يوقىتىلىدۇ، شەھەرنى قارا بۇلۇتلار قاپلايدۇ، ئۇنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدىكى ئاھالىلىرى ئەسىر ئېلىنىدۇ.
19
مەن مۇشۇ يوللار بىلەن مىسىرنى چوقۇم جازالايمەن، شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.›»
20
سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 11-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
21
_ ئەي ئادەم بالىسى، مەن مىسىر پىرئەۋنى، يەنى پادىشاھىنىڭ بىلىكىنى سۇندۇردۇم، ھېچكىم ئۇنىڭ بىلىكىنى تېڭىپ قويمىدى، ھېچكىم ئاغرىقىغا شىپا بولمىدى. شۇڭا ئۇ قولىدا قىلىچ كۆتۈرگۈدەك كۈچلىنەلمىدى.
22
مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «مەن مىسىر پىرئەۋنىگە قارشى تۇرىمەن، ئۇنىڭ ئىككىلا بىلىكىنى سۇندۇرۇۋېتىمەن، يەنى ئىككىنچى بىلىكىنىمۇ سۇندۇرۇۋېتىمەن، قولىدىن قىلىچىنى چۈشۈرۈۋېتىمەن.
23
مەن مىسىرلىقلارنى ياقا يۇرتلارغا چېچىۋېتىمەن ۋە يات ئەللەرگە تارقىتىۋېتىمەن.
24
بابىل پادىشاھىنىڭ بىلەكلىرىگە كۈچ بېرىپ، قىلىچ تۇتقۇزىمەن، لېكىن مەن پىرئەۋننىڭ بىلەكلىرىنى سۇندۇرۇۋېتىمەن. پىرئەۋن ئۇنىڭ ئالدىدا ئېغىر يارىدار ئادەمدەك ئىڭرايدۇ.
25
بابىل پادىشاھىنىڭ بىلەكلىرىنى كۈچلۈك، پىرئەۋننىڭ بىلەكلىرىنى ئاجىز قىلىمەن. قىلىچىمنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. ئۇ قىلىچنى پۇلاڭلىتىپ، مىسىرغا ھۇجۇم قىلغاندا، مىسىرلىقلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.
26
مەن مىسىرلىقلارنى ياقا يۇرتلارغا چېچىۋېتىمەن ۋە يات ئەللەرگە تارقىتىۋېتىمەن، شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»
← Chapter 29
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 31 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48