bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Ezekiel 33
Ezekiel 33
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 32
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 34 →
1
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
2
_ ئەي ئادەم بالىسى، خەلقىڭگە مۇنداق دەپ ئېيت: «مەن بىر ئەلگە قارشى قىلىچ ئەۋەتسەم، ئۇ ئەل ئۆزلىرىگە بىر كۆزەتچى تەيىنلىسە ۋە
3
كۆزەتچى دۈشمەننىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بۇرغا چېلىپ خەلقنى ئاگاھلاندۇرسا،
4
لېكىن خەلق بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ، يەنىلا كۆزەتچىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا پىسەنت قىلماي، دۈشمەن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلسە، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شورىدۇر.
5
ئۇلار بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ، ئاگاھلاندۇرۇشقا پىسەنت قىلمىغانىكەن، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شورىدۇر. ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇشنى پىسەنتىگە ئالغان بولسا، جانلىرى ئامان قالغان بولاتتى.
6
لېكىن كۆزەتچى دۈشمەننىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، بۇرغا چېلىپ خەلقنى ئاگاھلاندۇرماي، خەلقنىڭ دۈشمەن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشىگە سەۋەبچى بولسا، گەرچە ئۆلگەنلەر ئۆزلىرىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ئۆلگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆزەتچىدىن ئۇلارنىڭ قان قەرزىنى سۈرۈشتە قىلىمەن.»
7
ئەي ئادەم بالىسى، مەن سېنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆزەتچىسى قىلدىم، مەندىن ئاڭلىغان سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇر.
8
ئەگەر مەن رەزىل كىشىگە: «ئەي رەزىل، سەن چوقۇم ئۆلىسەن» دېسەم، لېكىن سەن ئۇنىڭ يامان يولىدىن يېنىشىغا نەسىھەت قىلمىساڭ ياكى ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويمىساڭ، ئۇ گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ھالاك بولىدۇ. ئۇنداقتا مەن سەندىن ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن ھېساب ئالىمەن.
9
ئەگەر سەن ئۇنى يامان يولىدىن يېنىشىغا ئاگاھلاندۇرساڭ، لېكىن يامان يولىدىن يانمىسا، ئۇ ئۆزىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ھالاك بولىدۇ. لېكىن سەن بولساڭ ئۆزۈڭنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغان بولىسەن.
10
_ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىللارغا مۇنداق دەپ ئېيت: «سىلەر: ‹بىزنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھ ۋە سەۋەنلىكلىرىمىز يەلكىمىزدىدۇر. بىز بارغانسېرى ھالسىزلىنىپ كېتىۋاتىمىز، قانداقمۇ ھايات كەچۈرەلەيمىز؟› دەيسىلەر.»
11
مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، رەزىللەرنىڭ ھالاكىتىدىن خۇرسەن بولمايمەن، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ يامان يوللىرىدىن يېنىپ، ھايات قېلىشىنى خالايمەن. ئەي ئىسرائىل خەلقى، يېنىڭلار، يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىڭلار! نېمىشقا ئۆزۈڭلارنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىسىلەر؟
12
ئەي ئادەم بالىسى، خەلقىڭگە مۇنداق دەپ ئېيت: «ھەققانىي ئادەم گۇناھ قىلسا، ئۇنىڭ بۇرۇنقى ھەققانىيلىقى ئۇنى گۇناھىدىن قۇتقۇزالمايدۇ. رەزىل ئادەم رەزىللىكىدىن قول ئۈزسە، ئۇنىڭ بۇرۇنقى رەزىللىكى ئۇنى ھالاك قىلمايدۇ. ھەققانىي ئادەمنىڭ بۇرۇنقى ھەققانىيلىقى ئۇنىڭ كېيىن قىلغان گۇناھىدىن ھاياتىنى ساقلاپ قالالمايدۇ.
13
گەرچە مەن ھەققانىي ئادەمگە: ‹سەن چوقۇم ياشايسەن› دەپ ۋەدە بەرگەن بولساممۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ھەققانىيلىقىغا ئىشىنىپ ئادالەتسىزلىك قىلسا، مەن ئۇنىڭ ھەققانىي ئىشلىرىنى ھېسابقا ئالمايمەن. ئۇ قىلغان ئادالەتسىزلىكى سەۋەبىدىن ھالاك بولىدۇ.
14
گەرچە مەن رەزىل ئادەمگە: ‹سەن چوقۇم ئۆلىسەن› دېسەممۇ، لېكىن ئۇ گۇناھلىق ئىشلىرىدىن قول ئۈزۈپ، ئادىل ھەم دۇرۇس ئىشلارنى قىلسا،
15
گۆرۈگە ئالغان ۋە ئوغرىلىغان نەرسىنى ئىگىسىگە قايتۇرسا، ئىنسانغا ھاياتلىق بېرىدىغان قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلسا ۋە ئادالەتسىزلىك قىلمىسا، چوقۇم ھايات قالىدۇ، ھالاك بولمايدۇ.
16
ئۇنىڭ بۇرۇن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ، ئۇ ئادىل ھەم دۇرۇس ئىش قىلغانلىقى ئۈچۈن ھايات قالىدۇ.
17
خەلقىڭ: ‹ئىگىمىزنىڭ بۇنداق قىلىشى ئادالەتسىزلىكتۇر› دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئادالەتسىزلىك قىلىدۇ.
18
ئەگەر ھەققانىي ئادەم ھەق يولىدىن يېنىپ، ئادالەتسىزلىك قىلسا، چوقۇم ھالاك بولىدۇ.
19
ئەگەر رەزىل ئادەم رەزىللىكىدىن يېنىپ، ئادىل ھەم دۇرۇس ئىشلارنى قىلسا، ھايات قالىدۇ.
20
لېكىن سىلەر: ‹ئىگىمىزنىڭ بۇنداق قىلىشى ئادالەتسىزلىكتۇر› دەيسىلەر. ئەي ئىسرائىل خەلقى، مەن ھەربىرىڭلارنىڭ تۇتقان يوللىرىغا يارىشا ھۆكۈم چىقىرىمەن.»
21
سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 12-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى يېرۇسالېمدىن قېچىپ چىققان بىرى بابىلغا كېلىپ ماڭا: _ شەھەر گۇمران بولدى، _ دېدى.
22
شەھەردىن قېچىپ چىققۇچى كېلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن كېچىدە پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋۇجۇدۇمغا چۈشۈپ، مېنىڭ گەپ قىلىش ئىقتىدارىمنى قايتۇرۇپ بەرگەنىدى. ئۇ ئادەم ئەتىسى ئەتىگەندە ئالدىمغا كەلگەندە، مەن ئېغىزىمنى ئېچىپ گەپ قىلالىدىم.
23
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
24
_ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىلىيەدىكى ئاشۇ خارابە شەھەرلەردە قالغان كىشىلەر مۇنداق دەپ يۈرۈشۈپتۇ: «ئىبراھىم ئۆزى يالغۇز بۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ھەقلىق بولغان يەردە، بىز شۇنچە كۆپ بولغاندىكىن بۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا تېخىمۇ ھەقلىقمىز!»
25
لېكىن سەن ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «سىلەر قېنى بار گۆش يەيسىلەر، بۇتقا چوقۇنىسىلەر، ئادەم ئۆلتۈرىسىلەر، شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا نېمە ھەققىڭلار بار؟
26
سىلەر قىلىچقا تايىنىپ ياشايسىلەر، يىرگىنچلىك قىلمىشلارنى قىلىسىلەر، باشقىلارنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىنا قىلىسىلەر. شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا نېمە ھەققىڭلار بار؟»
27
سەن ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «مەن مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئاشۇ خارابە شەھەردە ياشاۋاتقانلار قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ، دالادا ماكان تۇتقانلارنى ياۋايى ھايۋانلارغا يەم قىلىمەن، قەلئە ۋە ئۆڭكۈرلەرگە مۆكۈنۈۋالغانلار ۋابادا ئۆلىدۇ.
28
بۇ زېمىننى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن، خەلقنىڭ ماختانغان كۈچى يوق بولىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرى شۇنداق قاقاسلىققا ئايلىنىدۇكى، ئۇ يەرگە ھېچكىم ئاياغ باسمايدۇ.
29
ئۇلارنىڭ قىلغان يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن بۇ زېمىننى قاقاسلىققا ئايلاندۇرغىنىمدىلا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»
30
ئەي ئادەم بالىسى، سېنىڭ خەلقىڭ كوچىلاردا ۋە ئىشىكلىرىنىڭ ئالدىدا سەن ھەققىدە: «پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا نېمە خەۋەرنى يەتكۈز دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ باقايلى» دېيىشمەكتە.
31
ئۇلار ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكىدەك ئالدىڭغا توپلىشىپ كېلىپ، گېپىڭنى ئاڭلىشىدۇ، تۇرقىدىن مېنىڭ خەلقىمگە ئوخشايدۇ. لېكىن ئۇلار ئەمەلىيەتتە گېپىڭگە ئەمەل قىلمايدۇ. ئۇلار ئېغىزلىرىدا تاتلىق سۆزلىسىمۇ، لېكىن قەلبلىرىدە ھارام بايلىققا ئىنتىلىدۇ.
32
سەن ئۇلارنىڭ نەزىرىدە پەقەت چىلتار چېلىپ، مۇھەببەت ناخشىسى ئېيتىدىغان غەزەلچى، خالاس. ئۇلار سېنىڭ سۆزلىرىڭنى ئاڭلىسىمۇ، لېكىن بىرىگىمۇ ئەمەل قىلمايدۇ.
33
مەن ساڭا ئېيتقان ھەممە ئىشلار جەزمەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ ئىشلار ئەمەلگە ئاشقاندا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا بىر پەيغەمبەرنىڭ بولغانلىقىنى بىلىشىدۇ.
← Chapter 32
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 34 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48