bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Ezekiel 34
Ezekiel 34
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 33
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 35 →
1
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
2
_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن ئىسرائىللارنىڭ يېتەكچىلىرىگە قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي پەقەت ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئىسرائىللارنىڭ يېتەكچىلىرى! قويچىلارنىڭ قويلىرى بىلەن كارى بولماسلىقى كېرەكمۇ؟!
3
قوينىڭ سۈتىنى ئىچىسىلەر، يۇڭىدا كىيىم كىيىسىلەر، سېمىزلىرىنى بوغۇزلايسىلەر، لېكىن قوي پادىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمايسىلەر.
4
ئاجىزلىرىغا قارىمايسىلەر، ئاغرىقلىرىنى داۋالىمايسىلەر، يارىلانغانلىرىنىڭ يارىلىرىنى تاڭمايسىلەر، ئېزىپ قالغانلىرىنى تېپىپ كەلمەيسىلەر، يوقاپ كەتكەنلىرىنى ئىزدىمەيسىلەر، ئەكسىچە ئۇلارنى قاتتىق باشقۇرۇپ، زۇلۇم قىلىسىلەر.
5
قويچى بولمىغاچقا، قويلار تارقىلىپ، ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولدى.
6
مېنىڭ قويلىرىم ھەممە تاغ ۋە ئېگىزلىكلەردە سەرسان بولۇپ يۈرىدۇ. ئۇلار پۈتۈن يەر يۈزىگە تارقىلىپ كەتتى، ھېچكىم ئۇلارنى ئىزدىمىدى.
7
شۇڭا ئەي قويچىلار، مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار.
8
مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەرنى چوقۇم جازالايمەن. مېنىڭ قويلىرىم قويچىسىز قېلىپ، يىرتقۇچ ھايۋانلارغا يەم بولماقتا. مېنىڭ قويچىلىرىم بولغان سىلەر قويلىرىمنى ئىزدىمىدىڭلار. سىلەر قويلىرىمنى باقماي، ئۆزۈڭلارنى باقتىڭلار.
9
شۇڭا ئەي قويچىلار، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار!
10
مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار دەيمەنكى، مەن سىلەرگە قارشى تۇرىمەن. سىلەرنى قويلىرىم ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىمەن. ئەمدى سىلەر قويلىرىمنى باقالمايسىلەر، شۇڭا ئۆزۈڭلارنىڭ ھالىدىنمۇ خەۋەر ئالالمايسىلەر. قويلىرىمنى ئاغزىڭلاردىن تارتىۋالىمەن، قويلىرىم ئەمدى سىلەرگە يەم بولمايدۇ.
11
مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەنكى، مەن ئۆزۈم قويلىرىمنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن.
12
قويلىرى تارقىلىپ كەتكەن قويچى قويلىرىنى قانداق ئىزدىگەن بولسا، مەنمۇ قويلىرىمنى شۇنداق ئىزدەيمەن. ئۇلار ئاپەتلىك، قاراڭغۇ كۈنلەردە تارقىلىپ كەتكەنىدى. مەن ئۇلارنى تارقىلىپ كەتكەن شۇ يەرلەردىن قۇتقۇزۇپ ئەكېلىمەن.
13
مەن ئۇلارنى تارقىلىپ كەتكەن ھەرقايسى يات ئەللەردىن يىغىپ، ئۆز زېمىنىغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. مەن ئۇلارنى ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرى، جىرالىرى ۋە ئادەم ياشايدىغان رايونلىرىدا باقىمەن.
14
مەن ئۇلارنى ياخشى ئوتلاقلاردا يايلىتىمەن. ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرى ئۇلارنىڭ يايلىقىغا ئايلىنىدۇ ۋە ئۇلار ياخشى يايلاقلاردا خاتىرجەم يېتىپ ئارام ئالىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىدىكى ياخشى ئوتلاقلاردا ئوتلايدۇ.
15
مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار دەيمەنكى، قويلىرىمغا ئۆزۈم قويچى بولىمەن ۋە ئۇلارنى يايلاقلاردا يايلىتىمەن.
16
ئېزىپ قالغانلىرىنى ئىزدەيمەن، تارقىلىپ كەتكەنلىرىنى يىغىمەن، يارىلانغانلىرىنىڭ يارىسىنى تاڭىمەن، ئاجىزلىرىنى كۈچلەندۈرىمەن. لېكىن باشقىلارنى بوزەك قىلىپ، ھارامدىن سەمرىگەن كۈچلۈكلىرىنى يوقىتىمەن. مەن پادىلىرىمنى ئادالەت بىلەن باقىمەن.
17
ئەي پادىلىرىم، مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، مەن سىلەرنى سوراق قىلىمەن، قوي بىلەن تېكىنى، ياخشى بىلەن ياماننى ئايرىيمەن.
18
ئەي تېكىلەر، سىلەر ئوتلىرى ئەلۋەك ئوتلاقلاردا ئوتلاپ تويمىدىڭلارمۇ؟! يەپ بولالمىغىنىڭلارنى دەسسەپ چەيلىشىڭلار كېرەكمىدى؟ سۈزۈك سۇلارنى ئىچىپ قانغاندىن كېيىن، يەنە ئۇنى كېچىپ لېيىتىشىڭلار كېرەكمىدى؟!
19
مېنىڭ قويلىرىم سىلەر چەيلىۋەتكەن چۆپنى يېيىشى، سىلەر لېيىتىۋەتكەن سۇنى ئىچىشى كېرەكمۇ؟!
20
شۇڭا مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، مەن سېمىز قويلار بىلەن ئورۇق قويلارنى ئايرىپ سوراق قىلىمەن.
21
سېمىز قويلار بىقىنى ۋە يەلكىسى بىلەن ئورۇق قويلارنى ئىتتىرىپ، مۈڭگۈزى بىلەن ئۈسمەكتە.
22
شۇڭا مەن قويلىرىمنى قۇتقۇزىمەن. ئەمدى ئۇلار ئولجا بولمايدۇ. مەن قويلار ئارىسىدا ئادالەت ئورنىتىمەن.
23
ئۇلارغا خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن بىر قويچى تەيىنلەيمەن. ئۇ ئۇلارغا قويچى بولۇپ، ئۇلارنى باقىدۇ.
24
مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇ خىزمەتكارىم داۋۇتقا ئوخشاش ئۇلارنىڭ پادىشاھى بولىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
25
مەن ئۇلار بىلەن تىنچلىق ئەھدىسى تۈزۈپ، بۇ زېمىندىن يىرتقۇچ ھايۋانلارنى يوقىتىمەن. شۇندىلا ئۇلار دالالاردا بىخەتەر ياشايدۇ، ئورمانلاردا تىنچ-ئامان ئۇخلايدۇ.
26
مەن ئۇلارنى بەختكە ئېرىشتۈرىمەن ۋە تېغىمنىڭ تۆت ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلىمەن. ئۇلارغا پەسىل يامغۇرى ياغدۇرۇپ، بەخت ئاتا قىلىمەن.
27
باغلار مېۋىلەيدۇ، ئېتىزلار ھوسۇل بېرىدۇ، خەلقىم ئۆز يۇرتلىرىدا خاتىرجەم ياشايدۇ. مەن ئۇلارنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى سۇندۇرۇپ تاشلايمەن. ئۇلارنى قۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىمەن. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.
28
ئۇلار ئەمدى باشقا ئەللەرنىڭ ئولجىسى بولمايدۇ ھەم يىرتقۇچ ھايۋانلارغا يەم بولمايدۇ. ئۇلار خاتىرجەم ياشايدۇ، باشقىلار ئەمدى ئۇلارغا قورقۇنچ سالمايدۇ.
29
ئۇلارغا مۇنبەت زېمىن ئاتا قىلىمەن. ئۇلار ئەمدى ئاچلىق ئازابىنى تارتمايدۇ ھەم باشقا ئەللەرنىڭ خورلىشىغا ئۇچرىمايدۇ.
30
شۇندىلا ئىسرائىل خەلقى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ مېنىڭ خەلقىم ئىكەنلىكىنى بىلىشىدۇ. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
31
ئەي ئىسرائىللار، سىلەر مېنىڭ يايلىقىمدىكى پادىلىرىمدۇرسىلەر. سىلەر مېنىڭ خەلقىم، مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»
← Chapter 33
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 35 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48