bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Ezekiel 41
Ezekiel 41
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 40
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 42 →
1
ئاندىن ئۇ ئادەم مېنى ئاساسىي خانىغا باشلاپ كىردى ۋە تاشقىرىقى خانا بىلەن ئاساسىي خانىنى ئايرىپ تۇرىدىغان تامنى، يەنى ئىشىكنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تاملارنى ئۆلچىدى، تامنىڭ قېلىنلىقى 3 مېتىر ئىدى.
2
ئىشىكنىڭ كەڭلىكى 5 مېتىر، ئىككى تەرىپىدىكى تاملارنىڭ كەڭلىكلىرى 2.5 مېتىردىن ئىدى. ئۇ ئادەم ئاساسىي خانىنىمۇ ئۆلچىدى. خانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 مېتىر، كەڭلىكى 10 مېتىر ئىدى.
3
ئاندىن ئۇ ئادەم ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئىشىكىگە كېلىپ، ئىككى تەرىپىدىكى تاملارنى ئۆلچىدى. تامنىڭ قېلىنلىقى 1 مېتىر ئىدى. ئىشىكنىڭ كەڭلىكى 3 مېتىر، ئىككى تەرىپىدىكى تاملارنىڭ كەڭلىكلىرى 3.5 مېتىردىن ئىدى.
4
ئۇ يەنە ئىچكىرىكى خانىنىمۇ ئۆلچىدى. ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكىمۇ 10 مېتىردىن ئىدى. ئۇ ماڭا: _ بۇ ئەڭ مۇقەددەس خانىدۇر، _ دېدى.
5
ئاندىن ئۇ سىرتقا چىقىپ، ئىبادەتخانىنىڭ سىرتقى تاملىرىنى ئۆلچىدى، تاملارنىڭ ئاستىنقى قىسمىنىڭ قېلىنلىقى 3 مېتىر ئىدى. ئىبادەتخانىنىڭ ئۈچ ئەتراپىدا تاملارغا يانداشتۇرۇپ سېلىنغان يان خانىلار بار ئىدى. پەستىكى خانىلارنىڭ كەڭلىكى 2 مېتىردىن بولۇپ،
6
بۇ يان خانىلار ئۈچ قەۋەت قىلىپ سېلىنغانىدى. ھەربىر قەۋىتىدە ئوتتۇز خانا بار ئىدى. ئىبادەتخانىنىڭ تېمىنىڭ سىرتقى قىسمى ئۈچ بالداق شەكلىدە ياسالغان بولۇپ، بۇ بالداقلار خانىلارنىڭ ئۆگزە لىملىرىنى قويىدىغانغا يۆلەك بولغانىدى. شۇڭا يان خانىلارنىڭ ئۆگزە لىملىرىنى ئىبادەتخانا تاملىرىغا كىردۈرۈشكە ھاجەت بولمىغانىدى.
7
بۇ يان خانىلار ئۈستۈنكى قەۋىتىگە چىققانچە كېڭىيىپ باراتتى، چۈنكى ئىبادەتخانىنىڭ تېمىنىڭ ئاستى قېلىن بولۇپ، ئۈستىگە چىققانچە تارىيىپ باراتتى. پەلەمپەي ئارقىلىق ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قەۋىتىگە چىققىلى بولاتتى.
8
ئىبادەتخانا ۋە يان خانىلارنىڭ 3 مېتىر ئېگىزلىكتىكى سۇپىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى كۆردۈم.
9
يان خانىلارنىڭ سىرتقى تېمىنىڭ قېلىنلىقى 2.5 مېتىر ئىدى. ئىبادەتخانا بىلەن ئىككى تەرىپىدىكى خانىلارنىڭ ئارىلىقىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا كەڭلىكى 10 مېتىردىن بولغان بوش يەر بار ئىدى. ئىبادەتخانىنىڭ ئارقىسىدىمۇ كەڭلىكى 10 مېتىر بولغان بوش يەر بار ئىدى.
11
ئىبادەتخانىغا يانداشتۇرۇپ سېلىنغان يان خانىلارغا كىرىدىغان ئىككى ئىشىك بولۇپ، بىرى شىمالدا، يەنە بىرى جەنۇبتا ئىدى. سۇپا ئىبادەتخانا ۋە يان خانىلاردىن 2.5 مېتىر كەڭلىكتە چىقىپ تۇراتتى.
12
ئىبادەتخانىنىڭ غەربىي تەرىپىدە، يەنى ئارقىسىدىكى بوش يەردىن كېيىن چوڭ بىر ئىمارەت بار ئىدى. ئىمارەتنىڭ ئىچىنىڭ كەڭلىكى 35 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 45 مېتىر، تېمىنىڭ قېلىنلىقى 2.5 مېتىر ئىدى.
13
ئاندىن ئۇ كىشى ئىبادەتخانىنى سىرتىدىن ئۆلچىدى، ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىر ئىدى. ئىبادەتخانىنىڭ كەينى تېمىدىن غەربىي ئىمارەتنىڭ ئاخىرقى تېمىغىچە بولغان ئارىلىق 50 مېتىر ئىدى.
14
ئىبادەتخانىنىڭ شەرق تەرىپىنىڭ كەڭلىكى ئىككى يان تەرىپىدىكى بوش يەرنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا 50 مېتىر ئىدى.
15
ئۇ كىشى ئىبادەتخانىنىڭ كەينىدىكى بوش يەردىن كېيىن ياسالغان ئىمارەتنى ئىككى تەرىپىدىكى پېشايۋان بىلەن قوشۇپ ئۆلچىدى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىر ئىدى. ئىبادەتخانىنىڭ تاشقىرىقى، ئاساسىي ۋە ئىچكىرىكى خانىلىرىنىڭ
16
تاملىرى يەردىن پەنجىرىلىرىگىچە بولغان ئارىلىقى تاختاي بىلەن قاپلانغان بولۇپ، تاملارنىڭ ئوتتۇرىسىغا گىرۋەك چىقىرىلغانىدى، پەنجىرىلەرنى ئېچىپ ياپقىلى بولاتتى.
17
ئىبادەتخانىنىڭ ئاساسىي ۋە ئىچكىرىكى خانىلىرىنىڭ تاملىرىغا شۇنداقلا ئاساسىي خانىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە
18
كېرۇب ۋە خورما دەرەخلىرىنىڭ شەكىللىرى بىر كېرۇب، بىر خورما دەرىخى شەكلىدە ئۆلچەملىك ھالدا نەقىشلەنگەنىدى. كېرۇبلار ئىككى يۈزلۈك بولۇپ،
19
بىر يۈزى ئادەمنىڭكىگە، يەنە بىر يۈزى شىرنىڭكىگە ئوخشايتتى. ئۇلار ئىككى تەرىپىدىكى خورما دەرەخلىرىگە قارىشىپ تۇراتتى. ئىبادەتخانىدىكى تاملارنىڭ ھەممىسى
20
يەردىن ئىشىكنىڭ ئۈستىگىچە دەل مۇشۇنداق شەكىلدە ئىدى.
21
ئاساسىي خانىنىڭ ئىشىكىنىڭ كېشىكى تۆت چاسا ئىدى. ئاساسىي خانىدىن ئەڭ مۇقەددەس خانىغا كىرىدىغان ئىشىكنىڭ ئالدىدا
22
قۇربانلىق سۇپىسىغا ئوخشايدىغان بىر نەرسە بار ئىدى. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 1.5 مېتىر، كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر بولۇپ، تۆت بۇرجىكى، ئاستى ۋە تۆت ئەتراپى ياغاچتىن ياسالغانىدى. ئۇ ئادەم ماڭا: _ بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى ئۈستەلدۇر، _ دېدى.
23
ئاساسىي خانا ۋە ئەڭ مۇقەددەس خانىغا قوش قاناتلىق ئىشىكلەر ئورنىتىلغان بولۇپ،
24
ئىشىكلەرنىڭ ھەربىر قانىتى قاتلىنىدىغان ئىككى بۆلەكتىن تەركىب تاپقانىدى.
25
ئۇلارغىمۇ كېرۇب ۋە خورما دەرىخى نەقىشلەنگەنىدى. تاشقىرىقى خانىنىڭ كىرىش ئېغىزى ياغاچ پېشايۋانلىق ئىدى.
26
تاشقىرىقى خانىنىڭ يان تاملىرىدا پەنجىرىلەر بار بولۇپ، بۇ تاملارغىمۇ خورما دەرىخى نەقىشلەنگەنىدى. يان خانىلارنىڭ ئىككى تەرەپتىكى كىرىش ئىشىكلىرىنىڭ ئايۋانلىرى بار ئىدى.
← Chapter 40
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 42 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48