bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Ezekiel 42
Ezekiel 42
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 41
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 43 →
1
ئاندىن ئۇ ئادەم مېنى ئىبادەتخانىدىن ئېلىپ چىقىپ، شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق تاشقىرىقى ھويلىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇ يەردە خانىلارغا بۆلۈنگەن بىر ئىمارەت بولۇپ، بۇ ئىمارەت ئىبادەتخانىنىڭ غەربىدىكى ئىمارەتنىڭ شىمالىغا جايلاشقانىدى.
2
بۇ ئىمارەتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىر، كەڭلىكى 25 مېتىر بولۇپ، خانىلارنىڭ ئىشىكلىرى شىمالغا قارايتتى.
3
بۇ ئىمارەتنىڭ ئالدى تەرىپى تاشقىرىقى ھويلىدىكى تاش ياتقۇزۇلغان يولغا قارايتتى. ئىمارەتنىڭ كەينى تەرىپى ئىبادەتخانىنىڭ ئارقىسىدىكى كەڭلىكى 10 مېتىر كېلىدىغان بوش يەرگە قارايتتى. بۇ ئىمارەت ئۈچ قەۋەت سېلىنغانىدى.
4
ئىمارەتنىڭ ئالدىدا كەڭلىكى 5 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىر كېلىدىغان بىر يول بار ئىدى. خانىلارنىڭ ئىشىكلىرى شىمالغا قارايتتى.
5
ئىمارەتنىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدىكى خانىلار ئىككىنچى قەۋىتىدىكى خانىلارغا، ئىككىنچى قەۋىتىدىكى خانىلار بىرىنچى قەۋىتىدىكى خانىلارغا قارىغاندا تارراق بولۇپ، پەلەمپەي شەكلىدە سېلىنغانىدى، چۈنكى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قەۋىتىدىكى خانىلارنىڭ ئالدىغا كەڭرىرەك بوشلۇق قالدۇرۇلغانىدى.
6
بۇ ئىمارەت ھويلىلاردىكى باشقا ئۆيلەردەك تۈۋرۈكلۈك ئەمەس ئىدى. خانىلار يۇقىرى قەۋەتكە چىققانچە تارىيىپ باراتتى.
7
ئىمارەتنىڭ شىمالىدا، يەنى تاشقىرىقى ھويلا تەرەپتە يەنە بىر ئۆي بار ئىدى. بۇ ئۆينىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر بولۇپ، ئىمارەتنىڭ ئۇزۇنلۇقىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلەتتى. ئۆينىڭ جەنۇبىي يان تېمىغا تۇتاشتۇرۇلۇپ بىر تام قوپۇرۇلغان بولۇپ، بۇ تام ئىمارەتكە پاراللېل كېلەتتى. تامنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر ئىدى.
9
ئىمارەتكە تاشقىرىقى ھويلىدىن ئىمارەت بىلەن تامنىڭ ئارىلىقىدىكى يولنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى ئېغىز ئارقىلىق كىرگىلى بولاتتى.
10
ئىبادەتخانىنىڭ غەربىدىكى ئىمارەتنىڭ جەنۇبىدا، يەنى تاشقىرىقى ھويلا تەرەپتە شىمالدىكى ئىمارەت بىلەن ئوخشاش يەنە بىر ئىمارەت بار ئىدى.
11
بۇ ئىمارەتنىڭ ئالدىدىمۇ ئوخشاشلا بىر يول بار ئىدى. ئىمارەتتىكى خانىلار بىلەن شىمالدىكى ئىمارەتنىڭ خانىلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، ئىشىكلىرى، قۇرۇلمىسى ئوخشاش ئىدى.
12
خانىلارنىڭ ئىشىكلىرى جەنۇبقا قارايتتى، ئىمارەتكە ئىمارەت بىلەن تامنىڭ ئارىلىقىدىكى يولنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى ئېغىز ئارقىلىق كىرگىلى بولاتتى.
13
ئۇ ئادەم ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئىبادەتخانىنىڭ شىمال ۋە جەنۇبىدىكى ئىمارەتلەردىكى خانىلار مۇقەددەس بولۇپ، ئۇ يەرلەردە ئىبادەتخانىدا خىزمەت قىلىدىغان روھانىيلار ئەڭ مۇقەددەس قۇربانلىقلارنى، يەنى ئاشلىق ھەدىيەلىرى، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقلىرى، ئەيىب قۇربانلىقلىرى قاتارلىق ئەڭ مۇقەددەس قۇربانلىقلارنى يەيدۇ ۋە ساقلايدۇ. چۈنكى بۇ خانىلار مۇقەددەستۇر.
14
روھانىيلار ئىبادەتخانىغا كىرىپ، ۋەزىپىسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، تاشقىرىقى ھويلىدىكى خەلقنىڭ ئالدىغا ئۈستىدىكى كىيىمى بىلەن چىقماستىن، بەلكى ئالدى بىلەن ئاشۇ خانىلاردا كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، ئادەتتىكى چاغلاردا كىيىدىغان كىيىملىرىنى كىيىپ چىقىدۇ، چۈنكى بۇ كىيىملەرمۇ مۇقەددەستۇر.
15
ئۇ ئادەم ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدىكى ئىمارەتلەرنى ئۆلچەپ بولغاندىن كېيىن، تاشقىرىقى شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق مېنى سىرتقا ئېلىپ چىقتى ۋە ھويلا تېمىنى ئۆلچىدى.
16
ئۇ ئاۋۋال ئۆلچەم تايىقى بىلەن شەرق تەرەپتىكى تامنى ئۆلچىدى، تامنىڭ ئۇزۇنلۇقى 250 مېتىر ئىدى.
17
ئۇ شىمال تەرەپتىكى تامنىمۇ ئۆلچىدى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ 250 مېتىر ئىدى.
18
ئۇ يەنە جەنۇب تەرەپتىكى تامنىمۇ ئۆلچىدى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ 250 مېتىر ئىدى.
19
ئاندىن ئۇ بۇرۇلۇپ، غەرب تەرەپتىكى تامنى ئۆلچىدى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ 250 مېتىر ئىدى.
20
دېمەك، تۆت تەرەپنىڭ ئۇزۇنلۇقى 250 مېتىردىن ئىدى. بۇ تاملار ئىبادەتخانا رايونى بىلەن ئادەتتىكى رايونلارنى ئايرىپ تۇراتتى.
← Chapter 41
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 43 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48