bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Ezekiel 47
Ezekiel 47
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 46
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 48 →
1
ئۇ ئادەم يەنە مېنى ئىبادەتخانىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىغا ئەكەلدى. ئىبادەتخانىنىڭ ئالدى شەرققە قارايتتى. قارىسام، ئىبادەتخانىنىڭ بوسۇغىسىنىڭ ئاستىدىن بىر بۇلاق چىقىپ، جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ، ئاندىن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ جەنۇبىي تەرىپى بىلەن شەرققە قاراپ ئېقىۋېتىپتۇ.
2
ئاندىن ئۇ مېنى شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق تاشقىرىقى ھويلىنىڭ سىرتى بىلەن شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىگە ئېلىپ كەلدى. سۇ شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىن سىرغىپ چىقىۋاتاتتى.
3
ئۇ ئادەم قولىدىكى ئۆلچەم تانىسى بىلەن ئېقىننى شەرق تەرەپكە قاراپ ئۆلچەشكە باشلىدى. 500 مېتىر ئۆلچەپ بولغاندىن كېيىن، ئېقىننى كېچىشىمنى بۇيرۇدى، سۇ ئوشۇقۇمغا كەلدى.
4
ئاندىن ئۇ يەنە 500 مېتىر ئۆلچىدى ۋە ئېقىننى كېچىشىمنى بۇيرۇدى، سۇ تىزىمغا كەلدى. ئاندىن ئۇ يەنە 500 مېتىر ئۆلچىدى ۋە ئېقىننى كېچىشىمنى بۇيرۇدى، سۇ بېلىمگە كەلدى.
5
ئۇ يەنە 500 مېتىر ئۆلچىدى. سۇ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ، كېچىپ ماڭغىلى بولمايدىغان، پەقەت ئۈزگىلى بولىدىغان بىر دەرياغا ئايلانغانىدى.
6
ئۇ ئادەم ماڭا: _ ئەي ئادەم بالىسى، كۆرگەنلىرىڭنى ئېسىڭدە تۇت! _ دېدى ۋە مېنى دەريا قىرغىقىغا قايتۇرۇپ ئەكەلدى.
7
مەن دەريا قىرغىقىغا چىققان ھامان دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىنىڭ دەرەخلەرگە تولغانلىقىنى كۆردۈم.
8
ئۇ ئادەم ماڭا مۇنداق دېدى: _ بۇ دەريا شەرققە قاراپ ئېقىپ، ئىئوردان دەرياسى ۋادىسى ئارقىلىق ئۆلۈك دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ يەرنىڭ تۇزلۇق سۈيى تاتلىق سۇغا ئايلىنىدۇ.
9
تۇزلۇق سۇلار تاتلىق سۇلارغا ئايلانغانلىقى ئۈچۈن، بۇ دەريا قەيەرگە ئېقىپ بارسا، شۇ يەردە ھاياتلىق بولىدۇ، جانلىقلار كۆپىيىدۇ، بېلىقلار ناھايىتى مول بولىدۇ.
10
بېلىقچىلار دېڭىزنىڭ قىرغىقىدا تۇرۇپ، بېلىق تۇتىدۇ. بېلىقلارنىڭ تۈرلىرى ئوتتۇرا دېڭىزدىكى بېلىقلاردەك ناھايىتى كۆپ بولىدۇ. ئېنگەدىدىن ئېن-ئەگلايىمغىچە بولغان يەرلەر بېلىقچىلارنىڭ تورلىرىنى يېيىپ قۇرۇتىدىغان يەرلەرگە ئايلىنىدۇ.
11
لېكىن ئەتراپىدىكى سازلىقلار ۋە كۆلچەكلەر ئۆزگەرمەيدۇ، ئۇلار تۇز مەنبەسى بولىدۇ.
12
دەريانىڭ ئىككى تەرىپىدە ھەر تۈرلۈك مېۋىلىك دەرەخلەر ئۆسىدۇ، يوپۇرماقلىرى قۇرۇپ قالمايدۇ. بۇ سۇ ئىبادەتخانىدىن ئېقىپ چىققانلىقى ئۈچۈن، مېۋىلىك دەرەخلەر ھەر ئايدا يېڭى مېۋە بېرىدۇ، مېۋىلىرى ئۆكسۈپ قالمايدۇ. مېۋىلىرى ئوزۇق، يوپۇرماقلىرى شىپا بولىدۇ.
13
ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: _ ئىسرائىل زېمىنىنى ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە مۈلۈك قىلىپ بۆلۈپ بېرىڭلار. يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى ئۈلۈش ئالسۇن،
14
قالغانلىرى بىر ئۈلۈشتىن ئالسۇن. مەن بۇ يەرلەرنى ئەجدادلىرىڭلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغانىدىم. بۇ يەرلەر سىلەرنىڭ مۈلكۈڭلار بولىدۇ.
15
تۆۋەندىكىلەر زېمىنىڭلارنىڭ چېگرالىرىدۇر: شىمالىي چېگرايىڭلار ئوتتۇرا دېڭىزدىن باشلىنىپ، خەتلوندىن ئۆتىدىغان يولنى بويلاپ، لىبو-خامات ئارقىلىق زىداد شەھىرىگىچە داۋاملىشىدۇ.
16
ئۇنىڭدىن كېيىن بېروتاغا، ئاندىن دەمەشق بىلەن خامات ئوتتۇرىسىدىكى سىبرايىم شەھىرىگە بېرىپ، خاۋران چېگراسىدىكى خازېر-ھاتتىكوندىن ئۆتىدۇ.
17
شۇنداق قىلىپ، شىمالىي چېگرايىڭلار ئوتتۇرا دېڭىزدىن باشلىنىپ، شەرقتىكى خازار-ئېنان شەھىرىگىچە بارىدۇ. خازار-ئېنان شەھىرى دەمەشق بىلەن خاماتنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقاندۇر.
18
شەرقىي چېگرايىڭلار خاۋران ۋە دەمەشق ئارىسىدىكى يەردىن باشلىنىپ، گىلئاد بىلەن ئىسرائىل زېمىنىنىڭ ئارىسىدىن ئېقىپ ئۆتكەن ئىئوردان دەرياسىنى چېگرا قىلىپ، ئۆلۈك دېڭىزدىن ئۆتۈپ، جەنۇبتىكى تامار شەھىرىگە يېتىپ بارىدۇ. مانا بۇ سىلەرنىڭ شەرقىي چېگرايىڭلاردۇر.
19
جەنۇبىي چېگرايىڭلار تامار شەھىرىدىن غەربىي جەنۇب تەرەپكە سوزۇلۇپ، كادېشتىكى «مىرىبا سۈيى»گىچە بارىدۇ. كېيىن مىسىر چېگراسىدىكى دەريانى پاسىل قىلىپ، ئوتتۇرا دېڭىزغا يېتىپ بارىدۇ. مانا بۇ جەنۇبىي چېگرايىڭلاردۇر.
20
غەربىي چېگرايىڭلار ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ قىرغاقلىرى بولۇپ، شىمالىي چېگرايىڭلار باشلانغان يەرگىچە، يەنى لىبو-خاماتنىڭ غەربىگىچە سوزۇلىدۇ.
21
بۇ زېمىننى ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە بۆلۈپ بېرىڭلار.
22
بۇ زېمىن سىلەرنىڭ مۈلكۈڭلاردۇر. ئاراڭلاردا ياشاۋاتقان يات خەلقلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ مۇشۇ زېمىندا تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىگىمۇ يەرلەرنى مۈلۈك قىلىپ، تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار. ئۇلارغىمۇ ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، سىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردىن بۆلۈپ بېرىڭلار.
23
ئۇلار قايسى قەبىلە بىلەن بىرگە ياشىسا، ئۇلارغا شۇ قەبىلىگە تەۋە يەرلەردىن بۆلۈپ بېرىڭلار. بۇ مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
← Chapter 46
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 48 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48