bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
2 John 1
2 John 1
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
Jump to:
Chapter 1
1
خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان خانىمغا ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە مەنكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىسىدىن سالام! مەن چىن كۆڭلۈمدىن سىلەرنى سۆيىمەن. سىلەرنى يالغۇز مەنلا ئەمەس، خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى تونۇپ يەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى سۆيىدۇ.
2
چۈنكى، بۇ ھەقىقەت قەلبىمىزدە ياشىماقتا ۋە مەڭگۈ بىزگە يار بولىدۇ.
3
ئەرشتىكى ئاتىمىز ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ ھەقىقەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە ياشايدىغان بىزلەرگە مېھىر-شەپقەت، رەھىمدىللىك ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!
4
پەرزەنتلىرىڭىزدىن بەزىلىرىنىڭ ئەرشتىكى ئاتىمىزدىن ئالغان ئەمر بويىچە ھەقىقەت يولىدا ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم.
5
ھۆرمەتلىك خانىم، ئەمدى مەن سىزدىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، بىز ھەممىمىز بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىز كېرەك. مەن سىزگە يېزىۋاتقانلىرىم يېڭى بىر ئەمر ئەمەس، بەلكى بىز بۇرۇندىن تارتىپ قوبۇل قىلىپ كېلىۋاتقان ئەمردۇر.
6
مېھىر-مۇھەببەت خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ ياشاش دېمەكتۇر. خۇدانىڭ ئەمرى بولسا سىلەر بۇرۇندىن تارتىپ ئاڭلاپ كېلىۋاتقاندەك، مېھىر-مۇھەببەت يولىدا مېڭىشتۇر.
7
نۇرغۇن ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا پەيدا بولدى. ئۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا ئىنسان تېنىدە كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. بۇنداقلار دەل ئالدامچى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ رەقىبىدۇر.
8
خۇدا يولىدا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭلارنى يوقىتىپ قويماي، خۇدانىڭ تولۇق ئىنئامىغا ئىگە بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلار.
9
ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرىدە چىڭ تۇرماي، ئۇنىڭدىن چەتنىگەنلەر خۇدائاتىغا باغلانمىغان بولىدۇ. ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرىدە چىڭ تۇرغانلار بولسا ئەرشتىكى ئاتىمىز ۋە ئۇنىڭ ئوغلىغا باغلىنىپ ياشاۋاتىدۇ.
10
ئەگەر بىرەر كىشى سىلەرنىڭ جامائەتچىلىكىڭلارغا ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرىنى ئەمەس، بەلكى باشقىچە تەلىم ئېلىپ كەلگەن بولسا، ئۇنى ئۆيۈڭلارغا تەكلىپ قىلماڭلار ھەم ئۇنى قارشى ئالماڭلار.
11
چۈنكى، ئۇنداق ئادەمنى قارشى ئالغان كىشى ئۇنىڭ يامان ئىشلىرىغا شېرىك بولغۇچىدۇر.
12
سىلەرگە دەيدىغان يەنە كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى. لېكىن، قەغەز بىلەن سىياھنى ئىشلەتكەندىن كۆرە، خۇشاللىقىمىزنىڭ تولۇپ تېشىشى ئۈچۈن، يېنىڭلارغا بېرىپ دىدار كۆرۈشۈپ سۆزلىشىشنى ئەۋزەل بىلدىم.
13
خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان ھەدىڭىزنىڭ پەرزەنتلىرىدىن سىزگە سالام!
Jump to:
Chapter 1
All chapters:
1