bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Ecclesiastes 4
Ecclesiastes 4
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 3
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 5 →
1
مەن يەنە قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇملارنى، ئېزىلگۈچىلەرنىڭ كۆز ياشلىرىنى كۆردۈم. لېكىن ھېچكىم ئۇلارغا تەسەللى بېرەلمەيدىكەن، ئەزگۈچىلەر قۇدرەتلىك بولغاچقا ھېچكىم ئېزىلگۈچىلەرگە تەسەللى بېرەلمەيدىكەن.
2
مەن ئۆلۈپ كەتكەن ئادەملەرنى ياشاۋاتقانلاردىن كۆپ بەختلىك ئىكەن، دەپ ئويلىدىم.
3
ئەمما بۇ ئادەملەرگە سېلىشتۇرغاندا، تېخى تۇغۇلمىغانلار تېخىمۇ بەختلىكتۇر، چۈنكى ئۇلار قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادىكى رەزىللىكلەرنى كۆرمەيدۇ.
4
مەن يەنە شۇنى كۆردۈمكى، ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەسەتخورلۇق ئۇلارنىڭ جاپالىق ئىشلىشىگە ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈشىگە تۇرتكە بولۇپتۇ. بۇمۇ خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن.
5
«نادان ھۇرۇنلۇقىدىن ئۆزىنى خاراب قىلىدۇ.»
6
«بىراق ئارامخۇدا تاپقان بىر قولدىكى ئاز نەرسە، شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ، جاپالىق ئىشلەپ تاپقان ئىككى قولدىكى جىق نەرسىدىن ئەۋزەلدۇر.»
7
مەن قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يەنە بىر بىھۇدە ئىشنى كۆردۈم.
8
ھېچبىر يۆلەنچۈكى يوق كىشىلەر بار، ئۇلارنىڭ يا بالىسى، يا قېرىندىشى يوق. لېكىن ئۇلار ئۆمۈر بويى جاپالىق ئىشلەيدۇ، كۆزى بايلىققا تويمايدۇ. ئۇلار ئۆزىدىن: «مەن كىم ئۈچۈن ئىشلەۋاتىمەن، نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك خۇشاللىقلاردىن ۋاز كېچىمەن؟» دەپ سورىمايدۇ. بۇمۇ بىر بىھۇدىلىكتۇر، قايغۇلۇق ئىشتۇر.
9
ئىككى ئادەم ھامىنى بىر ئادەمدىن ياخشىدۇر، چۈنكى ئىككى ئادەمنىڭ جاپا تارتىپ ئىشلىشىنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
10
ئەگەر بىرى يىقىلسا، ئۇنى ھەمراھى يۆلەپ تۇرغۇزىدۇ. لېكىن بىر ئادەم يىقىلىپ، ئۇنى تۇرغۇزىدىغان ئادەم بولمىسا، ئۇ تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا قالىدۇ.
11
ئىككى ئادەم بىرگە ئۇخلىسا، ئىسسىق ياتىدۇ، يالغۇز ئۇخلىسا، ئۇ قانداقمۇ ئىسسىق ياتسۇن؟
12
بىر ئادەم ئۆزى يالغۇز بولسا، ئۇ دۈشمىنىگە بوزەك بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئىككى ئادەم بىرگە بولسا، دۈشمىنىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرالايدۇ. ئۈچ ئۆرۈمدىن ئۆرۈلگەن ئارغامچىنى ئۈزمەك قىيىندۇر.
13
نادان، مەسلىھەتكە قۇلاق سالمايدىغان قېرى پادىشاھتىن، نامرات، لېكىن دانا يىگىت ياخشىدۇر.
14
بەلكىم ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى نامرات، زىندانغا تاشلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھلىق تەختىگە چىقىدىغان بىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
15
مانا، قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ئادەملەرنىڭ ئۇ يىگىتكە ئەگەشكەنلىكىنى كۆردۈم.
16
نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگەشكەن بولسىمۇ، لېكىن كېيىن كەلگەن كىشىلەردىن ھېچكىم ئۇنىڭ قىلغىنىدىن رازى بولمىدى. بۇمۇ بىھۇدىلىكتۇر، خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىكتۇر.
← Chapter 3
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 5 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12