bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Ezra 1
Ezra 1
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 2 →
1
پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 1-يىلى پەرۋەردىگار يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. پەرۋەردىگار پادىشاھ كورەشنىڭ دىلىغا سېلىپ، بىر پەرمان چۈشۈرگۈزدى. پادىشاھ ئۇنى مەكتۇپ قىلىپ پۈتكۈزۈپ، پادىشاھلىقىنىڭ ھەممە يېرىگە تارقاتتى:
2
«بۇ مەنكى پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ پەرمانىدۇر. پەرۋەردىگار، يەنى ئەرشئەلادىكى خۇدا پۈتۈن يەر يۈزىدىكى پادىشاھلىقلارنى ماڭا ئاتا قىلدى. ئۇ مېنى يەھۇدىيەنىڭ يېرۇسالېم شەھىرىدە ئۆزىگە ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىشقا تەيىنلىدى.
3
ئاراڭلاردا ياشايدىغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقى بولغانلار يېرۇسالېم شەھىرىگە بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ، يەنى ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتا بىنا قىلسا بولىدۇ. خۇدا يېرۇسالېمدىدۇر، خۇدا ئۇلارغا يار بولغاي!
4
مەيلى قەيەردە بولسۇن، سۈرگۈندىكىلەر ئارىسىدا يېرۇسالېمغا قايتماقچى بولغانلار بولسا، ئۇلارغا قولۇم-قوشنىلىرى ياردەم قىلىپ، ئالتۇن-كۈمۈش، مال-مۈلۈك ۋە چارۋا مال بەرسۇن. ئۇنىڭدىن باشقا، خۇدانىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىغا خالىس ھەدىيەلەرنى سۇنسۇن.»
5
شۇنىڭدىن كېيىن، يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىكى جەمەت باشلىقلىرى، روھانىيلار ۋە لاۋىيلار خۇدا دىللىرىغا سالغان ئىشنى ئورۇنداش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن بىنا سېلىشقا تەييارلاندى.
6
ھەممە قولۇم-قوشنىلار ئۇلارغا ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلار، مال-مۈلۈك، چارۋا مال ۋە قىممەتلىك نەرسىلەرنى ياردەم قىلغاندىن باشقا، يەنە ئىبادەتخانا ئۈچۈن خالىس ھەدىيەلەرنى سۇندى.
7
پادىشاھ كورەش ئۇلارغا بۇرۇنقى پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن ئولجا ئېلىپ ئۆز بۇتخانىسىغا قويغان قاچا-قۇچىلارنى قايتۇرۇپ بەردى.
8
پېرسىيە پادىشاھى كورەش خەزىنە ۋەزىرى مىترىداتنى بۇ قاچا-قۇچىلارنى قايتۇرۇپ بېرىشكە مەسئۇل قىلدى. مىترىدات يەھۇدىيەگە قايتىدىغان سۈرگۈندىكىلەرنىڭ باشلىقى شېشباسسارغا ئۇلارنى ساناپ ئۆتكۈزۈپ بەردى.
9
ئۇلارنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە: 30 دانە ئالتۇن داس، 1000 دانە كۈمۈش داس، 29 دانە كۈمۈش ئەسۋابلار،
10
30 دانە ئالتۇن قاچا، 410 دانە كۈمۈش قاچا، 1000 دانە ھەر خىل قاچا-قۇچا.
11
ھەممىسى بولۇپ 5400 دانە ئالتۇن-كۈمۈش قاچا-قۇچا بولدى. سۈرگۈندىكىلەر بابىلدىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەندە، شېشباسسار بۇ قاچا-قۇچىلارنى بىرگە ئېلىپ كەلدى.
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 2 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10