bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Galatians 6
Galatians 6
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 5
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
1
قېرىنداشلار، ئەگەر ئاراڭلاردا بىرىنىڭ ھازىرمۇ گۇناھ سادىر قىلىۋاتقانلىقى بايقالغان بولسا، ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگەن سىلەر ئۇنى مۇلايىملىق بىلەن توغرا يولغا قايتۇرۇپ كېلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزۈڭلارنىڭمۇ ئازدۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار.
2
بىر-بىرىڭلارنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئەيسا مەسىھنىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلغان بولىسىلەر.
3
ئەگەر كىمدەكىم ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ، باشقىلارغا ياردەم بەرمىسە، ئۆزىنى ئۆزى ئالدىغان بولىدۇ. بۇنداق ئادەم ئەمەلىيەتتە قالتىس ئەمەس.
4
ھەركىم ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ باقسۇن. پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك بولسا، پەخىرلەنسۇن. ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرمىسۇن.
5
ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئۆزى مەسئۇل بولۇشى كېرەك.
6
خۇدانىڭ سۆزىدىن تەلىم ئېلىۋاتقان كىشى ئۆزىگە تەلىم بەرگۈچىنى ئۆزىدە بار بولغان ياخشى نەرسىلەر بىلەن بەھرىمەن قىلسۇن.
7
ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار، ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىغان بىلەن، خۇدانى ئالدىيالمايسىلەر. كىم نېمە تېرىسا، شۇنى ئالىدۇ.
8
ئۆزىنىڭ گۇناھكار تەبىئىتىنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇق چاچقان كىشى ئۇنىڭدىن ھالاكەت ھوسۇلى ئالىدۇ. مۇقەددەس روھنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇق چاچقان كىشى بولسا ئۇنىڭدىن مەڭگۈلۈك ھايات ھوسۇلى ئالىدۇ.
9
شۇڭا، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن بوشاشمايلى. شۇنداق قىلساق، ۋاقتى كەلگەندە چوقۇم مول ھوسۇل ئالالايمىز.
10
شۇنىڭ ئۈچۈن، پۇرسەت بولسىلا، باشقىلارغا، بولۇپمۇ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرەيلى.
11
قاراڭلار! تۆۋەندىكى بۇ قۇرلارنى ئۆز قولۇمدا ئالاھىدە چوڭ خەتلەر بىلەن يېزىۋاتىمەن.
12
يەھۇدىيلارنىڭ ماختىشىغا خۇشتار كىشىلەر سىلەرنى خەتنە قىلدۇرۇشقا زورلايدۇ. ئۇلار قۇتقۇزۇلۇش پەقەت ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتە قۇربان بولغانلىقىدىنلا كېلىدۇ دېسە، يەھۇدىيلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدۇ.
13
ئەمەلىيەتتە، بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىمۇ تەۋرات قانۇنىغا تولۇق ئەمەل قىلمايدۇ. بىراق، ئۇلار سىلەرنىڭ خەتنىنى قوبۇل قىلغانلىقىڭلار بىلەن ماختىنىش ئۈچۈن، خەتنە قىلدۇرۇشۇڭلارنى تەلەپ قىلىدۇ.
14
ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، رەببىمىز ئەيسانىڭ كرېستتىكى ئۆلۈمىدىن باشقا ھېچقانداق ئىش بىلەن ماختانمايمەن. چۈنكى، ئۇنىڭ كرېستتىكى ئۆلۈمى سەۋەبىدىن بۇ دۇنيا مەن ئۈچۈن ئۆلگەندۇر، مەنمۇ بۇ دۇنيا ئۈچۈن ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن.
15
خۇدانىڭ نەزىرىدە خەتنە قىلىش ياكى قىلماسلىق مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يېڭى ئادەم بولۇشتۇر.
16
مۇنداق كۆزقاراش بىلەن ياشايدىغانلارغا - خۇدانىڭ ھەقىقىي خەلقىگە ئامانلىق ۋە رەھىم-شەپقەت يار بولغاي!
17
بۇنىڭدىن كېيىن، ھېچكىم يۇقىرىدا دېيىلگەن ئىشلار بىلەن مېنى ئاۋارە قىلمىسۇن! چۈنكى، بەدىنىمدە قالغان يارا ئىزلىرى مېنىڭ ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن خۇش خەۋەر تارقىتىش يولىدا تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمنىڭ ئىزناسىدۇر.
18
قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي، ئامىن!
← Chapter 5
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
All chapters:
1
2
3
4
5
6