bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Habakkuk 3
Habakkuk 3
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 2
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
1
خاباقۇق پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسى («شىگيونوت» تا ئېيتىلغان):
2
ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ شۆھرىتىڭنى ئاڭلىدىم، ئەيمىنەرمەن ئۇلۇغۋار ئىشلىرىڭدىن، ئى پەرۋەردىگار. زامانىمىزدا شۇ ئىشلارنى قايتا قىلغايسەن، شۇ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىڭنى كىشىلەر بىلسۇن. غەزەپلەنگەندىمۇ رەھىمدىللىكىڭنى ئېسىڭدىن چىقارمىغايسەن.
3
كۆردۈمكى كەلگەنلىكىنى خۇدانىڭ تېمان زېمىنىدىن، كۆردۈمكى چۈشكەنلىكىنى مۇقەددەس خۇدانىڭ پاران تېغىدىن. ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى كۆكنى قاپلىدى، تولدى پۈتكۈل يەر-زېمىن ئۇنىڭغا ئېيتىلغان ھەمدۇسانالارغا.
4
ئۇنىڭ جۇلاسى خۇددى تاڭ نۇرىدەك پارلاق، قۇدرەت يوشۇرۇنغان قولىدىن چېقىلار چاقماق.
5
قورقۇنچلۇق كېسەللەر يۈرەر ئۇنىڭ ئالدىدا، ھەم كېلەر ۋابا ئۇنىڭ ئارقىسىدا.
6
توختىغاندا ئۇ، كېلەر لەرزىگە جاھان. نەزەر سالغىنىدا، تىترىشەر ئەللەر ھامان. بولسىمۇ قەدىمىي تاغلار كۇكۇم-تالقان، تۈزلىنىپ كەتسىمۇ ئەبەدىي داۋان، ئۆزگەرمەس ئۇنىڭ قىلغانلىرى ھامان.
7
كۆردۈمكى، چېدىرلاردىكى غەمگە پاتقان كۇشان قەبىلىسىنى، كۆردۈمكى، چېدىرلاردىكى ۋەھىمىدىن تىترىگەن مىديان خەلقىنى.
8
ئى پەرۋەردىگار، ئاچچىقلانغانمىدىڭ دەريالارغا؟ غەزەپلەنگەنمىدىڭ ئېقىنلارغا؟ ئاتلىرىڭنى مىنىپ، غەلىبە بىلەن جەڭ ھارۋىلىرىڭنى ھەيدىگىنىڭدە، تاشقانمىدى قەھرىڭ دېڭىزلارغا؟
9
تۇرار ئوقيايىڭ جەڭگە تەييار، تۇرار ئوقداندا لىق ئوقلار. ئايرىدىڭ تاشقىن بىلەن يەر يۈزىنى،
10
تەۋرەندى تاغلار كۆرگەندە سېنى. كەلكۈن كېلىپ، سۇلار ئۆركەشلەپ، يەتتى پەلەككە شاۋقۇنلىرى.
11
چاقنىشىدا ئۇچۇۋاتقان ئوقلىرىڭنىڭ، جۇلاسىدا پارقىراق نەيزەڭنىڭ، توختاپ قالدى كۈن بىلەن ئاي ئەرشتە.
12
زېمىنغا قەدەم تاشلىدىڭ غەزىپىڭدە، ئېزىپ تاشلىدىڭ ئەللەرنى قەھرىڭدە.
13
ھەم كەلدىڭ ئۆز خەلقىڭنى قۇتقۇزۇشقا، تاللىغىنىڭغا نىجاتلىق بېرىشكە! سەن رەزىللەرنىڭ يول باشلامچىسىنى ئۇردۇڭ، ۋەيران قىلدىڭ پۈتۈنلەي ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى.
14
يوقاتتىڭ ئۆز قورالى بىلەن دۈشمەننىڭ سەركەردىسىنى. بوراندەك ئاتلانغانىدى تارقىتىۋېتىشكە ئۇلار بىزنى، كۆرەڭلىگەن بىزنى ئاسان قولغا كېلىدىغان ئولجا دەپ.
15
ئاتلىرىڭ بىلەن چەيلەپ، چالغىتتىڭ دېڭىزنى، تاشقىنلاتتىڭ دېڭىزدىكى ئۇلۇغ سۇلارنى.
16
ئاڭلاپ بۇلارنى شۈركەندى تېنىم. شاۋقۇندىن ھەم تىترىدى لېۋىم. قورقۇنچتىن بوشاپ كەتتى پۇت-قوللىرىم، غال-غال تىترەپ، دەلدەڭشىپ تۇرالماي قالدىم. كۈتەرمەن شۇندىمۇ سەۋرچانلىق بىلەن، بىزگە ھۇجۇم قىلغۇچىلارغا بالايىئاپەت كېلىدىغان كۈننى.
17
مەيلى مېۋە بەرمىسۇن ئەنجۈر دەرىخى، ياكى يوق بولسۇن تاللاردا ئۈزۈم، مەيلى مېۋە بەرمىسۇن زەيتۇن دەرىخى، ياكى بەرمىسۇن ئېتىزلار ھوسۇل، مەيلى يوقىلىپ كەتسۇن قوتاندىكى قويلار، ياكى يوقىلىپ كەتسۇن ئېغىلدىكى كالىلار،
18
شادلىنارمەن يەنىلا پەرۋەردىگاردىن، خۇشاللىق تاپارمەن نىجاتكارىم خۇدادىن.
19
كۈچ-قۇۋۋىتىمدۇر ئىگەم پەرۋەردىگار. پۇتلىرىمنى قىلار ئۇ كېيىكنىڭكىدەك، ماڭارمەن شۇندا مەن ئېگىز تاغلاردا. (تارلىق سازلار تەڭكىشىدە ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.)
← Chapter 2
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
All chapters:
1
2
3