bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Haggai 2
Haggai 2
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 1
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
1
شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى پەرۋەردىگاردىن ھاگاي پەيغەمبەرگە يەنە ۋەھىي كەلدى:
2
«شىئالتېلنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى زىرۇببابەلگە، يىھوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يوشۇۋاغا ۋە سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن بارلىق خەلققە سۆزۈمنى يەتكۈزگىن.
3
ئىبادەتخانىنىڭ بۇرۇنقى ھەشەمەتلىك كۆرۈنۈشى كىمنىڭ ئېسىدە بار؟ قاراپ بېقىڭلار! بۇ ئىبادەتخانىنىڭ ھازىرقى ھالىتى قانداق؟ ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ھالىتىدىن ئەسەر بارمۇ؟
4
مەن پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيمەنكى، ئەي زىرۇببابەل، جاسارەتلىك بول! ئەي يىھوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يوشۇۋا، جاسارەتلىك بول! ئەي بۇ يەردىكى بارلىق خەلق، سىلەرمۇ جاسارەتلىك بولۇڭلار! ھازىرلا ئىشقا كىرىشىڭلار. مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە يار بولىمەن، بۇ مېنىڭ ۋەدەم!
5
سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار مىسىردىن چىققاندا، مەن ھەرقاچان ئۇلارغا يار بولۇشقا ۋەدە بەرگەنمەن. ھازىرمۇ مېنىڭ روھىم سىلەرگە ياردۇر، قورقماڭلار!
6
مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيمەنكى، مەن ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيان ۋە قۇرۇقلۇقنى يەنە بىر قېتىم زىلزىلىگە سالىمەن.
7
مەن پۈتكۈل ئەللەرنى زىلزىلىگە سالىمەن. ئۇلارنىڭ مال-دۇنياسى بۇ ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ. مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيمەنكى، مەن بۇ ئىبادەتخانىنى شان-شەرەپكە تولدۇرىمەن.
8
كۈمۈش مېنىڭكىدۇر، ئالتۇنمۇ مېنىڭكىدۇر.
9
بۇ ئىبادەتخانىنىڭ كەلگۈسى بۇرۇنقىدىنمۇ پارلاق بولىدۇ. مەن بۇ يەردە ئۇلارغا تىنچ-ئامانلىق ئاتا قىلىمەن! بۇ مېنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمدۇر!»
10
پادىشاھ دارىئوسنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 2-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى پەرۋەردىگاردىن ھاگاي پەيغەمبەرگە ۋەھىي كەلدى:
11
«مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، سەن روھانىيلاردىن تەۋرات قانۇنلىرى توغرىسىدا مۇنداق سوئال سورىغىن:
12
‹ئەگەر بىرسى مۇقەددەس قۇربانلىق گۆشتىن بىر پارچىنى پېشىگە ئوراپ ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، ئۇنىڭ پېشى نانغا، تائامغا، شارابقا، زەيتۇن يېغىغا ياكى ھەرقانداق بىر يېمەكلىككە تېگىپ كەتسە، بۇلارمۇ مۇقەددەس يېمەكلىك بولامدۇ؟›» ھاگاي پەيغەمبەر روھانىيلاردىن سورىغانىدى، ئۇلار «ياق» دەپ جاۋاب بېرىشتى.
13
ھاگاي پەيغەمبەر يەنە روھانىيلاردىن: _ ئەگەر جەسەتنى تۇتۇپ، ناپاك بولۇپ قالغان بىرسى مۇشۇنداق يېمەكلىكلەرنىڭ بىرەرىگە تېگىپ كەتسە، بۇ يېمەكلىكلەرمۇ ناپاك بولامدۇ؟ _ دەپ سورىدى. روھانىيلار: _ ھەئە، ناپاك بولىدۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.
14
ھاگاي پەيغەمبەر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ نەزىرىمدە بۇ خەلق ناپاكتۇر. ئۇلار قىلغان ھەرقانداق ئىش ۋە ماڭا سۇنغان ھەرقانداق قۇربانلىقلىرىمۇ ناپاكتۇر!
15
سىلەر ھازىردىن باشلاپ ئىبادەتخانامنىڭ ئۇلىنى قويۇشتىن بۇرۇنقى ۋاقتىڭلارنى ئويلاپ بېقىڭلار!
16
ئۇ چاغدىكى ئەھۋالىڭلار قانداق ئىدى؟ ئۇ چاغدا كىشىلەر خامىنىدىكى ئاشلىقنىڭ يىگىرمە تاغار چىقىشىنى ئۈمىد قىلاتتى، لېكىن پەقەت ئون تاغارلا چىقاتتى. بىر كۈپ شارابنىڭ ئەللىك كومزەك چىقىشىنى ئۈمىد قىلاتتى، لېكىن يىگىرمە كومزەكلا چىقاتتى.
17
مەن پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيمەنكى، ئۇ چاغدا زىرائەتلىرىڭلارنى قۇرۇتتۇم، سېسىتىتىم ۋە مۆلدۈر ياغدۇردۇم. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر يەنە مېنىڭ يولۇمغا قايتىشنى رەت قىلدىڭلار.
18
بۈگۈن 9-ئاينىڭ 24-كۈنى، يەنى ئىبادەتخانامنىڭ ئۇلى پۈتكەن كۈندۇر. سىلەر بۈگۈندىن باشلاپ نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىڭلار.
19
ئامباردا ئۇرۇق يوق. ئۈزۈم، ئەنجۈر، ئانار ۋە زەيتۇن دەرەخلىرىنىڭ ھېچقايسىسى مېۋە بەرمىدى. ئەمما مەن بۈگۈندىن باشلاپ سىلەرگە بەرىكەت ئاتا قىلىمەن!»
20
شۇ كۈنى، يەنى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى پەرۋەردىگاردىن ھاگايغا ئىككىنچى قېتىم ۋەھىي كەلدى:
21
«سەن يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى زىرۇببابەلگە ئېيتقىن. مەن ئاسمان-زېمىننى زىلزىلىگە سالىمەن.
22
پادىشاھلىقلارنىڭ تاج-تەختىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، كۈچ-قۇدرىتىنى يوقىتىمەن. جەڭ ھارۋىلىرىنى ۋە ئۇلارنى ھەيدىگۈچىلەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلىمەن. چەۋەندازلىرى ئاتلىرى بىلەن يىقىلىدۇ. ئۇلار ئۆزئارا قىرغىن قىلىشىدۇ.
23
مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيمەنكى، بۇ ئىشلار يۈز بەرگەن كۈنى مەن سېنى، يەنى شىئالتېلنىڭ ئوغلى بولغان خىزمەتكارىم زىرۇببابەلنى مۆھۈرلۈك ئۈزۈكۈم قىلىمەن. چۈنكى مەن سېنى تاللىدىم! بۇ مەن، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»
← Chapter 1
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
All chapters:
1
2