bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Luke 13
Luke 13
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 12
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 14 →
1
شۇ چاغدا، بىرنەچچە كىشى كېلىپ، ھەزرىتى ئەيساغا بىر قىسىم جەلىلىيىلىكلەرنىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىدا قۇربانلىق قىلىۋاتقىنىدا، ۋالىي پىلاتۇس تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ قېنىنىڭ قۇربانلىقنىڭ قېنى بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
2
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - بۇ جەلىلىيىلىكلەرنىڭ باشقا جەلىلىيىلىكلەردىن كۆپرەك گۇناھى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنچىلىك جاپا چەكتى، دەپ قارامسىلەر؟
3
ياق، ئۇنداق ئەمەس! گۇناھلىرىڭلارغا توۋا قىلمىساڭلار، سىلەرمۇ ئاشۇلاردەك ھالاك بولىسىلەر.
4
سىلوھا مەھەللىسىدىكى مۇنار ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە تېگىدە قېلىپ ئۆلگەن ئون سەككىز كىشىنى قانداق دەيسىلەر؟ ئۇلارنى يېرۇسالېمدىكى باشقا كىشىلەردىنمۇ يامان، دەپ قارامسىلەر؟
5
ئۇنداق ئەمەس! بىلىپ قويۇڭلاركى، گۇناھلىرىڭلارغا توۋا قىلمىساڭلار، سىلەرمۇ ھالاك بولىسىلەر.
6
ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا بۇ تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: - بىر كىشىنىڭ بېغىدا بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخى بار ئىكەن. ئۇ كىشى بۇ دەرەختىن مېۋە كۈتۈپتۇ، لېكىن دەرەخ مېۋە بەرمەپتۇ.
7
ئۇ كىشى باغۋەنگە: «قارا، ئۈچ يىلدىن بېرى شۇنچە كۈتسەم، بىر تالمۇ مېۋە بەرمىدى، ئۇنى كېسىۋەت! ئۇنىڭ بۇ يەردە يەر ئىگىلەپ تۇرۇشىنىڭ نېمە ھاجىتى» دەپتۇ.
8
«خوجايىن، يەنە بىر يىل ۋاقىت بېرىڭ. ئۇنىڭ تۈۋىدىكى توپىلارنى يۇمشىتىپ، ئوغۇتلاپ باقاي.
9
ئەگەر كېلەر يىلى مېۋە بەرسە، تېخى ياخشى. بەرمىسە، كېسىۋېتەيلى» دەپتۇ باغۋەن.
10
بىر دەم ئېلىش كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا بىر ئىبادەتخانىدا كىشىلەرگە تەلىم بېرىۋاتاتتى.
11
ئۇ يەردە ئۇ، جىن چاپلاشقىلى ئون سەككىز يىل بولغان بىر ئايالنى كۆردى. بۇ ئايالنىڭ بېلى پۈكۈلگەن بولۇپ، رۇسلىنىپ تىك تۇرالمايتتى.
12
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى كۆرگەندە، يېنىغا چاقىرىپ: - خانىم، كېسىلىڭىز ساقايدى! - دەپ،
13
قولىنى ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قويۇۋىدى، ھېلىقى ئايال دەرھال رۇسلىنىپ تىك تۇرۇپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇدى.
14
ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەم ئېلىش كۈنى كېسەل ساقايتقانلىقىنى كۆرگەن ئىبادەتخانا مەسئۇلى غەزەپ بىلەن كۆپچىلىككە: - ئىش ۋاقتىمىز ئالتە كۈن. شىپالىق ئىزدىگۈچىلەر دەم ئېلىش كۈنىدىن باشقا شۇ ئالتە كۈن ئىچىدە كېلىشى كېرەك، - دېدى.
15
رەببىمىز ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئەي ساختىپەزلەر، دەم ئېلىش كۈنى ئۆكۈز ۋە ئېشىكىڭلارنى ئوقۇردىن يېشىپ، سۇغارغىلى ئېلىپ بارىسىلەرغۇ!؟ بۇ ھەرىكىتىڭلارنى ئىش دەپ ھېسابلىمامسىلەر؟!
16
ئەجدادىمىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان بۇ ئايال ئون سەككىز يىلدىن بېرى شەيتاننىڭ سىرتمىقىدا تۇرۇپتۇ. ئەمدى دەم ئېلىش كۈنى بولسىمۇ ئۇنى سىرتماقتىن بوشىتىۋەتسەم يامان بوپتۇمۇ؟!
17
ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ سۆزى رەقىبلىرىنى خىجالەت قىلدى. كۆپچىلىك بولسا ئۇنىڭ ياراتقان ئاجايىپ مۆجىزىلىرىدىن خۇرسەن بولدى.
18
ھەزرىتى ئەيسا تەلىم بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: - خۇدانىڭ پادىشاھلىقى زادى قانداق؟ مەن ئۇنى قانداق سۈرەتلەپ بېرەي؟
19
ئۇ گويا بىر تال قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ. گەرچە قىچا ئۇرۇقى كىچىك بولسىمۇ، كىشى ئۇنى تېرىسا، ئۆسۈپ يېتىلىپ كۆچەت بولىدۇ. قۇشلار كېلىپ ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋۇلايدۇ.
20
ئۇنىڭدىن باشقا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى نېمىگە ئوخشىتاي؟ ئۇ خۇددى خېمىرتۇرۇچقا ئوخشايدۇ. ئايال خېمىرتۇرۇچنى بىر خالتا ئۇنغا قوشۇپ يۇغۇرسا، بۇ خېمىرتۇرۇچ پۈتۈن خېمىرنى بولدۇرالايدۇ.
22
ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا كېتىۋېتىپ، نۇرغۇن شەھەر-يېزىلاردىن ئۆتكەچ، تەلىم بېرىپ ماڭدى.
23
بىرەيلەن ئۇنىڭدىن: - ئى تەقسىر، قۇتقۇزۇلىدىغانلارنىڭ سانى ئازمۇ؟ - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە مۇنداق جاۋاب بەردى:
24
- ئاز بولسۇن، كۆپ بولسۇن، سىلەر تار ئىشىكتىن كىرىشكە تىرىشىڭلار. چۈنكى، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىشىكتىن كىرەي دېسىمۇ، كىرەلمەيدۇ.
25
ئۆينىڭ خوجايىنى ئىشىكنى تاقىغان ۋاقتىدا، سىلەر تاشقىرىدا تۇرۇپ: «تەقسىر، ئىشىكنى ئېچىڭ!» دەپ ئىشىكنى قاقساڭلار، ئۇ: «ياق! ئاچمايمەن، چۈنكى سىلەرنى تونۇمايمەن» دەيدۇ.
26
سىلەر: «بىز سىز بىلەن ھەمداستىخان بولغان، سىزمۇ بىزنىڭ كوچىلىرىمىزدا تەلىم بەرگەن» دېسەڭلار،
27
ئۇ سىلەرگە يەنە بىر قېتىم: «سىلەرنى تونۇمايمەن، كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار، ئەي يامانلىق قىلغۇچىلار!» دەيدۇ.
28
سىلەر ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەرنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئىچىدە، ئۆزۈڭلارنى بولسا سىرتقا قوغلىۋېتىلگەن ھالدا كۆرگىنىڭلاردا، ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىڭلارنى غۇچۇرلىتىسىلەر.
29
ئۇ چاغدا، دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدىن نۇرغۇن يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ دۆلەتلىرىدىنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر كېلىشىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ھەمداستىخان بولىدۇ.
30
شۇنداق قىلىپ، كەينىدىكىلەر ئالدىغا ئۆتۈپ، ئالدىدىكىلەر كەينىدە قالىدۇ.
31
دەل شۇ چاغدا، بىرنەچچە پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: - بۇ يەردىن باشقا جايغا كېتىڭ. ھىرود خان سىزنى ئۆلتۈرمەكچى، - دېدى.
32
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىماستىن: - سىلەر بېرىپ ئۇ تۈلكىگە مېنىڭ داۋاملىق جىنلارنى ھەيدەيدىغانلىقىم ۋە كېسەللەرنى ساقايتىدىغانلىقىمنى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا يېرۇسالېمدا ۋەزىپەمنى تاماملايدىغانلىقىمنى دەڭلار.
33
شۇنداق ئىكەن، شۇ ۋاقىتقىچە يولۇمنى داۋاملاشتۇرمىسام بولمايدۇ. چۈنكى، بىر پەيغەمبەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، يېرۇسالېمدىن باشقا يەردە ئۆلتۈرۈلۈش مۇۋاپىق ئەمەستۇر.
34
ئەي يېرۇسالېملىقلار! پەيغەمبەرلەر ۋە خۇدا ئەۋەتكەن ئەلچىلەرنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرگەن يېرۇسالېملىقلار! گويا مېكىيان ئۆز چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا ئالغاندەك، مەنمۇ سىلەرنى قانچە قېتىم ئۆز قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم، لېكىن سىلەر ئۇنىمىدىڭلار.
35
مانا، ئەمدى خۇدا ئىبادەتخاناڭلاردىن ئايرىلىپ، سىلەرنى تاشلاپ كېتىدۇ. شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر: «رەببىمىز ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچىغا مۇبارەك بولسۇن!» دەپ ماڭا ئىشەنمىگۈچە، مېنى قايتىدىن كۆرەلمەيسىلەر، - دېدى.
← Chapter 12
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 14 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24