bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Nahum 2
Nahum 2
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 1
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 3 →
1
ئەي نىنەۋىلىكلەر، ۋەيران قىلغۇچىلار كېلىپ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلماقچى! سېپىللىرىڭلارغا قاراۋۇللارنى قويىۋېرىڭلار، يوللارنى مۇھاپىزەت قىلىۋېرىڭلار، قوشۇنلىرىڭلارنى يىغىپ، كۈچۈڭلارنى توپلاۋېرىڭلار!
2
ئەي نىنەۋىلىكلەر، سىلەر يەھۇدىيەنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈزۈمزارلىقلىرىنى بۇزۇۋەتكەن بولساڭلارمۇ، لېكىن پەرۋەردىگار خۇددى ئىسرائىلىيەنىڭ شان-شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغاندەك، ياقۇپنىڭ ئەجدادلىرى بولغان يەھۇدىيەنىڭ شان-شەرىپىنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.
3
سىلەرنى يوقىتىدىغان دۈشمەن لەشكەرلىرى قىزىل كىيىملەرنى كىيىدۇ، ئۇلارنىڭ قالقانلىرى قىپقىزىل بولۇپ، پارقىرايدۇ. جەڭ كۈنىدە ھارۋىلارنىڭ تۆمۈرلىرى ئوتتەك چاقنايدۇ، ئۇلار نەيزىلىرىنى ئوينىتىدۇ.
4
جەڭ ھارۋىلىرىنى كوچا-كويلاردا ئۇچقاندەك ھەيدەپ، دالالاردا ئۇيان-بۇيان چېپىشىپ يۈرىدۇ. ھارۋىلار مەشئەللەردەك يېنىپ، چاقماقتەك ئالغا ئېتىلىدۇ.
5
لەشكەر باشلىرى چاقىرتىلىدۇ. ئۇلار ئالدىرىغىنىدىن بىر-بىرىگە پۇتلىشىپ كېتىدۇ. دۈشمەن دەرۋازىنى بۇزۇپ ئېچىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان كۆتەكنىڭ ئۈستىگە قالقان بولىدىغان لەمپە ئورنىتىدۇ.
6
دەريا بويىغا سېلىنغان قوۋۇقلار ئېچىلىدۇ، ئوردا ئوتتا كۆيۈپ كېتىدۇ.
7
مۇقەررەركى، نىنەۋىلىكلەر ئەسىرگە ئېلىنىپ، سۈرگۈن قىلىنىدۇ، كېنىزەكلەر كەپتەردەك ئۈنلىشىپ، پەرياد قىلىپ، كۆكرەكلىرىگە مۇشتلاپ، ھازا تۇتىدۇ.
8
خۇددى ئېچىۋېتىلگەن تۇغاندىن ئېتىلىپ چىققان سۇدەك، خالايىق نىنەۋى شەھىرىدىن قېچىشىدۇ. لەشكەر باشلىرى: «توختاڭلار! توختاڭلار!» دەپ ۋارقىراشسىمۇ، لېكىن ھېچكىم ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قارىمايدۇ.
9
ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئولجا ئېلىڭلار! بۇ يەردە پۈتمەس-تۈگىمەس بايلىقلار بار، قىممەتلىك خەزىنىلەر سان-ساناقسىزدۇر.
10
نىنەۋى شەھىرى يىقىلىدۇ، پۈتۈنلەي قۇرۇقدىلىپ، ۋەيران بولىدۇ. نىنەۋىلىكلەرنىڭ يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ، پۇت-قوللىرىدا جان قالمايدۇ، تەنلىرى جۇغۇلداپ، چىرايلىرىدا قان قالمايدۇ.
11
نىنەۋى شەھىرىگە نېمە بولغاندۇ؟ ئۇ شىرلار ئۇۋىسىغا ئوخشاش ئىدىغۇ! ئۇ يەردە ياش شىرلار غىزالىناتتى، ئارسلانچاقلار ئەركەك ۋە چىشى شىر بىلەن بىخەتەر ياشايتتى.
12
شىر كۈچۈكلىرىگە ئولجىلارنى يېتەرلىك پارچىلاپ، تىتىپ بېرەتتى، چىشى شىر ئۈچۈن تىرىك ئولجىنى بوغۇپ ئۆلتۈرەتتى، ئۆڭكۈرى ئولجا بىلەن توشۇپ كېتەتتى. ئۇۋىسىغا گۆش پارچىلىرى دۆۋىلىنىپ كېتەتتى.
13
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئاڭلاپ تۇر، ئەي نىنەۋى، مەن ساڭا قارشىدۇرمەن! جەڭ ھارۋىلىرىڭنى كۆيدۈرۈۋېتىمەن، ياش ئارسلانلىرىڭ قىلىچتا ھالاك بولىدۇ، مەن ئەمدى يەر يۈزىدە ساڭا ئولجا قالدۇرمايمەن. بۇنىڭدىن كېيىن ئەلچىلىرىڭنىڭ ئاۋازلىرى ئۆچىدۇ.»
← Chapter 1
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 3 →
All chapters:
1
2
3