bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Nehemiah 2
Nehemiah 2
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 1
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 3 →
1
تۆت ئايدىن كېيىن، يەنى پېرسىيە پادىشاھى ئارتاخشاستى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 20-يىلى نىسان ئېيىنىڭ بىر كۈنى ، مەن پادىشاھقا شاراب قۇيۇپ بېرىۋاتاتتىم. مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ھەرگىز پەرىشان بولۇپ باقمىغانىدىم.
2
ئۇ ماڭا: _ سېنىڭ كېسىلىڭ يوق تۇرۇقلۇق، نېمىشقا پەرىشان كۆرۈنىسەن؟ كۆڭلۈڭدە چوقۇم بىر ئىش بار، _ دېدى. مەن قاتتىق چۆچۈگەن ھالدا
3
پادىشاھقا: _ ئالىيلىرىنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغاي! ئەجدادلىرىم دەپنە قىلىنغان شەھەر خارابلىقتا، شەھەر دەرۋازىلىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ھالەتتە تۇرسا، مەن قانداقمۇ پەرىشان بولماي تۇرالاي؟ _ دەپ جاۋاب بەردىم.
4
پادىشاھ: _ مەندىن نېمە تىلەيسەن؟ _ دەپ سورىدى. مەن ئەرشئەلادىكى خۇداغا دۇئا قىلدىم ۋە
5
پادىشاھقا: _ ئەگەر ئالىيلىرى ئۇيغۇن كۆرسىلە، ئىلتىپات قىلىشنى خالىسىلا، مېنى ئەجدادلىرىم دەپنە قىلىنغان يەھۇدىيەنىڭ شەھىرىنى قايتىدىن بىنا قىلىشقا ئەۋەتكەيلا، _ دېدىم.
6
خانىش پادىشاھنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتى. پادىشاھ مەندىن: _ قانچە ۋاقىت تۇرىسەن؟ قاچان قايتىپ كېلىسەن؟ _ دەپ سورىدى. مەن ۋاقىتنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇ تەلىپىمگە قوشۇلدى.
7
مەن پادىشاھقا يەنە مۇنداق دېدىم: _ ئەگەر ئالىيلىرى ئۇيغۇن كۆرسىلە، فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكە باشلىقلىرىغا پېقىرنىڭ ئۇلارنىڭ زېمىنى ئارقىلىق يەھۇدىيەگە بېرىشىمغا يول خەت پۈتتۈرۈپ بەرگەن بولسىلا.
8
ئۇنىڭدىن باشقا ئالىيلىرىنىڭ ئورمان باشقۇرغۇچىسى ئاسافنىڭ ماڭا ياغاچ بېرىشىگە مەكتۇپ پۈتتۈرۈپ بەرگەن بولسىلا. پېقىر بۇ ياغاچلارنى ئىبادەتخانىنىڭ يېنىدىكى قورغاننىڭ دەرۋازىلىرى، شەھەر سېپىلى ۋە خۇسۇسىي ئۆيۈمگە لىم قىلىپ، ئىشلەتكەن بولسام. خۇدايىم ماڭا يار بولغاچقا، پادىشاھ تەلەپلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنداپ بەردى.
9
پادىشاھ مېنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن سەركەردىلەر بىلەن ئاتلىق لەشكەرلەرنى ئەۋەتتى. مەن فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىگە كەلگىنىمدە، پادىشاھنىڭ مەكتۇپىنى ئۆلكە باشلىقلىرىغا سۇندۇم.
10
خورونلۇق سانباللات بىلەن ئاممونلاردىن بولغان ئەمەلدار توبىيا بىر ئادەمنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە ياردەمگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى خاپا بولۇپتۇ.
11
مەن يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئۈچىنچى كۈنى يېرىم كېچىدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، بىرنەچچە ھەمراھىم بىلەن سىرتقا چىقتىم. خۇدانىڭ يېرۇسالېم ئۈچۈن قەلبىمگە سالغان ئىشىنى ھېچكىمگە تىنمىدىم. بىزدىكى بىردىنبىر ئۇلاغ مەن مىنگەن ئېشەك ئىدى.
13
مەن قاراڭغۇدا شەھەرنىڭ جىلغا دەرۋازىسى ئارقىلىق ئەجدىھا بۇلىقىدىن ئۆتۈپ، قىغ دەرۋازىسىغا باردىم. يول بويى خاراب بولغان سېپىللار بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىلگەن دەرۋازىلارنى كۆزدىن كەچۈردۈم.
14
ئاندىن مەن بۇلاق دەرۋازىسىدىن ئۆتۈپ، شاھ كۆلچىكىگە باردىم. بىراق ئېشىكىم خارابلىقتىن ئۆتەلمىدى.
15
شۇنىڭ بىلەن مەن قاراڭغۇلۇقتا جىلغىنى بويلاپ، سېپىللارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقتىم. ئاندىن بۇرۇلۇپ، جىلغا دەرۋازىسى ئارقىلىق قايتىپ كەلدىم.
16
مېنىڭ نەگە بېرىپ، نېمە قىلغانلىقىمنى ئەمەلدارلار بىلمىدى. مەن پىلانىمنى ھېچقانداق يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمغا، مەيلى ئۇلار روھانىيلار، جامائەت ئەربابلىرى، ئەمەلدارلار ياكى سېپىل قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار باشقا كىشىلەر بولسۇن، تېخى تىنمىغانىدىم.
17
بىراق ھازىر مەن ئۇلارغا: _ بىزنىڭ ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرىمىزدىن سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلار بار. چۈنكى يېرۇسالېم خارابلىقتا، شەھەر دەرۋازىلىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ھالەتتە تۇرماقتا. يېرۇسالېم سېپىلىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىپ، خورلۇققا خاتىمە بېرەيلى! _ دېدىم.
18
مەن ئۇلارغا خۇدايىمنىڭ ماڭا يار بولغانلىقىنى ھەمدە پادىشاھنىڭ ماڭا دېگەنلىرىنى ئېيتتىم. ئۇلار: _ خوپ، ئەمىسە ئىشنى باشلايلى! _ دېيىشتى ۋە پۈتۈن كۈچلىرى بىلەن بۇ خەيرلىك ئىشىنى باشلاشتى.
19
خورونلۇق سانباللات بىلەن ئاممونلاردىن بولغان ئەمەلدار توبىيا ۋە گەشەم ئىسىملىك بىر ئەرەب بۇ ئىشنى ئاڭلاپ، بىزگە نەپرەت قىلىپ: _ سىلەر نېمە قىلىۋاتىسىلەر؟ پادىشاھقا قارشى ئىسيان كۆتۈرمەكچىمۇ سىلەر؟ _ دەپ سوئال قويۇشتى.
20
مەن جاۋابەن: _ ئەرشئەلادىكى خۇدا بىزنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان بىز بۇ قۇرۇلۇشنى باشلايمىز. سىلەرنىڭ يېرۇسالېمدا ھەققىڭلار يوق، قانۇنىي ۋە تارىخىي ھوقۇقۇڭلارمۇ يوق! _ دېدىم.
← Chapter 1
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 3 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13