bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Romans 12
Romans 12
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 11
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 13 →
1
شۇڭا، ئەي قېرىنداشلار، خۇدا بىزگە شۇنداق رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنىكەن، ئۆزۈڭلارنى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان، ئۇنىڭغا ئاتالغان تىرىك قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۇنىڭغا بېغىشلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. مانا بۇ، سىلەرنىڭ خۇداغا قىلىدىغان ھەقىقىي ئىبادىتىڭلاردۇر.
2
بۇ دۇنيانىڭ ئېقىملىرىغا ئەگىشىپ يۈرمەڭلار، ئەكسىچە ئوي-پىكرىڭلار خۇدانىڭ يېڭىلىشى بىلەن پۈتۈنلەي ئۆزگەرسۇن. شۇ چاغدا، خۇدانىڭ ھاياتىڭلارغا بولغان ئىرادىسىنى ھەمدە بۇ ئىرادىنىڭ نەقەدەر ياخشى، نەقەدەر خۇرسەن قىلارلىق ۋە نەقەدەر مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىلەر.
3
خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ماڭا ئاتا قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، ھەربىرىڭلارغا شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۆزۈڭلارنى ئارتۇقچە باھالىماڭلار. ئەكسىچە، ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن خۇدا سىلەرگە بەرگەن ئېتىقاد جەھەتتىكى قابىلىيىتىڭلارغا قاراپ، ئۆزۈڭلارنى دەڭسەپ كۆرۈڭلار.
4
بىزنىڭ تېنىمىز كۆپلىگەن ئەزالاردىن تەركىب تاپقان ھەمدە ھەربىر ئەزايىمىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان رولى بار.
5
شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز ئېتىقادچىلار كۆپ بولساقمۇ، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ھەممىمىز بىر تەن بولۇپ، بىر-بىرىمىزگە باغلىنىپ تۇرىمىز
6
ھەمدە خۇدانىڭ بىزگە ئاتا قىلغان مېھىر-شەپقىتىگە ئاساسەن ھەربىرىمىزدە ئوخشاش بولمىغان قابىلىيەتلەر بار بولىدۇ. ئەگەر خۇدانىڭ سىلەرگە بەرگەن قابىلىيىتى ئۆزىنىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش بولسا، ئۇنىڭ سىلەرگە ۋەھىي ئارقىلىق سۆزلەۋاتقانلىقىغا ئىشەنگىنىڭلاردەك، ئىشەنچ بىلەن بۇ ۋەھىينى باشقىلارغا يەتكۈزۈڭلار.
7
خۇدانىڭ سىلەرگە بەرگەن قابىلىيىتى باشقىلارغا خىزمەت قىلىش بولسا، خىزمەت قىلىڭلار؛ خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرىش بولسا، تەلىم بېرىڭلار؛
8
رىغبەتلەندۈرۈش بولسا، رىغبەتلەندۈرۈڭلار؛ ئىئانە بېرىش بولسا، چىن كۆڭلۈڭلار بىلەن ئىئانە بېرىڭلار؛ باشلامچىلىق قىلىش بولسا، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشلامچىلىق قىلىڭلار؛ رەھىم قىلىش بولسا، خۇشاللىق بىلەن قىلىڭلار.
9
مېھىر-مۇھەببىتىڭلار ساختا بولمىسۇن. يامانلىقتىن يىرگىنىڭلار، ياخشى ئىشلاردا چىڭ تۇرۇڭلار.
10
بىر-بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە سۆيۈپ، ئۆزئارا قىزغىن بولۇڭلار. باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن يۇقىرى كۆرۈپ، ئۇلارنى ھۆرمەتلەڭلار.
11
قىزغىنلىقىڭلار سوۋۇپ كەتمىسۇن. ئەكسىچە، ئوتتەك قىزغىن قەلبىڭلار بىلەن رەببىمىزگە خىزمەت قىلىڭلار.
12
ئۈمىد ئىچىدە شاد-خۇرام ياشاڭلار، قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىڭلار. ھەر ۋاقىت دۇئادا بولۇڭلار.
13
خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى ئارىسىدىن ئېھتىياجى چۈشكەنلەرگە ياردەم قىلىڭلار ۋە ئۇلارغا مېھماندوست بولۇڭلار.
14
سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارغا بەخت تىلەڭلار. ئۇلارغا پەقەت بەخت تىلەڭلاركى، ئۇلارنى قارغىماڭلار.
15
خۇشال بولغانلار بىلەن بىللە خۇشال بولۇڭلار، قايغۇرغانلار بىلەن بىللە قايغۇرۇڭلار.
16
ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈڭلار، مەغرۇرلانماڭلار. ئەكسىچە، تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىڭلار. ھەرگىز بىلەرمەن بولۇۋالماڭلار.
17
ھېچكىمنىڭ يامانلىقىغا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرماڭلار، كۆپچىلىك ياخشى دەپ قارىغان ئىشلارنى كۆڭۈل قويۇپ قىلىڭلار.
18
ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپچىلىك بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار.
19
قەدىرلىك دوستلار، ئىنتىقام ئالماڭلار، بۇنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «پەرۋەردىگار دەيدۇكى، ئىنتىقام ئالغۇچى مەندۇرمەن، ئۇنى مەن چوقۇم قىلىمەن.»
20
مۇقەددەس يازمىلاردا يەنە مۇنداق يېزىلغان: «دۈشمىنىڭ ئاچ بولسا، ئۇنى تويدۇر، ئۇسسىغان بولسا، قاندۇر. بۇنداق قىلىش بىلەن ئۇنىڭ يۈزىنى چىمىلدىتىپ، ئۇنى خىجالەتچىلىكتە قالدۇرىسەن.» سىلەرمۇ ئىنتىقام ئېلىشنىڭ ئورنىغا شۇنداق قىلىڭلار.
21
دېمەك، يامانلىق ئالدىدا تىز پۈكمەڭلار، يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن يېڭىڭلار.
← Chapter 11
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 13 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16