bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
2 Samuel 11
2 Samuel 11
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 10
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 12 →
1
ئەتىياز كېلىپ، پادىشاھلار جەڭگە چىقىدىغان ۋاقىت بولغاندا، داۋۇت پۈتۈن ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى يوئاب ۋە لەشكەر باشلىرىنىڭ باشچىلىقىدا جەڭگە ئاتلاندۇردى. ئۇلار ئاممونلارنى يەڭدى ۋە رابباھ شەھىرىنى قورشاۋغا ئالدى. داۋۇت يېرۇسالېمدا قالغانىدى.
2
بىر كۈنى كەچقۇرۇن داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ، ئوردىنىڭ ئۆگزىسىدە ئۇيان-بۇيان مېڭىپ يۈرەتتى. ئۇ تۇيۇقسىز ناھايىتى چىرايلىق بىر ئايالنىڭ يۇيۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.
3
داۋۇت ئۇ ئايالنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇ ئادەم قايتىپ كېلىپ: _ ئۇ ئەلىئامنىڭ قىزى، خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيانىڭ خوتۇنى باتشەبا ئىكەن، _ دېدى.
4
داۋۇت ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇ ئايالنى ئەكەلدۈردى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولدى. (بۇ چاغدا ئۇ ئايال ھەيز كۆرۈپ، ئەمدىلا پاكلانغانىدى.) ئاندىن ئۇ ئايال ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.
5
كېيىن ئايال ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ، داۋۇتقا خەۋەر ئەۋەتتى.
6
داۋۇت يوئابقا ئادەم ئەۋەتىپ: «سەن خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيانى مېنىڭ يېنىمغا ئەۋەتكىن» دېدى. يوئاب ئۇرىيانى داۋۇتنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى.
7
ئۇرىيا كەلگەندىن كېيىن، داۋۇت ئۇنىڭدىن يوئاب ۋە لەشكەرلەرنىڭ، شۇنداقلا جەڭ مەيدانىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى.
8
ئاندىن داۋۇت ئۇنىڭغا: _ ئۆيۈڭگە قايتىپ، دەم ئالغىن! _ دېدى. ئۇرىيا ئوردىدىن كەتكەندىن كېيىن، پادىشاھ داۋۇت ئۇنىڭ ئارقىسىدىن سوۋغاتلارنى ئەۋەتتى.
9
لېكىن ئۇرىيا ئۆزىنىڭ ئۆيىگە قايتماي، پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى بىلەن بىرگە ئوردا دەرۋازىسىنىڭ يېنىدا قونۇپ قالدى.
10
ئۇرىيانىڭ ئۆيىگە كەتمىگەنلىكىنى ئاڭلىغان داۋۇت ئۇنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن: _ سەن سەپەردىن كەلگەن تۇرۇقلۇق، نېمىشقا ئۆيۈڭگە قايتمىدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.
11
ئۇرىيا جاۋاب بېرىپ: _ ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە لەشكەرلىرى چېدىرلاردا تۇرۇۋاتىدۇ، ئەھدە ساندۇقىمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدىدۇر. خوجام يوئاب ۋە ئۇنىڭ سەركەردىلىرىمۇ دالادا تۇرۇۋاتسا، مەن قانداقمۇ ئۆيۈمگە قايتىپ، يەپ-ئىچىپ، خوتۇنۇم بىلەن بىرگە بولاي؟ مەن سىلىنىڭ ناملىرى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن، _ دېدى.
12
داۋۇت: _ بۈگۈنمۇ مۇشۇ يەردە قال. مەن سېنى ئەتە ئۇرۇش مەيدانىغا يولغا سېلىپ قوياي، _ دېدى. ئۇرىيا شۇ كۈنى يېرۇسالېمدا قالدى.
13
ئەتىسى داۋۇت ئۇرىيانى ئۆزى بىلەن بىرگە غىزالىنىشقا چاقىرتىپ، ئۇنى مەست قىلىپ قويدى. ۋاھالەنكى، ئۇرىيا كەچ بولغاندا ئۆز ئۆيىگە بېرىپ ياتماي، يەنىلا پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى ياتىدىغان جايدا ياتتى.
14
ئەتىسى ئەتىگەندە داۋۇت يوئابقا بىر پارچە خەت يېزىپ، ئۇنى ئۇرىيادىن ئەۋەتتى.
15
ئۇ خېتىدە: «ئۇرىيانى ئەڭ شىددەتلىك جەڭ بولىدىغان ئالدىنقى سەپكە ئەۋەت. جەڭ بولغاندا، ئۇنى جەڭدە يالغۇز تاشلاپ قويۇپ، كەينىڭلارغا چېكىنىڭلار. ئۇ جەڭدە ئۆلۈپ كەتسۇن» دەپ يازغانىدى.
16
يوئاب ئۇ چاغدا رابباھ شەھىرىنى قورشاۋغا ئېلىۋاتاتتى. دۈشمەنلەر قەيەردە ئەڭ كۈچلۈك بولسا، ئۇ ئۇرىيانى شۇ يەرگە ئەۋەتتى.
17
دۈشمەن لەشكەرلىرى شەھەردىن چىقىپ، يوئابنىڭ قوشۇنى بىلەن ئېلىشقاندا، داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرىنىڭ بەزىلىرى ئۆلدى. خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيامۇ ئۆلدى.
18
شۇنىڭدىن كېيىن يوئاب داۋۇتقا خەۋەرچى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا جەڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەردى.
19
يوئاب خەۋەرچىگە: _ سەن پادىشاھقا پۈتۈن جەڭ ئەھۋالىنى تولۇق يەتكۈزگىن.
20
ئەگەر پادىشاھ ئاڭلاپ قاتتىق خاپا بولۇپ، سېنى: «سىلەر نېمىشقا شەھەرگە شۇنچە يېقىن بېرىپ جەڭ قىلدىڭلار، دۈشمەننىڭ سېپىلدىن ئوق ئاتىدىغانلىقىنى بىلمەمتىڭلار؟
21
گىدئوننىڭ ئوغلى ئابىمەلەكنى كىمنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلمەمسىلەر، ئۇنى تىبېزدا بىر ئايال سېپىلدىن يارغۇنچاقنىڭ تېشىنى تاشلاپ ئۆلتۈرمىگەنمىدى؟ شۇنداق ئىكەن، سىلەر سېپىلغا نېمىشقا شۇنچە يېقىن باردىڭلار؟» دەپ ئەيىبلىسە، سەن ئۇنىڭغا: «ئۇرىيامۇ ئۆلدى» دەپ جاۋاب بەرگىن، _ دېدى.
22
خەۋەرچى كېلىپ، پادىشاھ داۋۇتقا يوئاب تاپىلىغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېيتتى.
23
خەۋەرچى: _ دۈشمىنىمىز بىزدىن كۈچلۈك كەلدى. ئۇلار شەھەردىن چىقىپ، دالادا بىز بىلەن جەڭ قىلدى. بىراق بىز ئۇلارنى شەھەر دەرۋازىسىغىچە قوغلاپ باردۇق.
24
شۇ پەيتتە دۈشمەننىڭ ئوقياچىلىرى سېپىلدا تۇرۇپ، پادىشاھىمىزنىڭ لەشكەرلىرىنى ئوقياغا تۇتۇشتى. سىلىنىڭ لەشكەرلىرىدىن بەزىلىرى ئۆلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە خىت خەلقىدىن بولغان خىزمەتكارلىرى ئۇرىيامۇ بار ئىدى، _ دېدى.
25
داۋۇت خەۋەرچىگە: _ سەن بېرىپ يوئابنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇنىڭغا: «بۇ ئىش سەۋەبىدىن كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، ئۇرۇش رەھىمسىزدۇر. ئەمدى شەھەرگە بولغان ھۇجۇمنى كۈچەيتىپ، شەھەرنى ئىگىلە» دېگىن، _ دېدى.
26
ئۇرىيانىڭ ئايالى ئېرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ھازا تۇتتى.
27
ھازا مۇددىتى توشۇشى بىلەن داۋۇت ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى ئوردىغا ئەكەلدۈرۈۋالدى. ئۇ داۋۇتقا خوتۇن بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. لېكىن پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ بۇ قىلمىشلىرىدىن نارازى بولدى.
← Chapter 10
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 12 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24