bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
2 Samuel 16
2 Samuel 16
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 15
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 17 →
1
پادىشاھ داۋۇت تاغدىن ئەمدىلا ئېشىشىغىلا مىفىبوشەتنىڭ خىزمەتكارى زىبانى ئۇچراتتى. زىبا ئېگەرلەنگەن ئىككى ئېشەكنى يېتىلىۋالغان بولۇپ، ئېشەكلەرگە ئىككى يۈز نان، يۈز ئوچۇم كىشمىش، بىر تۇلۇم شاراب ۋە يازلىق مېۋىلەر ئارتىلغانىدى.
2
پادىشاھ زىبادىن: _ سەن بۇ نەرسىلەرنى نېمىشقا ئېلىپ كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. زىبا: _ ئېشەكلەرنى پادىشاھىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مىنىشىگە، نان ۋە يازلىق مېۋىلەرنى ياشلارنىڭ يېيىشىگە، شارابنى چۆلدە ھېرىپ قالغانلارنىڭ ئىچىشىگە ئېلىپ كەلدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.
3
پادىشاھ يەنە: _ خوجايىنىڭ سائۇلنىڭ نەۋرىسى مىفىبوشەت قەيەردە؟ _ دەپ سورىدى. زىبا: _ مىفىبوشەت يېرۇسالېمدا قالدى. ئۇ بۈگۈن ئىسرائىل خەلقى ماڭا بوۋام سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى قايتا تىكلەپ بېرىدۇ دەيدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.
4
پادىشاھ: _ مىفىبوشەتكە تەۋە بولغان ھەممە نەرسە ئەمدى ساڭا تەۋەدۇر، _ دېدى. زىبا: _ ئالىيلىرىغا تەزىم قىلاي، ھەر دائىم ئىلتىپاتلىرىغا سازاۋەر بولغايمەن! _ دېدى.
5
پادىشاھ داۋۇت باخۇرىم شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. سائۇل جەمەتىدىن بىر ئادەم ئۇنىڭغا قاراپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ گېرانىڭ ئوغلى بولۇپ، ئىسمى شىمئى ئىدى. ئۇ كېلىۋېتىپ داۋۇتنى قارغىدى.
6
ئۇ پادىشاھ داۋۇت، ئادەملىرى ۋە قوغدىغۇچى لەشكەرلىرىگە قارىتىپ تاش ئاتتى ۋە
7
پادىشاھ داۋۇتنى ھاقارەتلەپ، مۇنداق دېدى: _ ئەي قانخور، ئەي رەزىل ئىنسان، يوقال! يوقال بۇ يەردىن!
8
سەن سائۇل جەمەتىنىڭ قېنىنى تۆككەنلىكىڭ ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋالغانلىقىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سېنى جازالاپ، پادىشاھلىق تەختىنى ئوغلۇڭ ئابسالومغا ئېلىپ بەردى. ئەي قانخور، قىلغانلىرىڭ ئۆزۈڭگە قايتتى.
9
مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاي پادىشاھ داۋۇتقا: _ نېمىشقا بۇ ئۆلۈك ئىتنىڭ سىلىنى ھاقارەتلىشىگە يول قويىمىز؟ مەن بېرىپ، ئۇ بىر نېمىنىڭ كاللىسىنى ئالاي، _ دېدى.
10
پادىشاھ داۋۇت: _ ھەي زىرۇيانىڭ ئوغۇللىرى، مېنىڭ ئىشىم بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن! ئەگەر پەرۋەردىگار ئۇنى مېنى قاغاشقا ئەۋەتكەن بولسا، ئۇنى توسقۇدەك سەن كىم ئىدىڭ؟ _ دېدى.
11
ئاندىن داۋۇت ئابىشاي ۋە ئۆزىنىڭ بارلىق ئادەملىرىگە يەنە: _ قاراڭلار، ئۆزۈمنىڭ پۇشتىدىن بولغان ئوغلۇم جېنىمنى ئالماقچى بولۇۋاتقان يەردە، بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بۇ ئادەم نېمە قىلمايدۇ؟ مەيلىگە قويۇۋېتىڭلار، قارغاۋەرسۇن! پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىشنى بۇيرۇغاندۇر!
12
بەلكىم پەرۋەردىگار قىيىنچىلىقتا قالغانلىقىمنى كۆرۈپ، قارغىشنىڭ ئورنىغا بەخت ئاتا قىلىپ قالار، _ دېدى.
13
شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ داۋۇت ئادەملىرى بىلەن يولىنى داۋاملاشتۇردى. شىمئى تاغ باغرىدا ماڭدى. ئۇ يول بويى داۋۇتنى قارغاپ ماڭدى ۋە ئۇنىڭغا تاش ئاتتى، توپا چاچتى.
14
پادىشاھ داۋۇت ۋە ھەمراھلىرى مەنزىلىگە يېتىپ كەلگەندە، ھارغانلىقلىرىنى ھېس قىلىشىپ، شۇ يەردە دەم ئېلىشتى.
15
بۇ ۋاقىتتا ئابسالوم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن پۈتۈن ئىسرائىللار يېرۇسالېمغا كىرىپ بولغانىدى. ئاخىتوفەلمۇ ئابسالوم بىلەن بىرگە ئىدى.
16
داۋۇتنىڭ دوستى، يەنى ئاركى جەمەتىدىن بولغان خۇشاي ئابسالومنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: _ پادىشاھ ئالىيلىرى ياشىغايلا! _ دېدى.
17
ئابسالوم ئۇنىڭدىن: _ سېنىڭ دوستۇڭغا بولغان سادىقلىقىڭ شۇمۇ؟ نېمىشقا دوستۇڭ بىلەن بىرگە كەتمىدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.
18
خۇشاي ئابسالومغا: _ مەن پەرۋەردىگار، خەلق ۋە پۈتۈن ئىسرائىللار تاللىغان ئادەم تەرەپتە تۇرىمەن. ھېچ يەرگە بارمايمەن.
19
ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن داۋۇتنىڭ ئوغلى ئابسالومدىن باشقا ھېچكىمگە خىزمەت قىلمايمەن. ئاتىلىرىغا قانداق خىزمەت قىلغان بولسام، سىلىگىمۇ شۇنداق خىزمەت قىلىمەن، _ دېدى.
20
ئاندىن ئابسالوم ئاخىتوفەلگە قاراپ: _ ئۇنداقتا نېمە قىلىمىز؟ مەسلىھەت بەرگىن، _ دېدى.
21
ئاخىتوفەل: _ سىلى ئاتىلىرى ئوردىغا قاراشقا قالدۇرۇپ كەتكەن توقاللار بىلەن بىر ئورۇندا ياتسىلا. شۇنداق قىلسىلىرى، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى سىلىنىڭ ئۆز ئاتىلىرىدىن نەپرەتلىنىدىغانلىقلىرىنى ئاڭلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىلىگە ئەگەشكەنلەرنىڭ سىلىنى قوللىشى تېخىمۇ قەتئىي بولىدۇ، _ دېدى.
22
شۇنداق قىلىپ، ئابسالوم ئۈچۈن ئوردىنىڭ ئۆگزىسىدە بىر چېدىر تىكىلدى. ئابسالوم ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئاتىسىنىڭ توقاللىرى بىلەن بىر ياستۇققا باش قويدى.
23
ئۇ چاغلاردا كىشىلەرگە ئاخىتوفەلنىڭ كۆرسەتكەن مەسلىھەتلىرى خۇدادىن كەلگەن مەسلىھەتتەك بىلىنەتتى. ئابسالوم ئاخىتوفەلنىڭ بەرگەن مەسلىھەتلىرىنى بەجايىكى داۋۇت قوبۇل قىلغاندەك قوبۇل قىلاتتى.
← Chapter 15
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 17 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24