bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Acts 14
Acts 14
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 13
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 15 →
1
پاۋلۇس بىلەن بارنابا كونيا شەھىرىدىمۇ ئادىتى بويىچە يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىردى. ئۇلار جامائەتكە شۇنداق سۆزلىدىكى، نەتىجىدە نۇرغۇن يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى خۇش خەۋەرگە ئىشەندى.
2
بىراق، ئىشەنمىگەن يەھۇدىيلار باشقا يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئىدىيىسىنى زەھەرلەپ، ئۇلارنى ئېتىقادچىلارغا قارشى تۇرۇشقا قۇتراتتى.
3
پاۋلۇس بىلەن بارنابا ئۇ يەردە خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ، رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يۈرەكلىك ھالدا يەتكۈزدى. رەببىمىز ئەيسامۇ ئۇلارغا مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى بېرىپ، ئۇلار يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
4
بۇنىڭ بىلەن، شەھەر خەلقى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. بەزىلىرى ھەزرىتى ئەيساغا ئىشەنمەيدىغان يەھۇدىيلار تەرەپتە، بەزىلىرى بولسا ئەلچىلەر تەرەپتە تۇردى.
5
ئاخىردا، ھەزرىتى ئەيساغا ئىشەنمەيدىغان يەھۇدىيلار بىلەن يەھۇدىي ئەمەسلەر ئۆز باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەلچىلەرنى قىيناپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرمەكچى بولدى.
6
بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان پاۋلۇس بىلەن بارنابا بۇ شەھەردىن قېچىپ، لىكاۋۇنيا رايونىدىكى لىسترا ۋە دەربە شەھەرلىرى ھەمدە ئەتراپتىكى جايلارغا بېرىپ، خۇش خەۋەرنى داۋاملىق تارقىتىۋەردى.
8
شۇ چاغدا، لىسترا شەھىرىدە بىر تۇغما پالەچ بار ئىدى.
9
بۇ ئادەم پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ ئولتۇراتتى. ئۇنى دىققەت بىلەن كۆزەتكەن پاۋلۇس ئۇنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا ئىشەنگەنلىكىنى ۋە ساقايتىلىپ كېتىشكە ئىشەنچى بارلىقىنى سېزىپ،
10
يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: - ئورنۇڭدىن تۇر! - دېدى. ھېلىقى ئادەم شۇئان دەس تۇرۇپ مېڭىشقا باشلىدى.
11
پاۋلۇسنىڭ بۇ كارامىتىنى كۆرگەن كۆپچىلىك لىكاۋۇنيا تىلى بىلەن: - خۇدالار ئىنسان قىياپىتىدە ئارىمىزغا كەپتۇ! - دەپ ۋارقىرىشىپ كەتتى.
12
ئۇلار بارنابانى ئىلاھ زېئۇس، دەپ ئاتاشتى. پاۋلۇس كۆپرەك سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى ئىلاھ ھېرمىس، دەپ ئاتاشتى.
13
شەھەرنىڭ سىرتىدا «زېئۇس ئىلاھ»~نىڭ بۇتخانىسى بار ئىدى. شۇ بۇتخانىدا ئىشلەيدىغان روھانىي خەلق بىلەن بىللە ئەلچىلەرگە ئاتاپ قۇربانلىق قىلماقچى بولۇپ، شەھەر دەرۋازىسىغا ئۆكۈز ۋە گۈل چەمبىرەكلەرنى ئېلىپ كەلدى.
14
بارنابا بىلەن پاۋلۇس ئۇلارنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشىنى ئاڭلاپ، يىرگەنگەن ھالدا، نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن كۆڭلەكلىرىنى يىرتىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، ۋارقىراپ مۇنداق دېدى:
15
- ئۇنداق قىلماڭلار! بىزمۇ ئادەم، سىلەرگە ئوخشاش ئىنسان! بىز سىلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە كەلدۇق. خۇش خەۋەر شۇكى: ئەرزىمەس نەرسىلەرگە چوقۇنماي، مەڭگۈ ھايات بولغان بىردىنبىر خۇداغىلا ئىبادەت قىلىڭلار! ئۇ ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيان ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەخلۇقلارنى ياراتقان خۇدادۇر!
16
بۇرۇنقى زامانلاردا، خۇدا ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئادەملىرىنى ئۆزلىرى تاللىغان يولدا مېڭىشىغا قويۇپ بەرگەن.
17
شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھەمىشە ئىسپاتلاپ كەلگەن. ئۇ ھەمىشە ھەممىمىزگە شاپائەت قىلىپ، يامغۇرنى ئۆز ۋاقتىدا ياغدۇرۇپ مول ھوسۇل بېغىشلاپ، رىزقىمىزنى بېرىپ، قەلبىمىزنى خۇشاللىققا چۆمدۈردى. شۇنداق ئەمەسمۇ؟
18
ئۇلار بۇ سۆزلەرنى قىلغان بولسىمۇ، خالايىقنىڭ ئۇلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشىنى توسۇپ قالالمىغىلى تاسلا قالدى.
19
لېكىن، ئانتاكيا ۋە كونيا شەھەرلىرىدىن كەلگەن بەزى يەھۇدىيلار كىشىلەرنى قۇتراتتى. نەتىجىدە، خەلق پاۋلۇسنى چالما-كېسەك قىلدى. ئۇلار پاۋلۇسنى ئۆلدى دەپ ئويلاپ، شەھەر سىرتىغا سۆرەپ ئاپىرىپ تاشلىۋەتتى.
20
لېكىن، ئېتىقادچىلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلانغاندا، پاۋلۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، شەھەرگە قايتىپ كىردى. ئەتىسى، ئۇ بارنابا بىلەن بىللە دەربە شەھىرىگە كەتتى.
21
پاۋلۇس بىلەن بارنابا دەربە شەھىرىدە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشغا يېتەكلىدى. كېيىن، ئىككىيلەن لىسترا، كونيا ۋە ئانتاكيا شەھەرلىرىگە قايتىپ باردى.
22
ئۇلار ئۇ يەرلەردە ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى رەببىمىز ئەيساغا داۋاملىق سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. ئۇلار ئېتىقادچىلارغا مۇنداق دېدى: - بىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىش ئۈچۈن، چوقۇم نۇرغۇن جاپالارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
23
پاۋلۇس بىلەن بارنابا يەنە ھەرقايسى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يېتەكچىلەرنى بەلگىلەپ، دۇئا قىلىش ۋە روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىدىغان رەببىمىز ئەيساغا تاپشۇردى.
24
ئىككىيلەن پىسىدىيە رايونىدىن ئۆتۈپ پامفىلىيە ئۆلكىسىگە كەلدى.
25
ئۇلار پەرگە شەھىرىدە خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، دېڭىز بويىدىكى ئانتاليا شەھىرىگە باردى.
26
ئاندىن، ئۇ يەردىن كېمىگە ئولتۇرۇپ، سۇرىيىدىكى ئانتاكياغا قايتتى. ئۇلار ئۆزلىرى تاماملىغان بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىشتىن بۇرۇن، ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلارنىڭ دۇئاسىنى ئالغان بولۇپ، ئېتىقادچىلار ئۇلارنى خۇداغا تاپشۇرۇپ، شۇ چەت زېمىنلارغا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە ئەۋەتكەنىدى.
27
ئۇلار ئانتاكياغا قايتىپ كېلىپ، ئېتىقادچىلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئۇلارغا خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ۋە خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە قانداق يول ئېچىپ، ئۇلارنىمۇ ئېتىقادى ئارقىلىق قۇتقۇزغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
28
ئۇلار ئۇ يەردە ئېتىقادچىلار بىلەن بىللە ئۇزۇن مەزگىل تۇردى.
← Chapter 13
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 15 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28