bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Acts 28
Acts 28
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 27
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
1
بىز قۇتۇلۇپ قىرغاققا چىققاندىن كېيىن، ئۇ ئارالنىڭ مالتا ئىكەنلىكىنى بىلدۇق.
2
ئارال خەلقى بىزگە ئىنتايىن ياخشى مۇئامىلە قىلدى. ئۇ چاغدا، يامغۇر يېغىپ، ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، ئۇلار گۈلخان يېقىپ بىزنى كۈتۈۋالدى.
3
پاۋلۇس بىر باغلام ئوتۇن تېرىپ كېلىپ ئوتقا تاشلىۋىدى، ئىسسىقتىن قاچقان بىر زەھەرلىك يىلان ئۇنىڭ قولىغا يېپىشىۋالدى.
4
يەرلىكلەر پاۋلۇسنىڭ قولىغا يېپىشىپ تۇرغان يىلاننى كۆرۈپ، بىر-بىرىگە: - بۇ ئادەم جەزمەن بىر قاتىل! دېڭىزدىن قۇتۇلۇپ چىققان بولسىمۇ، «تەقدىر» ئۇنىڭ ياشىشىغا يول قويمىدى، - دېيىشتى.
5
لېكىن، پاۋلۇس قولىنى سىلكىپ، يىلاننى ئوتنىڭ ئىچىگە ئاتتى، ئۆزى بولسا ھېچقانداق زەخىم يېمىدى.
6
خەلق پاۋلۇسنىڭ بەدىنىنىڭ ئىششىپ كېتىشىنى ياكى ئۇنىڭ تۇيۇقسىز يىقىلىپ ئۆلۈشىنى كۈتەتتى. لېكىن، بىر دەم كۈتۈپ، ئۇنىڭ ھېچنېمە بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ، خىيالىنى ئۆزگەرتىپ: - بۇ بىر خۇدا بولسا كېرەك! - دېيىشتى.
7
ئۇ يەردىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، ئارال باشلىقى پۇبلىيۇسنىڭ بىر پارچە يېرى بار ئىدى. ئۇ بىزنى ئۆيىگە باشلاپ، چىن كۆڭلى بىلەن ئۈچ كۈن كۈتتى.
8
ئۇ چاغدا، پۇبلىيۇسنىڭ ئاتىسى تولغاق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، قىزىتمىسى ئۆرلەپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانىكەن. پاۋلۇس ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ، دۇئا قىلىپ ئۇچىسىغا قولىنى تەگكۈزۈپ، ساقايتىپ قويدى.
9
بۇنىڭ بىلەن، ئارالدىكى كېسەللەرنىڭ ھەممىسى پاۋلۇسنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ ساقىيىپ قايتىشتى.
10
ئۇلار بىزنى ھۆرمەتلەپ، نۇرغۇن سوۋغاتلارنى ئەكېلىشتى. ئۈچ ئايدىن كېيىن، بۇ يەردىن كېتىدىغان ۋاقتىمىزدا، بىزنى يولدا لازىملىق نەرسە-كېرەكلەر بىلەن تەمىنلىدى.
11
مالتا ئارىلىدا ئىسكەندەرىيىدىن كەلگەن، بېشىغا رىملىقلارنىڭ قوشكېزەك خۇدالىرى كاستور بىلەن پوللۇكسنىڭ نەقىشلىرى ئويۇلغان بىر كېمە قىشلىغانىدى. قىش پەسلىدىن كېيىن، بىز بۇ كېمە بىلەن يولغا چىقتۇق.
12
سىراكوزا شەھىرىگە كېلىپ، ئۇ يەردە ئۈچ كۈن تۇردۇق.
13
ئاندىن سەپىرىمىزنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ، ئىتالىيىدىكى رېگىيۇم شەھىرىگە كەلدۇق. ئەتىسى، جەنۇبتىن چىققان شامالنىڭ ياردىمى بىلەن ئىككى كۈندە پۇتېيولى شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق.
14
ئۇ يەردە ئۇچراتقان ئېتىقادچىلارنىڭ تەكلىپى بىلەن بىر ھەپتە تۇردۇق. ئاندىن، رىم شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتۇق.
15
رىمغا كېلىۋاتقانلىقىمىزدىن خەۋەر تاپقان رىمدىكى ئېتىقادچىلار بىزنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن رىمدىن چىقىپ، ئەللىك نەچچە چاقىرىم يول بېسىپ، بەزىلىرى «ئۈچ ساراي» دېگەن يەرگىچە ۋە بەزىلىرى تېخىمۇ يىراق يول مېڭىپ، ئاپىيۇس بازىرىغىچە كەلگەنىدى. ئۇلارنى كۆرگەن پاۋلۇس خۇداغا رەھمەت ئېيتىپ، تېخىمۇ غەيرەتلەندى.
16
رىم شەھىرىگە كىرگىنىمىزدە، پاۋلۇسنىڭ بىرلا كۆزەتكۈچى لەشكەر بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىندى.
17
ئۈچ كۈندىن كېيىن، پاۋلۇس ئۇ يەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ كاتتىۋاشلىرىنى ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلدى. ئۇلار كەلگەندە، پاۋلۇس مۇنداق دېدى: - قېرىنداشلار! مەن خەلقىمىزگە ياكى ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان ئەنئەنىلەرگە قارشى ھېچقانداق ئىش قىلمىغان بولساممۇ، يېرۇسالېمدا يە ۇدىيلار تەرىپىدىن سولاققا تۇتۇلۇپ، رىملىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدۇم.
18
رىملىقلار مېنى سوراققا تارتقاندىن كېيىن، قويۇۋەتمەكچى بولدى. چۈنكى، مەندە ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە تېگىشلىك بىرەر جىنايەت يوق ئىدى.
19
لېكىن، يەھۇدىيلار بۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرگەچكە، گەرچە ئۆز خەلقىم ئۈستىدىن بىرەر شىكايىتىم بولمىسىمۇ، رىم ئىمپېراتورىغا ئەرز قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم.
20
شۇ سەۋەبتىن، مەن ھەربىرىڭلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ۋە بۇ ھەقتە سۆزلىشىش ئۈچۈن، سىلەرنى بۇ يەرگە تەكلىپ قىلدىم. شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، خەلقىمىز كۈتۈپ كەلگەن قۇتقۇزغۇچىغا ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈنلا، بۇ زەنجىر بىلەن باغلىنىپ، تۇتقۇن بولۇپ قالدىم.
21
ئۇلار پاۋلۇسقا: - يەھۇدىيىدىن سەن توغرۇلۇق خەت ئالمىدۇق. ئۇ يەردىن كەلگەن قېرىنداشلارنىڭ ھېچقايسىسىمۇ سەن توغرۇلۇق بىرەر يامان خەۋەر ئەكەلمىدى ياكى يامان گېپىڭنى قىلمىدى.
22
لېكىن، سېنىڭ پىكىرلىرىڭنى ئاڭلاپ باقماقچىمىز. چۈنكى، سەن تەئەللۇق بولغان بۇ ئېقىمنىڭ ھەممە يەردە قارشىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن خەۋىرىمىز بار! - دېيىشتى.
23
شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار پاۋلۇس بىلەن كۆرۈشۈشكە بىر كۈننى بەلگىلىدى. ئۇ كۈنى، پاۋلۇسنىڭ تۇرغان يېرىگە تېخىمۇ كۆپ كىشى كەلگەنىدى. پاۋلۇس ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۇلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىپ، تەۋرات ھەم پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەھۇدىيلار كۈتۈپ كەلگەن قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىگە قايىل قىلىشقا تىرىشتى.
24
ئۇنىڭ سۆزلىرىگە بەزىلەر ئىشەندى، بەزىلەر ئىشەنمىدى.
25
ئۇلار ئۆزئارا كېلىشەلمەي، قايتماقچى بولغاندا، پاۋلۇس ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - مۇقەددەس روھنىڭ ئەجدادلىرىڭلارغا ئېيتقان سۆزلىرى سىلەرگىمۇ توغرا كېلىدۇ! مۇقەددەس روھ يەشايا پەيغەمبەرگە مۇنداق دېگەنىدى:
26
«بېرىپ بۇ خەلققە مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئېيتقىن: ˜سۆزلىرىمنى ئاڭلايسىلەر، ئاڭلايسىلەر، چۈشەنمەيسىلەر. قىلغانلىرىمغا قارايسىلەر، قارايسىلەر، مەنىسىنى ئۇقمايسىلەر.
27
چۈنكى، بۇ خەلقنىڭ زېھنى زەئىپلەشكەن. ئۇلار قۇلاقلىرىنى ئېتىۋالغان، كۆزلىرىنىمۇ يۇمۇۋالغان. ئۇنداق بولمىسىدى، كۆزلىرى كۆرەتتى، قۇلاقلىرىمۇ ئاڭلايتتى، زېھنى ئويغىنىپ، ماڭا قايتاتتى. مەنمۇ ئۇلارنى ساقايتاتتىم.Œ»
28
ئاندىن، پاۋلۇس: - شۇڭا بىلىشىڭلار كېرەككى، خۇدانىڭ قۇتقۇزۇشى يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ بېرىلمەكتە. ئۇلار ئۇنى قوبۇل قىلماي قالمايدۇ! - دېدى.
30
پاۋلۇس ئۆزى ئىجارىگە ئالغان ئۆيدە ئىككى يىل تۇردى ۋە بۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە كەلگەن ھەممە كىشىلەرنى قوبۇل قىلىپ،
31
خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يۈرەكلىك تارقىتىپ، رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە دائىر ھەقىقەتلەرنىمۇ يەتكۈزدى، ئۇنىڭغا ھېچكىم توسقۇنلۇق قىلمىدى.
← Chapter 27
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28