bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Amos 3
Amos 3
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 2
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 4 →
1
ئەي مىسىردىن ئېلىپ چىقىلغان پۈتكۈل ئىسرائىلىيە خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە قارشى ئېيتقان سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار:
2
«يەر يۈزىدىكى ھەممە خەلقلەر ئارىسىدىن يالغۇز سىلەرنىلا تاللىدىم. لېكىن سىلەر گۇناھ قىلدىڭلار، شۇڭا مەن سىلەرنى جازالايمەن.»
3
ئىككى ئادەم دېيىشىپ قويماي تۇرۇپ، بىرگە سەپەر قىلامدۇ؟
4
ئوۋ تۇتالمىغان شىر چاتقاللىقتا ھۆركىرەمدۇ؟ ئوزۇق بولمىسا ئۆڭكۈردىكى ياش شىرلار ئۆزئارا خىرىس قىلىشامدۇ؟
5
ئەگەر يەمچۈك بولمىسا، قۇش تۇزاققا چۈشەمدۇ؟ قىسماققا ھېچ نەرسە قىسىلمىسا، قىسماق ئۆزلۈكىدىن قىسىلىپ قالامدۇ؟
6
شەھەردىن بۇرغا ئاۋازى ئاڭلانسا، كىشىلەر ساراسىمىگە چۈشمەي قالامدۇ؟ پەرۋەردىگار ئىرادە قىلمىسا، شەھەر بالايىئاپەتكە ئۇچرامدۇ؟
7
دەرھەقىقەت، ئىگىمىز پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن مەقسەتلىرىنى خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلىرىگە ئايان قىلماي تۇرۇپ، ئىش قىلمايدۇ.
8
ئەنە، شىر ھۆركىرەۋاتىدۇ! كىم قورقماي تۇرالايدۇ؟ ئەنە، ئىگىمىز پەرۋەردىگار سۆزلەۋاتىدۇ! كىم ئۇنىڭ ۋەھىيلىرىنى جاكارلاشنى رەت قىلالايدۇ؟
9
ئاشدود ۋە مىسىر ئوردىسىدىكىلەرگە: «سىلەر سامارىيەدىكى تاغلارغا يىغىلىپ، ئۇ يەردىكى قالايمىقانچىلىق ۋە زۇلۇملارنى كۆرۈپ بېقىڭلار» دەپ جاكارلانسۇن.
10
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ خەلقىم ھەق ئىش قىلىشنى بىلمىدى. ئۇلار سارايلىرىنى زومىگەرلىك بىلەن ئېرىشكەن بايلىقلار بىلەن تولدۇردى.»
11
شۇ سەۋەبتىن ئىگىمىز پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «دۈشمەن بۇ زېمىننى قورشاۋغا ئېلىپ، قەلئەلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىدۇ، سارايلىرىڭلارنى تالان-تاراج قىلىدۇ.
12
مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەنكى، پادىچى شىر ئاغزىدىن قوينى تارتىۋالماقچى بولغىنىدا، ئۇنىڭ قولىدا پەقەت قوينىڭ ئىككى تۇيىقى ياكى قۇلىقىنىڭ بىر پارچىسىلا قالغىنىغا ئوخشاش، دۈشمەن ھۇجۇمىدىن كېيىن سامارىيەدىكى ئىسرائىللارنىڭ قولىدا پەقەت ئورۇن-كۆرپىلىرىنىڭ پارچىلىرىلا قالىدۇ.
13
مەن ئىگەڭلار، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەنكى، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار ھەم ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار!
14
مەن ئىسرائىلىيە خەلقىنى گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالىغان ۋاقتىمدا، بەيتەلدىكى قۇربانلىق سۇپىلىرىنىمۇ ۋەيران قىلىمەن. قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكى چېپىپ تاشلىنىدۇ.
15
مەن بايلارنىڭ قىشلىق ۋە يازلىق سارايلىرىنى ۋە پىل چىشى بىلەن بېزەلگەن ئۆيلىرىنى ۋەيران قىلىمەن. ھەشەمەتلىك سارايلار ئۆرۈۋېتىلىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»
← Chapter 2
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 4 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9