bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Amos 4
Amos 4
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 3
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 5 →
1
ئەي باشاندىكى بوردالغان ئىنەكلەردەك سامارىيە ئاياللىرى، قۇلاق سېلىڭلار. تۆپىلىككە جايلاشقان سامارىيەدىكى ئاياللار، قۇلاق سېلىڭلار. سىلەر نامراتلارغا زۇلۇم قىلىپ، موھتاجلارنى ئېزىسىلەر. سىلەر ھەمىشە ئەرلىرىڭلارغا: «بىزگە يەنە شاراب ئەكېلىپ بېرىڭلار!» دەيسىلەر.
2
ئىگىمىز پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەس نامى بىلەن قەسەم قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، خۇددى بېلىقلار قارماققا ئىلىنغىنىدەك، سىلەرمۇ قارماققا ئىلىنىسىلەر، ھەممىڭلار شۇنداق ئەكېتىلىسىلەر.
3
سىلەر سېپىل يوچۇقلىرىدىن تارتىپ چىقىرىلىپ، ھارمونغا ھەيدەپ ئاپىرىلىسىلەر. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!
4
سىلەر بەيتەلگە بېرىپ، گۇناھ قىلىۋېرىڭلار. گىلگالغا بېرىپ، قانغۇچە گۇناھ قىلىۋېرىڭلار! ھەر كۈنى ئەتىگەندە قۇربانلىقلىرىڭلارنى ئاپىرىپ، ھەر ئۈچىنچى كۈنى كىرىمىڭلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئاتاۋېرىڭلار.
5
خېمىرتۇرۇچ سېلىنغان نانلىرىڭلارنى مىننەتدارلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە كۆرۈپ، ئۆزۈڭلارنىڭ خالىس ھەدىيەڭلاردىن ماختىنىپ يۈرۈۋېرىڭلار. بۇ سىلەر ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ ياخشى كۆرۈپ قىلىدىغان ئىشلىرىغۇ! بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!
6
مەن بارلىق شەھىرىڭلاردا ئاچارچىلىق پەيدا قىلدىم، ھەممە يېزاڭلارنى نانغا زار قىلدىم. شۇنداقتىمۇ، سىلەر يەنىلا يولۇمغا قايتمىدىڭلار. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!
7
مەن ھوسۇل پەسلىدىن ئۈچ ئاي بۇرۇن يامغۇرنىمۇ توختىتىۋەتتىم. بىر شەھەرگە يامغۇر ياغدۇرسام، يەنە بىر شەھەرگە ياغدۇرمىدىم. بىر ئېتىزغا يامغۇر ياغدۇرۇلسا، يەنە بىر ئېتىز يامغۇرسىز قاغجىراپ قالدى.
8
ھالسىزلانغان پۇقرالار يېزىمۇ يېزا سۇ ئىزدەپ، دەلدەڭشىپ قالدى. لېكىن ئۇلار قانغۇدەك سۇ ئىچەلمىدى. شۇنداقتىمۇ، سىلەر يەنىلا يولۇمغا قايتمىدىڭلار. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!
9
مەن باغلىرىڭلار ۋە ئۈزۈمزارلىقىڭلارنى قۇرۇتتۇم ۋە سېسىتتىم. چېكەتكىلەر ئەنجۈر ۋە زەيتۇن دەرەخلىرىڭلارنى يەپ تۈگەتتى. شۇنداقتىمۇ سىلەر يەنىلا يولۇمغا قايتمىدىڭلار. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!
10
مەن ئىلگىرى مىسىرلىقلارنى مۇپتىلا قىلغان ۋاباغا سىلەرنىمۇ مۇپتىلا قىلدىم. باھادىر يىگىتلىرىڭلارنى قىلىچتا ئۆلتۈردۈم. ئاتلىرىڭلار تارتىۋېلىندى. بارگاھلىرىڭلارنى ئۆلۈكلەرنىڭ سېسىق پۇرىقى بىلەن تولدۇردۇم. شۇنداقتىمۇ، سىلەر يەنىلا يولۇمغا قايتمىدىڭلار. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!
11
مەن خۇددى سودوم بىلەن گومورانى ۋەيران قىلغاندەك، سىلەرنىمۇ ۋەيران قىلدىم. سىلەر خۇددى ئوتتىن تارتىۋېتىلگەن چۇچىلىغا ئوخشاپ قالدىڭلار. لېكىن سىلەر يەنىلا يولۇمغا قايتمىدىڭلار. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!
12
ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، مەن سىلەرنى جازالايمەن. ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، ماڭا ھېساب بېرىشكە تەييارلىنىڭلار!»
13
تاغ ۋە شامالنى ياراتقۇچى پەرۋەردىگار خۇدادۇر، ئۇ ئوي-خىياللىرىنى ئىنسانلارغا ئايان قىلغاندۇر. ئۇ قاراڭغۇلۇقنى تاڭ نۇرىغا ئايلاندۇرار، ھەتتا ئۇ زېمىننىڭ يۈكسەكلىكلىرىدە ماڭار. ئۇنىڭ ئىسمى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدادۇر.
← Chapter 3
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 5 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9