bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Hebrews 2
Hebrews 2
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 1
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 3 →
1
شۇڭا، ھەقىقەتتىن يىراقلىشىپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن، ئاڭلىغان ھەقىقەتتە تېخىمۇ چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.
2
پەرىشتىلەر ئارقىلىق مۇسا پەيغەمبەرگە يەتكۈزۈلگەن تەۋرات قانۇنىنىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ھەم شۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلار ياكى ئىتائەت قىلىشقا سەل قارىغانلارنىڭ ھەممىسى تېگىشلىك جازاسىنى تارتقان.
3
شۇنداق ئىكەن، شۇنچە ئۇلۇغ قۇتقۇزۇلۇشقا كۆز يۇمساق، قانداقمۇ شۇ جازادىن قېچىپ قۇتۇلالايمىز؟! قۇتقۇزۇلۇش خەۋىرىنى دەسلەپتە رەببىمىز ئۇقتۇرغان، ئۇنى بىۋاسىتە ئاڭلىغانلار بۇ قۇتقۇزۇلۇشنىڭ ھەقلىقى توغرىسىدا بىزگە گۇۋاھلىق بەرگەن.
4
خۇدا كۆرسەتكەن ھەر خىل مۆجىزە، كارامەت ۋە قۇدرەتلىك ئىشلار، شۇنداقلا ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئېتىقادچىلارغا مۇقەددەس روھنىڭ ھەدىيىلىرىنى ئاتا قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەردى.
5
مەن دەۋاتقان كەلگۈسى دۇنيانى خۇدا پەرىشتىلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىنى يوق.
6
بۇ ھەقتە مۇقەددەس يازمىلارنىڭ بىر يېرىدە مۇنداق گۇۋاھلىق بېرىلگەن: «ئى خۇدا، ئادەم نېمىتى، سەن ئۇنىڭغا شۇنچە غەمخورلۇق قىلغۇدەك؟ ئادەم بالىسى نېمىتى، سەن ئۇنىڭغا شونچە كۆڭۈل بۆلگۈدەك؟
7
گەرچە ئۇنى پەرىشتىلەردىن بىرئاز تۆۋەن قىلغان بولساڭمۇ، شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت تاجىنى ئۇنىڭغا كىيدۈرۈپ،
8
بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۇنىڭغا تىز پۈكتۈردۈڭ.» «بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۇنىڭغا تىز پۈكتۈردۈڭ» دېگىنى، ھېچقانداق نەرسە ئۇنىڭ باشقۇرۇشىنىڭ سىرتىدا ئەمەس دېگەنلىكتۇر. بىراق، بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئۇنىڭغا تىز پۈكتۈرۈلگىنىنى تېخى كۆرمىدۇق.
9
لېكىن، ھازىر بىز ئۆزىنى قۇربان قىلىش سەۋەبىدىن شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت تاجى كىيدۈرۈلگەن ئەيسا مەسىھنى كۆردۇق. ئۇ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن پۈتكۈل ئىنسانلارنى دەپ، بىر مەزگىل پەرىشتىلەردىن تۆۋەن قىلىنىپ، ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىدى.
10
پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئۆزى ئۈچۈن ۋە ئۆزى ئارقىلىق ياراتقان خۇدا نۇرغۇن پەرزەنتلەرنى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىدىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى قۇتقۇزۇلۇشقا ئېلىپ بارغۇچى ئەيسا مەسىھنى ئازاب-ئوقۇبەت ئارقىلىق كامالەتكە يەتكۈزۈشنى مۇۋاپىق كۆردى.
11
ئىنسانلارنى پاك قىلغۇچى ئەيسا مەسىھ بىلەن پاك قىلىنغان ئىنسانلار ھەممىسى بىر ئاتىدىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھ ئۇلارنى «قېرىنداش» دېيىشتىن نومۇس قىلماي،
12
خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغاندەك، خۇداغا: «نامىڭنى قېرىنداشلىرىمغا جاكارلايمەن، جامائەتچىلىك ئىچىدە سېنى قوشاققا قېتىپ مەدھىيىلەيمەن» دېگەن.
13
ئۇ يەنە: «مەن ساڭا ئىشىنىمەن» ۋە «قاراڭلار، مانا مەن بۇ يەردە خۇدا ماڭا ئاتا قىلغان پەرزەنتلەر بىلەن بىللە» دېگەن.
14
پەرزەنتلەرنىڭ تېنى گۆش بىلەن قاننىڭ گەۋدىسى بولغاچقا، ئەيسا مەسىھمۇ شۇ پەرزەنتلەرنىڭكىگە ئوخشاش گەۋدىدە بولدى. بۇنداق قىلىشتىن مەقسەت، ئۇ ئۆز ئۆلۈمى ئارقىلىق ئۆلۈم ھوقۇقىنى تۇتقان شەيتاننىڭ كۈچىنى بىكار قىلىپ،
15
ئۆمۈر بويى ئۆلۈم قورقۇنچىنىڭ قۇلى بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئىدى.
16
ناھايىتى روشەنكى، ئەيسا مەسىھ پەرىشتىلەرگە ئەمەس، ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىغا ياردەم بېرىشكە كەلدى.
17
شۇڭا، ئۇ ھەر جەھەتتىن قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش بولۇشى كېرەك ئىدى. شۇنداق بولغاندا، ئۇ خۇدانىڭ خىزمىتىدە رەھىمدىل ۋە سادىق باش روھانىي بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى خۇدانىڭ كەچۈرۈشىگە ئېرىشتۈرىدىغان قۇربانلىقنى بېرەلەيتتى.
18
ئۇ سىناقلارنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈپ، ئازاب چەككەچكە، سىناقلارغا دۇچ كەلگەنلەرگە ياردەم بېرەلەيدۇ.
← Chapter 1
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 3 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13