bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Hebrews 6
Hebrews 6
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 5
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 7 →
1
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان يامانلىقلاردىن يېنىش، خۇداغا ئىشىنىش، چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلىش، باشقىلارغا قول تەگكۈزۈپ دۇئا قىلىش، تىرىلدۈرۈلۈش ۋە مەڭگۈلۈك ھۆكۈم قاتارلىق تەلىملەرگە قايتا ئاساس سالىمىز، دەپ ئولتۇرمايلى. ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خىل باشلانغۇچ تەلىملەردە توختاپ قالماي، يېتىلىشكە قاراپ ماڭايلى.
3
خۇدا خالىسا، بىز شۇنداق قىلىمىز.
4
بەزى ئادەملەرنى توۋا قىلدۇرۇپ، قايتىدىن خۇدا يولىغا باشلاش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، ئۇلار بىر چاغلاردا خۇدانىڭ نۇرى بىلەن يورۇتۇلغان، خۇدانىڭ ئىلتىپاتىدىن بەھرىمەن بولغان، مۇقەددەس روھقا ئورتاق بولغان،
5
خۇدانىڭ سۆزىنىڭ ياخشىلىقىنى ۋە كېلىدىغان زاماندا خۇدا ئايان قىلىدىغان قۇدرەتلەرنى ھېس قىلغان بولسىمۇ،
6
ۋەھالەنكى ئۇلار خۇدادىن ۋاز كەچتى، خۇدانىڭ ئوغلىنى رەت قىلدى. بۇ، خۇدانىڭ ئوغلىنى كرېستكە قايتا مىخلىغان ھەمدە ئۇنىڭغا داغ كەلتۈرگەن بىلەن باراۋەردۇر.
7
پات-پات ياغقان يامغۇردىن تېرىغۇچىلارغا پايدىلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ بەرگەن يەر خۇدادىن بەرىكەت ئالىدۇ.
8
ئەكسىچە، تىكەن ۋە قامغاق ئۆستۈرگەن يەر پايدىسىزلىقىدىن خۇدانىڭ لەنىتىگە قېلىپ، ئاخىرى كۆيدۈرۈلىدۇ.
9
سىلەرگە كەلسەم، قەدىرلىك قېرىنداشلار، گەرچە يۇقىرىقى ئىشلارنى تىلغا ئالغان بولساممۇ، ئەھۋالىڭلارنىڭ بۇنىڭدىن ياخشى ئىكەنلىكىگە ۋە قۇتقۇزۇلۇشقا ئېلىپ بارىدىغان يولدا مېڭىۋاتقانلىقىڭلارغا ھەقىقىي ئىشىنىمەن.
10
خۇدا ئادالەتسىز ئەمەستۇر. ئۇ ھەرگىز سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭلار ۋە ئېتىقادچىلارغا قىلىپ كېلىۋاتقان خىزمىتىڭلار ئارقىلىق كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى ئۇنتۇمايدۇ.
11
پۈتۈن ئۈمىدىڭلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن، ھەربىرىڭلارنىڭ ئاخىرغىچە شۇنداق غەيرەت قىلىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىمىز.
12
شۇنداق بولغاندا، قاشاڭلاردىن بولماي، بەلكى ئۆز ئېتىقادى ۋە سەۋرچانلىقى بىلەن خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئېرىشىدىغانلارنى ئۈلگە قىلىدىغانلاردىن بولىسىلەر.
13
خۇدادىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ھېچكىم بولمىغاچقا، خۇدا ئىبراھىمغا ۋەدە قىلغاندا، ئۆز نامى بىلەن قەسەم قىلىپ مۇنداق دېدى:
14
«ساڭا چوقۇم بەخت ئاتا قىلىپ، نۇرغۇن ئەۋلادلارنى بېرىمەن.»
15
شۇنىڭ بىلەن، ئىبراھىم سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتۈپ، خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئېرىشتى.
16
ئىنسانلار ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىرىنى تىلغا ئېلىپ، قەسەم قىلىدۇ. قەسەم ئىسپات ھېسابلانغانلىقى ئۈچۈن، ھەر خىل تالاش-تارتىشلارغا خاتىمە بېرىدۇ.
17
شۇنىڭدەك، خۇدا ئۆز ۋەدىسىگە ئېرىشىدىغان كىشىلەرگە ئۆز ئىرادىسىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئوچۇق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ۋەدە بەرگەندە قەسەم قىلدى.
18
خۇدانىڭ بىزگە بەرگەن ۋەدىسى ۋە قەسىمى ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ. چۈنكى، خۇدا يالغان سۆزلىمەيدۇ. شۇڭا، خۇدادىن پاناھلىنىۋاتقان بىزلەر ئۇنىڭ ۋەدىسى ۋە قەسىمىدىن كۆپ ئىلھامغا ئېرىشىپ، كۆز ئالدىمىزدىكى ئۈمىدتە ئىشەنچ بىلەن چىڭ تۇرالايمىز.
19
بۇ ئۈمىد ھاياتىمىزغا نىسبەتەن خۇددى چىڭ ئىلىنغان كېمە لەڭگىرىدەك مۇستەھكەم بولۇپ، ئۇ بىزنى ئەرشتىكى ئىبادەتخانا پەردىسىدىن ئۆتۈپ، ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىشكە يېتەكلەيدۇ.
20
ئەيسا مەسىھ بىزگە يول ئېچىش ئۈچۈن، ئۇ يەرگە بىزدىن ئاۋۋال كىرگەن بولۇپ، بىزلەر ئۈچۈن مالكىسىدىققا ئوخشاش تەرتىپتىكى مەڭگۈلۈك باش روھانىي بولدى.
← Chapter 5
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 7 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13