bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Hosea 11
Hosea 11
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 10
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 12 →
1
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىسرائىل خەلقىنى بالا ۋاقتىدا سۆيدۈم. ئوغلۇمنى مىسىردىن مەن چاقىردىم.
2
مەن خەلقىمنى قانچە چاقىرغانچە، ئۇلار مەندىن شۇنچە يىراقلاشتى. بائالغا قۇربانلىق قىلىپ، بۇتلارغا كۈجە كۆيدۈردى.
3
ئىسرائىلىيەگە مېڭىشنى ئۆگەتكىنى مەن ئىدىم. مەن ئۇلارنىڭ قولىنى تۇتۇپ يېتەكلىدىم. ئۇلار شىپالىق بەرگەنلىكىمنى بىلمىدى.
4
مەن ئۇلارنى مېھرىبانلىق ئارغامچىسى ۋە مۇھەببەت يىپى بىلەن يېتەكلىدىم. ئۇلارنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى بوشىتىپ، ئۇلارغا غىزا بېرىش ئۈچۈن ئېگىلدىم.
5
لېكىن ئۇلار مىسىرغا قايتۇرۇلىدۇ، ئاسسۇر ئۇلارنى باشقۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ يولۇمغا قايتىشنى رەت قىلدى.
6
قىلىچ ئۇلارنىڭ شەھىرىگە باستۇرۇپ كېلىدۇ ۋە شەھەر دەرۋازىلىرىنى ۋەيران قىلىدۇ. ئۇلار يامان نىيەتلىرى سەۋەبىدىن بەربات بولىدۇ.
7
خەلقىم دائىم مەندىن يۈز ئۆرۈيدۇ. گەرچە ئۇلار مېنى ئۇلۇغ خۇدا دەپ چاقىرسىمۇ، لېكىن مەن ئۇلارنى يۇقىرىغا كۆتۈرمەيمەن.
8
ئەي ئىسرائىلىيە، مەن سەندىن قانداقمۇ ۋاز كېچەي، سېنى قانداقمۇ تاشلىۋېتەي، سېنى قانداقمۇ ئادماھ شەھىرىگە ئوخشاش گۇمران قىلاي، ساڭا قانداقمۇ زىبويىم شەھىرىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلاي؟! كۆڭلۈم بۇنداق قىلىشقا ئۇنۇمايدۇ، چۈنكى قەلبىم مۇھەببەتكە تولۇپ تاشقاندۇر.
9
مەن سېنى قەھر-غەزىپىم بىلەن جازالىمايمەن ھەم سېنى ۋەيران قىلىشنى قايتا ئويلىمايمەن. چۈنكى مەن ئىنسان ئەمەس، خۇدادۇرمەن، ئاراڭلاردىكى مۇقەددەس خۇدادۇرمەن. مەن غەزەپ بىلەن كەلمەيمەن.
10
بىر كۈنى خەلقىم ماڭا ئەگىشىدۇ، مەن شىردەك ھۆركىرەيمەن. ھۆركىرىگىنىمدە، پەرزەنتلىرىم غەرب تەرەپتىن تىترىگەن ھالدا كېلىشىدۇ.
11
ئۇلار خۇددى مىسىردىن قۇشقاچلاردەك، ئاسسۇردىن كەپتەرلەردەك تىترىگەن ھالدا قايتىپ كېلىشىدۇ. مەن ئۇلارنى ماكانلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»
12
ئىسرائىلىيە خەلقى يالغانچىلىقى ۋە ھىيلىگەرلىكى بىلەن مېنى قورشىۋالدى. يەھۇدىيە خەلقىمۇ خۇداغا، يەنى ئىشەنچلىك ۋە مۇقەددەس خۇداغا ئىتائەت قىلمايدۇ.
← Chapter 10
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 12 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14