bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Hosea 14
Hosea 14
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 13
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
1
ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار! گۇناھىڭلار سىلەرنى يىقىتتى.
2
توۋا قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىڭلار ۋە مۇنداق دۇئا قىلىڭلار: «بارلىق گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن، شاپائەت قىلىپ، بىزنى قوبۇل قىلغايسەن، مەدھىيەلىرىمىزنى قۇربانلىق ئورنىدا قوبۇل قىلغايسەن!
3
ئاسسۇرلار بىزنى قۇتقۇزالمايدۇ، ئەمدى جەڭ ئاتلىرىغا ئىشەنمەيمىز. ئۆزىمىزنىڭ قوللىرى بىلەن ياسىغان بۇتلارنى ئەمدى ھەرگىز ئىلاھىمىز دېمەيمىز. ئى پەرۋەردىگار، يېتىم ئىسرائىلىيە سەندىنلا رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشىدۇ.»
4
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇلارنىڭ ساداقەتسىزلىك كېسىلىنى داۋالايمەن، ئۇلارنى چەكسىز سۆيىمەن، ئۇلارغا بولغان غەزىپىم بېسىلدى.
5
مەن ئىسرائىلىيە خەلقىگە شەبنەم بولىمەن. ئۇلار خۇددى نېلۇپەردەك ئېچىلىدۇ، لىۋاننىڭ كېدىر دەرەخلىرىدەك يىلتىز تارتىدۇ.
6
ئۇلار يۇمران بىخ چىقىرىپ، زەيتۇن دەرىخىدەك گۈزەللىشىدۇ، لىۋاننىڭ كېدىر دەرەخلىرىدەك پۇراق چاچىدۇ.
7
ئۇلار ماڭا قايتىپ، مېنىڭ سايەمدە ياشايدۇ. ئۇلار زىرائەتلەردەك كۆكلەيدۇ، ئۈزۈم تاللىرىدەك چىرايلىق چېچەكلەيدۇ. لىۋان شارابىدەك نامى جاھانغا تارايدۇ.
8
ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، مېنىڭ بۇتلار بىلەن ئىشىم يوق، سىلەرنىڭمۇ ئىشىڭلار بولمىسۇن. دۇئايىڭلارغا قۇلاق سالغۇچى ۋە ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالغۇچى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. مەن بۈك-باراقسان قارىغايغا ئوخشايمەن. مەن ئالغان مول ھوسۇلۇڭلارنىڭ مەنبەسىدۇرمەن.»
9
دانالار بۇ ئىشلارنى چۈشەنسۇن، ئەقلى بارلار بۇ ئىشلارنى بىلىپ يەتسۇن. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يولى ھەق يولدۇر. ھەققانىيلار بۇ يولدا ماڭار، گۇناھكارلار ئۇنىڭدا پۇتلىشىپ يىقىلار.
← Chapter 13
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14