bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Isaiah 30
Isaiah 30
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 29
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 51
Chapter 52
Chapter 53
Chapter 54
Chapter 55
Chapter 56
Chapter 57
Chapter 58
Chapter 59
Chapter 60
Chapter 61
Chapter 62
Chapter 63
Chapter 64
Chapter 65
Chapter 66
Chapter 31 →
1
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئاسىي بالىلىرىمنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئۆز پىلانلىرىنى ئىجرا قىلىپ، مېنىڭ پىلانىمنى ئىجرا قىلمايدۇ. ئۇلار مېنىڭ روھىمغا تايانماي، ئۆز ئالدىغا ئىتتىپاق تۈزۈشىدۇ. ئۇلار گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ سادىر قىلدى.
2
ئۇلار مېنىڭ رۇخسىتىمسىز مىسىرغا باردى. ئۇلار پىرئەۋندىن ئۆزلىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىشتى. ئۇلار مىسىردىن پاناھلىق ئىزدەشتى.
3
ئەمما پىرئەۋننىڭ ھىمايىسىگە تايىنىش، ئۇلارغا نومۇس ئېلىپ كېلىدۇ، مىسىرنىڭ پاناھلىقى سىلەرنى خارلىقتا قالدۇرىدۇ.
4
گەرچە يەھۇدىيەنىڭ ئەمىرلىرى ۋە ئەلچىلىرى مىسىرنىڭ زوئان شەھىرى ۋە خانېس شەھىرىگە بارغان بولسىمۇ،
5
يەھۇدىيە خەلقى نومۇسقا قالىدۇ. چۈنكى ئۇ ئەل ئۇلارغا ياردەم قىلمايدۇ. ئۇ ئەل ئۇلارغا ياردەم بېرەلمەيدۇ. ئۇلارغا پەقەت نومۇس ۋە خارلىق ئېلىپ كېلىدۇ.»
6
يەھۇدىيەنىڭ جەنۇبىي چۆللۈكىدىكى ھايۋانلار توغرىسىدىكى ۋەھىي: «يەھۇدىيەنىڭ ئەلچىلىرى ئېشەكلەرگە بايلىقلارنى ئارتىپ، تۆگىلەرگە خەزىنىلىرىنى يۈكلەپ، شىرلار ۋە زەھەرلىك يىلانلار ماكانلاشقان خەتەرلىك زېمىنلاردىن ئېغىر مۈشكۈلات ۋە جاپالار بىلەن ئۆتۈپ، ئۆزلىرىگە قىلچىمۇ ياردەم قىلالمايدىغان بىر دۆلەتكە ئاپىرىپ بېرىدۇ.
7
مىسىرنىڭ ياردىمى ئەسقاتمايدۇ، ھېچقانداق پايدىسى يوقتۇر. مېنىڭ ئۇنى: ‹جىملا ئولتۇرىدىغان راخاب › دەپ ئاتىشىمنىڭ سەۋەبى شۇ.»
8
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «ئەمدى بېرىپ، يەھۇدىيە خەلقىنىڭ ئالدىدا تاش تاختىغا بۇ ئىشلارنى خاتىرە قىلىپ ئويغىن. بۇ ئىشلاردىن دەستۇر پۈتكىن. كەلگۈسىدىكىلەرگە مىراس قىلغىن، بۇ پۈتۈكلەر مەڭگۈ گۇۋاھچى بولسۇن.
9
بۇ خەلق ئاسىيدۇر، يالغانچى بالىلاردۇر. بۇ بالىلار پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىنى قوبۇل قىلمايدۇ.
10
ئۇلار غايىبنى بىلگۈچىلەرگە: ‹غايىبانە ئالامەتلەرنى سۆزلىمەڭلار!› دەيدۇ. ئۇلار پەيغەمبەرلەرگە: ‹بىزگە توغرا-خاتا توغرىسىدىكى ۋەھىيلەرنى يەتكۈزمەڭلار. بىزگە شېرىن سۆزلەرنى قىلىڭلار، بىزگە خىيالىي، يالغان نەرسىلەرنى سۆزلەپ بېرىڭلار.
11
پەيغەمبەرلىك يولۇڭلاردا ماڭماڭلار! ۋەھىي يەتكۈزۈشنى توختىتىڭلار! خۇدايىڭلارنىڭ نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى سۆزلەشتىن توختاڭلار!› دەيدۇ.»
12
شۇڭا، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنى رەت قىلدىڭلار. سىلەر زۇلۇمغا ۋە ئالدامچىلىققا تاياندىڭلار.
13
شۇڭا سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار دۆۋىلىنىپ، يېرىلغان ئېگىز تامغا ئوخشايدۇ. ئۇ ئۆرۈلۈشكە تەييار تۇرىدۇ. تۇيۇقسىز گۈمۈرۈلۈپ چۈشىدۇ.
14
ئۇ خۇددى يەرگە چۈشكەن كومزەك پارچە-پارچە بولۇپ كەتكەندەك، شۇنچىلىك پارچىلىنىپ كېتىدۇكى، ئوچاقتىن قوقاس ئالغۇدەك پارچىسىمۇ، كۆلچەكتىن سۇ ئالغۇدەك پارچىسىمۇ قالمايدۇ.»
15
ئىگەم پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلەر يولۇمغا قايتىپ كېلىپ، خاتىرجەملىك بىلەن ماڭا ئىشەنسەڭلار، قۇتقۇزۇلىسىلەر. سىلەر سۈكۈت قىلىپ، ماڭا تايانساڭلار، كۈچلۈك بولىسىلەر. لېكىن سىلەر ئۇنداق قىلىشنى خالىمايسىلەر.
16
سىلەر: ‹ياق! بىز ئاتلىرىمىز بىلەن قاچىمىز› دەيسىلەر. شۇنداق، سىلەر قاچىسىلەر. سىلەر دەيسىلەر: ‹بىز تېز چاپىدىغان ئاتلىرىمىزغا مىنىمىز›. شۇنداق، لېكىن سىلەرنى قوغلىغانلار تېخىمۇ تېز چاپىدۇ.
17
سىلەرنى قوغلىغانلارنىڭ بىر ئادىمىدىن، مىڭ ئادىمىڭلار قورقۇپ، قاچىدۇ. ئۇلارنىڭ بەش ئادىمىدىن، سىلەرنىڭ پۈتۈن قوشۇنۇڭلار قورقۇپ، قاچىدۇ. سىلەر خۇددى تاغدىكى يالغۇز بايراق خادىسىدەك، ياكى يىراق تاغ چوققىسىدىكى بايراقتەك، يېگانە قالىسىلەر.»
18
پەرۋەردىگار سىلەرگە رەھىمدىللىك قىلىشنى كۈتۈۋاتىدۇ، ئۇ سىلەرگە ھېسداشلىق قىلىشقا دائىم تەييار. چۈنكى پەرۋەردىگار ئادالەتلىك خۇدادۇر. ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىغانلار بەختلىك بولىدۇ.
19
ئەي سىئون تېغىدىكى خەلق _ يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقان خەلقلەر، سىلەر ئەمدى يىغلىمايسىلەر. ئەگەر سىلەر ياردەم تىلىسەڭلار، ئۇ سىلەردىن شەپقىتىنى ئايىمايدۇ. ئۇ سىلەرنىڭ نالەڭلەرنى ئاڭلىغاندا، سىلەرگە ياردەم قىلىدۇ.
20
گەرچە ئىگىمىز سىلەرگە بالا-قازادىن غىزا ۋە مۈشكۈلاتتىن ئۇسسۇلۇق بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن سىلەرنىڭ ئۇستازىڭلار خۇدا ئۆزىنى ئەمدى سىلەردىن يوشۇرمايدۇ. سىلەر ئۇنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر.
21
سىلەر توغرا يولدىن ئېزىپ، ئوڭغا ياكى سولغا چەتنەپ كەتسەڭلار، ئارقاڭلاردىن كەلگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلايسىلەر: «ئۇدۇلغا مېڭىڭلار! ئۇ توغرا يول!»
22
ئاندىن سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ كۈمۈش ۋە ئالتۇن بىلەن قاپلانغان بۇتلىرىڭلارنى چېقىپ تاشلايسىلەر. سىلەر ئۇلارنى ئەسكى كىيىمنى تاشلىۋەتكەندەك تاشلىۋېتىسىلەر ۋە ئۇلارغا «كۆزۈمدىن يوقال!» دەيسىلەر.
23
پەرۋەردىگار ئېتىزىڭلارغا تېرىلغان ئۇرۇقلارغا يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ. زېمىنىڭلار مول ھوسۇل بېرىپ، باياشاتچىلىق بولىدۇ. شۇ چاغدا سىلەرنىڭ مال-چارۋىلىرىڭلار كەڭ يايلاقلاردا ئوتلايدۇ.
24
سىلەرنىڭ ئېتىزىڭلارنى ئاغدۇرىدىغان ئۆكۈز ۋە ئېشەكلەر ئەڭ ياخشى يەم-خەشەكلەرنى يەيدۇ.
25
سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلار قىرىلىپ، شەھەر مۇنارلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن شۇ كۈنى، ھەربىر چوقا ۋە تاغلاردىن سۈپسۈزۈك ئېرىق-ئېرىق سۇلار ئېقىپ كېلىدۇ.
26
پەرۋەردىگار ئۆزى جاراھەتلەندۈرگەن خەلقىنىڭ يارىلىرىنى تېڭىپ، ئۇلارنىڭ يارىلىرىغا شىپالىق بېرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاي نۇرى خۇددى قۇياشتەك پارلايدۇ. قۇياشمۇ خۇددى يەتتە كۈنلۈك قۇياش نۇرى قوشۇلغاندەك، يەتتە ھەسسە يورۇقلۇق بېرىدۇ.
27
قاراڭلار! پەرۋەردىگار يىراقلاردىن كېلىۋاتىدۇ. ئۇ غەزەپ ئوتلىرىنى چاچرىتىپ، قويۇق كۆتۈرۈلگەن ئىسلار ئىچىدە كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ سۆزلىرى غەزەپكە تولغان، ئۇنىڭ تىلى گويا يالقۇنلاپ تۇرغان ئوت.
28
ئۇنىڭ نەپەسلىرى دۈشمەنلىرىنى بوغۇزىغىچە چۆكۈرۈۋېتىدىغان كەلكۈنگە ئوخشايدۇ. ئۇ، ۋەيران قىلىنىدىغان دۆلەتلەرنى ئەلگەكتە تاسقىغاندەك تاسقايدۇ. ئۇ، ئۇلارغا يۈگەن سېلىپ، ئۇلارنى خارابىلىككە باشلاپ بارىدۇ.
29
ئەمما خۇدانىڭ ئۆز خەلقى بولغان سىلەر خۇددى ھېيت كېچىسىدىكىدەك، ناخشاڭلارنى ياڭرىتىسىلەر. خۇددى كىشىلەر نەي چېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا ماڭغاندەك، خۇددى ئىسرائىللارنى قوغداپ كەلگەن قورام تاشقا ماڭغاندەك، سىلەرنىڭ قەلبىڭلار شادلىققا تولىدۇ.
30
خۇددى ئۇلۇغ ئوت ھەممە نەرسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدىغاندەك، خۇددى جۇدۇن-چاپقۇن ئېلىپ كەلگەن قارا يامغۇر بىلەن مۆلدۈردەك، پەرۋەردىگار ئۇلۇغ ئاۋازىنى ھەممە ئادەمگە ئاڭلىتىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ جازالايدىغان غەزەپلىك قولىنى ھەممە ئادەمگە كۆرسىتىدۇ.
31
ئاسسۇرلار پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، قورققىنىدىن شۈركىنىپ كېتىدۇ. ئۇ جازا كالتىكى بىلەن ئۇلارنى ئۇرىدۇ.
32
ھەر قېتىم پەرۋەردىگار ئۇلارنى جازا كالتىكى بىلەن ئۇرغاندا، ئىسرائىللارنىڭ داپ ۋە چىلتارلىرىنىڭ ئاۋازلىرى ئاڭلىنىدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈردى.
33
پەرۋەردىگار بۇرۇنلا ئاسسۇر پادىشاھىنى كۆيدۈرىدىغان جاي تەييارلاپ قويغان. ئوت ئازگىلى چوڭقۇر ھەم كەڭ، ئۇنىڭدا نۇرغۇن ئوتۇنلار بار. پەرۋەردىگارنىڭ نەپىسى خۇددى يانارتاغ بولۇپ، ئۇنىڭغا ئوت تۇتاشتۇرىدۇ.
← Chapter 29
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 51
Chapter 52
Chapter 53
Chapter 54
Chapter 55
Chapter 56
Chapter 57
Chapter 58
Chapter 59
Chapter 60
Chapter 61
Chapter 62
Chapter 63
Chapter 64
Chapter 65
Chapter 66
Chapter 31 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66