bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Isaiah 52
Isaiah 52
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 51
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 51
Chapter 52
Chapter 53
Chapter 54
Chapter 55
Chapter 56
Chapter 57
Chapter 58
Chapter 59
Chapter 60
Chapter 61
Chapter 62
Chapter 63
Chapter 64
Chapter 65
Chapter 66
Chapter 53 →
1
ئويغان ئەي يېرۇسالېم، ئويغان، قېنى، كۈچ-قۇدرىتىڭنى نامايان قىلغىن! ئەي مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېم، قېنى، ھەشەمەتلىك كىيىملىرىڭنى كىيگىن. بۈگۈندىن باشلاپ خەتنىسىزلەر ۋە ناپاكلار دەرۋازىلىرىڭغا باستۇرۇپ كەلمەيدۇ.
2
ئەي يېرۇسالېم، ئۈستبېشىڭدىكى چاڭ-توزاننى قېقىۋەتكىن. ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئۆزۈڭنىڭ تەختىگە بېرىپ ئولتۇرغىن. ئەي ئەسىرلىكتە قالغان سىئون خەلقى، بوينۇڭدىكى زەنجىرنى ئۈزۈپ تاشلىغىن.
3
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ھەقسىز سېتىلغانىدىڭلار، مانا ئەمدى ھەقسىز قۇتقۇزۇلىسىلەر.»
4
پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «قەدىمدە خەلقىم مىسىرغا بېرىپ ياشىغانىدى، كېيىن ئاسسۇرلار ئۇلارغا زۇلۇم سالدى.»
5
پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ خەلقىم سەۋەبسىزلا ئەسىر قىلىندى، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمدارلىرى ماختىنىپ چۇقان سېلىپ، مېنىڭ نامىمنى كۈن بويى ھاقارەت قىلماقتا.
6
ئەمما، خەلقىم ھامان نامىمنى ئېتىراپ قىلىدۇ. شۇ كۈن كەلگەندە، ئۇلار ‹مانا مەن بۇ يەردىمەن› دەۋاتقانلىقىمنى بىلىدۇ.»
7
تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ، خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ قەدەملىرى نەقەدەر گۈزەل-ھە! ئۇ تىنچلىقنى ئېلان قىلىدۇ، ياخشى خەۋەر ئېلىپ كېلىدۇ، نىجاتلىقنى ئېلان قىلىدۇ، ئۇ سىئونغا: «سېنىڭ خۇدايىڭ ھۆكۈمراندۇر» دەيدۇ.
8
قۇلاق سېلىڭلار، قاراۋۇللىرىڭلار ۋارقىرىماقتا، بىردەك ئالقىش ياڭراتماقتا. چۈنكى ئۇلار ئۆز كۆزلىرى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ سىئونغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرىدۇ.
9
ئەي يېرۇسالېمنىڭ خارابىلىرى، سىلەر ھەممىڭلار خۇشاللىق ئىچىدە تەنتەنە قىلىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە تەسەللى بېرىدۇ، يېرۇسالېمنى قوغدايدۇ.
10
پەرۋەردىگار پۈتكۈل ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا، ئۆزىنىڭ مۇقەددەس، قۇدرەتلىك قولىنى كۆرسىتىدۇ. يەر يۈزىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ھەممە ئادەم خۇدايىمىزنىڭ نىجاتلىقىنى كۆرەلەيدۇ.
11
كېتىڭلار، كېتىڭلار، بابىلدىن چىقىپ كېتىڭلار! ناپاك نەرسىلەرگە تېگىپ كەتمەڭلەر، ئەي پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس بۇيۇملىرىنى كۆتۈرىدىغانلار، ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ، ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭلار،
12
سىلەر ئۇ يەردىن ئالدىرىماي چىقساڭلارمۇ بولىدۇ، قېچىپ چىقىش تېخىمۇ ھاجەتسىز. چۈنكى پەرۋەردىگار ئالدىڭلاردا يول باشلاپ ماڭماقتا، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرنىڭ ئارقا تېرىكىڭلاردۇر.
13
قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارىم ھامان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ، ئۇ ھۆرمەتلىنىدۇ، ئىززەتلىنىدۇ ۋە ئابرۇيغا ئىگە بولىدۇ.
14
نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى كۆرۈپ ھەيرەتتە قالىدۇ، تېنى قاتتىق زەخىملەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ سىياقى ئادەم زاتىغا ئوخشىماي قالغانىدى.
15
مانا ئەمدى ئۇ نۇرغۇن ئەللەرنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ ، ئۇنى كۆرگەن پادىشاھلارمۇ ئاغزىنى ئېچىپلا قالىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەزەلدىن خەۋەردار بولۇپ باقمىغان ئىشلارنى كۆرىدۇ، ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئىشلارنى بىلىدۇ.
← Chapter 51
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 51
Chapter 52
Chapter 53
Chapter 54
Chapter 55
Chapter 56
Chapter 57
Chapter 58
Chapter 59
Chapter 60
Chapter 61
Chapter 62
Chapter 63
Chapter 64
Chapter 65
Chapter 66
Chapter 53 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66