bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Jonah 2
Jonah 2
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 1
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 3 →
1
يۇنۇس بېلىقنىڭ قورسىقىدا پەرۋەردىگارى خۇداغا مۇنداق دۇئا قىلدى:
2
«نالە قىلدىم پەرۋەردىگارغا كۈلپەتتە قالغىنىمدا، قۇلاق سالدى ئۇ ماڭا. پەرياد قىلدىم چوڭقۇر يېرىدىن ئۆلۈكلەر ماكانىنىڭ، قۇلاق سالدىڭ نالەمگە سەن مېنىڭ.
3
سەن تاشلىدىڭ مېنى تېگىگە چوڭقۇر دېڭىزنىڭ، قورشىۋالدى مېنى كۈچلۈك سۇلار، بېسىپ ئۆتتى ئۈستۈمدىن دولقۇنلىرىڭ، ئۆركەشلىرىڭ.
4
مۇنداق دېدىم شۇ پەيتتە: ‹چۈشۈپ كەتتىم مەن سېنىڭ نەزىرىڭدىن، كۆرىمەن يەنە مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنى لېكىن.
5
دولقۇنلار ئورىدى مېنى، چوڭقۇرلۇق قورشىدى مېنى، دېڭىزدىكى ئوت-چۆپلەر چىرمىۋالدى بېشىمنى.
6
چۆكۈپ كەتتىم دېڭىزدىكى تاغلارنىڭ ئاستىغا، چىقىش يوللىرى مەڭگۈگە ئېتىلگەن جايغا. لېكىن ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، قۇتقۇزۇۋالدىڭ جېنىمنى ئۆلۈكلەر ماكانىدىن.
7
تېنىمدىن چىقاي دېگەندە جېنىم، ئى پەرۋەردىگار، سېنى ياد ئەتتىم. يەتتى دۇئايىم ساڭا، سېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا.
8
ئەرزىمەس بۇتلارغا چوقۇنىدىغانلار سېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىڭنى رەت قىلار.
9
لېكىن مەن سۇنارمەن دائىم، شۈكۈر ئېتىپ قۇربانلىق ساڭا. ۋاپا قىلارمەن قىلغان قەسەملىرىمگە، چۈنكى نىجاتلىق كېلەر سەن پەرۋەردىگاردىنلا.›»
10
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ھېلىقى بېلىققا بۇيرۇق قىلدى. بېلىق يۇنۇسنى قۇرۇقلۇققا قۇسۇپ چىقاردى.
← Chapter 1
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 3 →
All chapters:
1
2
3
4