bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Jonah 3
Jonah 3
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 2
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 4 →
1
پەرۋەردىگاردىن يۇنۇسقا ئىككىنچى قېتىم ۋەھىي كەلدى.
2
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن دەرھال بۈيۈك نىنەۋى شەھىرىگە بېرىپ، مەن ساڭا تاپشۇرغان سۆزلەرنى شەھەردىكىلەرگە جاكارلىغىن، _ دېدى.
3
يۇنۇس پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە بىنائەن نىنەۋىگە باردى. نىنەۋى ئىنتايىن چوڭ شەھەر بولۇپ، ئۇنى ئارىلاپ چىقىشقا ئۈچ كۈن كېتەتتى.
4
يۇنۇس شەھەرگە كىرىپ، شەھەرنى بىر كۈن ئارىلىغاندىن كېيىن: _ قىرىق كۈندىن كېيىن نىنەۋى شەھىرى خاراب بولىدۇ! _ دەپ جاكارلىدى.
5
شۇنىڭ بىلەن نىنەۋىلىكلەر خۇداغا ئىشىنىپ، روزا تۇتۇشقا قارار قىلدى. پۈتۈن شەھەر خەلقى مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشىغا قارىماي، ھەممىسى ماتەملىك كىيىم كىيىپ، توۋا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
6
نىنەۋى پادىشاھى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، تەختىدىن چۈشۈپ، تونىنى سېلىۋېتىپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، كۈلگە مىلىنىپ ئولتۇردى.
7
پادىشاھ ئۆزىنىڭ ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ نامىدا نىنەۋىلىكلەرگە مۇنداق پەرمان چۈشۈردى: «مەيلى ئادەم، مەيلى ھايۋان، يەنى مەيلى كالا، مەيلى قوي بولسۇن، ھەممىسى ھېچنېمە يېمىسۇن، ھېچنېمە ئىچمىسۇن.
8
پۈتكۈل ئادەملەر ماتەملىك كىيىم كىيسۇن، ھەتتا ھايۋانلارغىمۇ كىيدۈرۈلسۇن. ھەربىر ئادەم خۇداغا قاتتىق يالۋۇرسۇن، ھەمدە يامان يوللىرىدىن يانسۇن، زوراۋانلىقتىن قول ئۈزسۇن.
9
كىم بىلىدۇ، بەلكىم خۇدا نىيىتىدىن، قەھر-غەزىپىدىن يېنىپ، بىزنى ھالاك قىلمامدۇ تېخى!»
10
خۇدا ئۇلارنىڭ توۋا قىلغانلىقلىرىنى، يەنى يامان يوللىرىدىن يانغانلىقىنى كۆرگەندە، ئىلگىرى ئۆزى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرمەكچى بولغان بالايىئاپەتلەرنى ئۇلارغا چۈشۈرمىدى.
← Chapter 2
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 4 →
All chapters:
1
2
3
4