bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
1 Samuel 28
1 Samuel 28
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 27
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 29 →
1
شۇ كۈنلەردە فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قوشۇنلىرىنى يىغدى. ئاكىش داۋۇتقا: _ بىلىۋېلىڭ، سىز ئادەملىرىڭىز بىلەن مەن تەرەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلىسىز، _ دېدى.
2
داۋۇت: _ پېقىرنىڭ قانداق ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى ئەمدى كۆرىلا، _ دېدى. _ ئۇنداق بولسا، سىزنى ئۆزۈمگە مەڭگۈلۈك ياساۋۇل قىلىپ تەيىنلەيمەن، _ دېدى ئاكىش.
3
ئۇ چاغدا سامۇئىل ئالەمدىن ئۆتكەنىدى. ئۇنى ئۆز يۇرتى راماھقا دەپنە قىلىپ، پۈتۈن ئىسرائىللار ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇۋاتاتتى. سائۇل پالچى ۋە باخشىلارنى ئىسرائىلىيەدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەنىدى.
4
فىلىستىيەلىكلەر يىغىلىپ، شۇنېمدا بارگاھ قۇردى. سائۇلمۇ پۈتۈن ئىسرائىللارنى يىغىپ، گىلبوۋادا بارگاھ قۇردى.
5
سائۇل فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىنى كۆرۈپ، قاتتىق قورقۇپ كەتتى ۋە ئۇنى ۋەھىمە باستى.
6
سائۇل پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يا چۈش، يا «ئۇرىم» ياكى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق جاۋاب بەرمىدى.
7
شۇڭا ئۇ ئەمەلدارلىرىغا: _ ماڭا ئەرۋاھ چاقىرالايدىغان بىر ئايال تېپىپ كېلىڭلار، مەن ئۇ ئارقىلىق ئۆلگەنلەردىن سوراپ باقاي، _ دېدى. _ ئېندوردا ئەرۋاھ چاقىرالايدىغان بىر باخشى ئايال بار، _ دېدى ئەمەلدارلار.
8
شۇنداق قىلىپ، سائۇل كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، تەق-تۇرقىنى ئۆزگەرتىپ، ئىككى ئادىمىنى ئېلىپ، كېچىسى ھېلىقى باخشى ئايالنىڭ قېشىغا باردى. سائۇل ئۇنىڭغا: _ سىزدىن ئىلتىماسىم، مەن ئۈچۈن ئەرۋاھلاردىن مەسلىھەت سورىسىڭىز، مەن ئىسمىنى ئېيتقان كىشىنىڭ روھىنى چاقىرىپ بەرسىڭىز، _ دېدى.
9
_ ئۆزىڭىز پادىشاھ سائۇلنىڭ پالچى ۋە باخشىلارنى زېمىنىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن جېنىمنى قەستلەپ، مېنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرمەكچى بولىسىز؟ _ دېدى باخشى ئايال.
10
_ مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىز بۇ ئىش تۈپەيلى جازاغا تارتىلمايسىز، _ دېدى سائۇل باخشى ئايالغا.
11
_ مەن سىزگە كىمنى چاقىرىپ بېرەي؟ _ دېدى باخشى ئايال. _ ماڭا سامۇئىلنى چاقىرىپ بەرسىڭىز، _ دېدى سائۇل.
12
باخشى ئايال سامۇئىلنى كۆرۈپ، قاتتىق ۋارقىرىۋەتتى ۋە سائۇلغا: _ نېمىشقا مېنى ئالدايلا، سىلى سائۇل ئىكەنلىغۇ؟ _ دېدى.
13
سائۇل باخشى ئايالغا: _ قورقما! نېمىنى كۆرىۋاتىسەن؟ _ دېدى. باخشى ئايال سائۇلغا: _ مەن بىر ئەرۋاھنىڭ ئۆلۈكلەر ماكانىدىن چىقىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمەن، _ دېدى.
14
_ ئۇنىڭ تەق-تۇرقى قانداق ئىكەن؟ _ دەپ سورىدى سائۇل. _ بىر مويسىپىت ئادەم چىقىپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇچىسىغا تون كىيىۋاپتۇ، _ دېدى باخشى ئايال. سائۇل بۇنىڭ سامۇئىل ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى-دە، يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلدى.
15
_ سەن نېمىشقا مېنى چاقىرىپ ئاۋارە قىلىسەن؟ _ دېدى سامۇئىل. _ مەن تولىمۇ پەرىشانمەن، _ دېدى سائۇل، _ چۈنكى فىلىستىيەلىكلەر ماڭا قارشى جەڭگە چىقتى، پەرۋەردىگارمۇ مېنى تەرك ئەتتى. ئۇ يا پەيغەمبەرلەر، يا چۈش ئارقىلىق ماڭا جاۋاب بەرمىدى. ھازىر نېمە قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلەي دەپ، ئۆزىڭىزنى چاقىردىم.
16
سامۇئىل: _ پەرۋەردىگار سېنى تاشلاپ، ساڭا دۈشمەن بولغان بولسا، ئەمدى يەنە نېمىدەپ مەندىن مەسلىھەت سوراپ يۈرىسەن؟
17
پەرۋەردىگار مەن ئارقىلىق ئېيتقىنىنى قىلىۋاتىدۇ. پادىشاھلىقنى سەندىن تارتىۋېلىپ، داۋۇتقا بەردى.
18
سەن پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىلماي، پەرۋەردىگارنىڭ ئامالەكلەرگە بولغان كۈچلۈك غەزىپىنى بەجا كەلتۈرمىدىڭ. شۇڭا پەرۋەردىگار سېنى بۈگۈن بۇ كۈنگە قويدى.
19
پەرۋەردىگار ئەمدى ئىسرائىللارنى سەن بىلەن قوشۇپ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ. ئەتە سەنمۇ، ئوغۇللىرىڭمۇ مەن بىلەن بىرگە بولىسىلەر. پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېدى.
20
سائۇل سامۇئىلنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، يەرگە يىقىلىپ چۈشتى. ئۇ شۇنداق قورقۇپ كەتكەنىدى. ئۇ يەنە كېلىپ بىر كېچە-كۈندۈز غىزا يېمىگەنلىكى ئۈچۈن ھالسىراپ كەتكەنىدى.
21
باخشى ئايال سائۇلنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭ قاتتىق قورقۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ: _ قارىسىلا، كەمىنە خىزمەتكارلىرى سىلىنىڭ سۆزلىرىگە كىرىپ، ئۆلۈمگە قارىماي تاپشۇرۇقلىرىنى ئورۇندىدى.
22
سىلىمۇ خىزمەتكارلىرىنىڭ سۆزىگە كىرىپ، ئالدىلىرىغا بىرئاز غىزا كەلتۈرۈشۈمگە رۇخسەت قىلغايلا. غىزا يەپ، قۇۋۋەتلەنگەندىن كېيىن يوللىرىغا ماڭالايلا، _ دېدى.
23
سائۇل ئۇنىماي: _ ياق، يېمەيمەن، _ دېدى. بىراق ئەمەلدارلىرى ۋە باخشى ئايالنىڭ يالۋۇرۇشلىرىدىن كېيىن، ئۇلارغا ماقۇل بولۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، سۇپىغا كېلىپ ئولتۇردى.
24
باخشى ئايال ئۆيىدىكى بورداۋاتقان بىر تورپاقنى سويدى. ئاندىن خېمىر يۇغۇرۇپ، پېتىر نان پىشۇردى.
25
تائاملارنى سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىغا كەلتۈردى. ئۇلار غىزالىنىپ، شۇ كېچىسىلا يولغا چىقىپ كەتتى.
← Chapter 27
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 29 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31