bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
1 Samuel 29
1 Samuel 29
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 28
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 30 →
1
فىلىستىيەلىكلەر ھەممە قوشۇنلىرىنى ئافېققا يىغدى. ئىسرائىللار بولسا يىزرىئەلدىكى بۇلاق بويىدا بارگاھ قۇردى.
2
فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى لەشكەرلىرىنى يۈزگە، مىڭغا بۆلۈپ سەپ تۈزۈپ، ئىلگىرىلەشكە باشلىدى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى پادىشاھ ئاكىش بىلەن بىرگە قوشۇننىڭ ئارقا تەرىپىدە ماڭدى.
3
بۇ چاغدا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ سەركەردىلىرى: _ بۇ ئىبرانىيلارنىڭ بۇ يەردە نېمە ئىشى بار؟ _ دېيىشتى. _ بۇ ئىسرائىلىيە پادىشاھى سائۇلغا سەركەردە بولغان داۋۇت، خېلىدىن بېرى يېنىمدا يۈرىدۇ. مەن تەرەپكە ئۆتكەندىن بېرى، ئۇنىڭدىن بىرەر سەۋەنلىك كۆرمىدىم، _ دېدى ئاكىش ئۇلارغا.
4
فىلىستىيەلىكلەرنىڭ سەركەردىلىرى ئاكىشقا خاپا بولۇپ: _ بۇ ئادەمنى ئۆزلىرى ئۇنىڭغا ئاجرىتىپ بەرگەن يەرگە قايتۇرۇۋەتكەن بولسىلا، ئۇ بىز بىلەن بىرگە جەڭگە كىرسە بولمايدۇ. ئۇ جەڭ مەيدانىدا بىزگە قارشى چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇ ئۆزىنىڭ خوجىسىنى نېمە بىلەن رازى قىلىدۇ، دەل بىزنىڭ ئادەملىرىمىزنىڭ كاللىسىنى ئېلىش بىلەن رازى قىلىدۇ-دە!
5
بۇ ئىسرائىلىيەدىكى ئاياللار: «سائۇل قىردى مىڭلاپ-مىڭلاپ، داۋۇت قىردى تۈمەن-تۈمەنلەپ» دەپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ ماختىغان داۋۇت ئەمەسمۇ؟! _ دېدى.
6
ئاكىش داۋۇتنى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا: _ مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىز دۇرۇس ئادەم، سىز بۇ يەرگە كەلگەندىن بېرى سىزدە بىرەر سەۋەنلىك كۆرمىدىم. جەڭگە مەن بىلەن بىرگە چىقسىڭىز ياخشى بولاتتى. لېكىن باشقا بەگلىرىمىز سىزنى خالىمايدىكەن.
7
ئەمدى سىز قايتىڭ، تىنچلا قايتىپ كېتىڭ، بەگلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ قويماڭ، _ دېدى.
8
_ نېمە خاتا ئىش قىلىپتىمەن؟ _ دېدى داۋۇت، _ مەن سىلى تەرەپكە ئۆتكەن كۈندىن تارتىپ، مەندىن ھېچبىر سەۋەنلىك تاپالمىغان تۇرسىلا، نېمىشقا ئالىيلىرى بىلەن بىرگە دۈشمەنلىرىگە قارشى جەڭ قىلسام بولمايدىكەن؟
9
_ بىلىمەن، سىز مېنىڭ نەزىرىمدە خۇددى خۇدانىڭ پەرىشتىسىدەك ياخشى ئادەمسىز، ئەمما فىلىستىيەلىك سەركەردىلىرىمىز: «بۇ كىشى بىز بىلەن بىرگە جەڭگە چىقسا بولمايدۇ» دەپ قارار چىقاردى.
10
شۇڭا سىز ۋە سىزگە ئەگىشىپ كەلگەنلەر ئەتە سەھەر تۇرۇڭلار، تاڭ ئېتىشى بىلەنلا بۇ يەردىن كېتىڭلار، _ دېدى ئاكىش.
11
شۇ سەۋەبتىن داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى سەھەر تۇرۇپ يولغا چىقىپ، فىلىستىيەلىكلەر زېمىنىغا قايتتى. فىلىستىيەلىكلەر يىزرىئەلگە قاراپ ئاتلاندى.
← Chapter 28
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 30 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31