bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
1 Samuel 7
1 Samuel 7
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 6
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 8 →
1
شۇنىڭدىن كېيىن قىريات-يىئارىم شەھىرىدىكى كىشىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ، كىچىكرەك بىر تاغ ئۈستىگە سېلىنغان ئابىنادابنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ساقلىسۇن دەپ، ئۇلار ئابىنادابنىڭ ئوغلى ئەلئازارنى پاكلاپ، شۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىدى.
2
پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۇزاق ۋاقىت، يەنى يىگىرمە يىل قىريات-يىئارىم شەھىرىدە تۇرۇپ قالدى. بۇ مەزگىلدە پۈتۈن ئىسرائىللار ھەسرەت ئىچىدە پەرۋەردىگارغا ئىنتىزار بولۇپ تۇردى.
3
سامۇئىل ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: _ ئەگەر سىلەر چىن قەلبىڭلاردىن پەرۋەردىگارغا قايتا يېقىنلىشىشنى نىيەت قىلساڭلار، يات ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرى ۋە ئىلاھە ئاشتورەتنىڭ بۇتلىرىدىن ئادا-جۇدا بولۇڭلار. ئۆزۈڭلارنى تەلتۆكۈس پەرۋەردىگارغا ئاتاڭلار، ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلارلا، ئۇ سىلەرنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ.
4
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار بائال ۋە ئىلاھە ئاشتورەتنىڭ بۇتلىرىنى تاشلاپ، پەقەت پەرۋەردىگارغىلا ئىبادەت قىلدى.
5
شۇ چاغدا سامۇئىل ئۇلارغا: _ پۈتۈن ئىسرائىللار، مىزپاھقا يىغىلىڭلار، مەن ئۇ يەردە سىلەر ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلاي، _ دېدى.
6
شۇنداق قىلىپ پۈتۈن خەلق مىزپاھ شەھىرىگە يىغىلدى. ئۇلار قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ، پەرۋەردىگارىغا ئاتاپ تۆكۈشتى ۋە كۈنبويى روزا تۇتۇپ، «پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلدۇق» دەپ ئىقرار قىلىشتى. سامۇئىل ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلىشنى مىزپاھ شەھىرىدە باشلىدى.
7
فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ھېلىقى بەش بېگى ئىسرائىللارنىڭ مىزپاھقا يىغىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، لەشكەر تارتىپ ھۇجۇم قىلىشقا ئاتلاندى. ئىسرائىللار بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، فىلىستىيەلىكلەردىن ناھايىتى قورقۇشۇپ كەتتى ۋە
8
سامۇئىلغا: _ بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا توختىماي نالە قىلسىڭىز، ئۇ بىزنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغاي، _ دەپ يېلىندى.
9
شۇنىڭ بىلەن سامۇئىل ئېمىۋاتقان بىر قوزىنى ئۆلتۈرۈپ، پۈتۈن پېتى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ، پەرۋەردىگارغا سۇندى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئىسرائىللار ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئىلتىجاسىنى قوبۇل قىلدى.
10
سامۇئىل كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىۋاتقاندا، فىلىستىيەلىكلەر ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. ئەمما شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئاسماندا قاتتىق گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىتىپ، ئۇلارنى ساراسىمىگە سالدى. نەتىجىدە، ئۇلار ئىسرائىللارغا مەغلۇپ بولدى.
11
ئىسرائىللار مىزپاھتىن چىقىپ، فىلىستىيەلىكلەرنى بەيتكارغىچە قوغلاپ، ئۇلارنى يول بويى قىرىپ ماڭدى.
12
شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل مىزپاھ بىلەن شېن دېگەن يەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر تاشنى تىكلىدى ۋە بۇنى «ئەبەنەزەر» [مەنىسى ياردەم تېشى] دەپ ئاتىدى. ئۇ: _ بۇ چاغقىچە پەرۋەردىگار بىزگە ياردەم قىلىپ كەلدى، _ دېدى.
13
شۇنداق قىلىپ فىلىستىيەلىكلەر مەغلۇپ قىلىندى. سامۇئىل ھايات چاغدا، پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئىسرائىلىيە زېمىنىغا قايتا ئاياغ باستۇرمىدى.
14
ئىسرائىللار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن ئەقروندىن گاتقىچە بولغان ئارىلىقتىكى شەھەرلەرنى ۋە ئەتراپىدىكى يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىپ، پۈتۈن ئىسرائىل زېمىنىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. بۇ چاغلاردا ئىسرائىللار بىلەن ئامورلار تىنچ ئۆتكەنىدى.
15
سامۇئىل ئۆمۈر بويى ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلدى.
16
ئۇ ھەر يىلى بەيتەل، گىلگال، مىزپاھ شەھەرلىرىگە باراتتى ۋە ئۇ شەھەرلەردە ئىسرائىللارنىڭ ئەرز-دەۋالىرىنى سورايتتى.
17
ئاندىن يۇرتى راماھقا قايتىپ، ئۇ يەردىمۇ ئوخشاش ئىشلارنى قىلاتتى. ئۇ راماھتا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، بىر قۇربانلىق سۇپىسى سالدۇردى.
← Chapter 6
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 8 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31