bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Mark 11
Mark 11
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 10
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 12 →
1
ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن يېرۇسالېمغا يېقىنلىشىپ، زەيتۇن تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بەيتپاجى ۋە بەيتانىيا دېگەن يېزىلارغا كەلگەندە، ئىككى شاگىرتىنى
2
مۇنداق دەپ ئالدىن ئەۋەتتى: - سىلەر ئالدىمىزدىكى يېزىغا بېرىڭلار. يېزىغا كىرىپلا، تېخى مىنىلىپ باقمىغان بىر تەخەينىڭ باغلاقلىق تۇرغانلىقىنى كۆرىسىلەر. ئۇنى يېشىپ، يېتىلەپ كېلىڭلار.
3
ئەگەر بىرى سىلەردىن: «نېمىشقا بۇنداق قىلىسىلەر؟» دەپ سوراپ قالسا، «رەببىمىزنىڭ بۇنىڭغا ھاجىتى چۈشتى، بىردەمدىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىدۇ» دەڭلار.
4
ئۇلار بېرىپ يول ئۈستىدىكى بىر ئۆينىڭ دەرۋازىسى يېنىدا باغلاغلىق تۇرغان بىر تەخەينى كۆردى. ئۇلار تانىنى يېشىۋاتقان چاغدا،
5
ئۇ يەردە تۇرغان بەزى كىشىلەر: - تەخەينى يېشىپ نېمە قىلىسىلەر؟ - دېيىشتى.
6
شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ دېگەنلىرىنى ئېيتقاندا، ھېلىقى كىشىلەر ئۇلارغا يول قويدى.
7
شاگىرتلار تەخەينى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا يېتىلەپ كېلىپ، ئۈستىگە ئۆز چاپانلىرىنى سالدى. ھەزرىتى ئەيسا تەخەيگە مىندى.
8
نۇرغۇن خالايىقنىڭ بەزىلىرى چاپانلىرىنى، بەزىلىرى ئۆپچۆرىدىكى ئېتىزلاردىن كەسكەن شاخ-شۇمبىلارنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى.
9
ئالدىدا ماڭغان ۋە كەينىدىن ئەگەشكەنلەر: «خۇداغا شۈكۈر! پەرۋەردىگارىمىزنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن!
10
ئەجدادىمىز داۋۇتنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئىزباسارىغا مۇبارەك بولسۇن! ئەرشىئەلادىكى خۇداغا شۈكۈرلەر ئوقۇلسۇن!» دەپ ۋارقىرىشاتتى.
11
ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا بېرىپ مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىردى ۋە ھەممە نەرسىنى كۆزدىن كەچۈردى. بىراق، كەچ كىرىپ قالغاچقا، ئون ئىككى شاگىرتى بىلەن بىللە يەنە بەيتانىياغا قايتتى.
12
ئەتىسى ئۇلار بەيتانىيادىن چىققاندا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتكەنىدى.
13
ئۇ يىراقتىكى بار اقسان بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخىنى كۆرۈپ، ھېچبولمىغاندا توڭ ئەنجۈر بولسىمۇ باردۇ دەپ، ئۇنىڭغا قاراپ ماڭدى. دەرەخنىڭ يېنىغا بارغىنىدا، يوپۇرماقتىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالمىدى. بۇ، ئەنجۈر پىشىدىغان ۋاقىت ئەمەس ئىدى.
14
ھەزرىتى ئەيسا دەرەخكە: - بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىم سېنىڭ مېۋەڭنى يېمىگەي! - دېدى. شاگىرتلىرىمۇ بۇنى ئاڭلىدى.
15
ئۇلار يېرۇسالېمغا كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ھەيدەپ چىقىرىشقا باشلىدى. پۇل تېگىشىدىغانلارنىڭ شىرەلىرىنى ۋە كەپتەر ساتقۇچىلارنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى ئۆرۈپ،
16
مال كۆتۈرۈۋالغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلمىدى.
17
ئۇ خەلققە تەلىم بەرگەندە، مۇنداق دېدى: - مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ: «مېنىڭ ئۆيۈم پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ دۇئا-تىلاۋەتخانىسى دەپ ئاتالسۇن» دېگەن سۆزى يېزىلغان ئەمەسمۇ؟ لېكىن، سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋاپسىلەر! - دېدى.
18
ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى بۇنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيسانى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەشكە باشلىدى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسادىن قورقاتتى، چۈنكى پۈتۈن خالايىق ئۇنىڭ تەلىمىگە ھەيران ئىدى.
19
كەچقۇرۇنلىرى، ھەزرىتى ئەيسا بىلەن شاگىرتلىرى شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتەتتى.
20
ئەتىسى ئەتىگەندە، ھەزرىتى ئەيسا بىلەن شاگىرتلىرى ئەنجۈر دەرىخىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، دەرەخنىڭ يىلتىزىدىن قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈشتى.
21
تۈنۈگۈنكى ۋەقەنى ئېسىگە ئالغان پېترۇس: - ئۇستاز، قاراڭ، سىز قارغىغان ئەنجۈر دەرىخى قۇرۇپ كېتىپتۇ! - دېدى.
22
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: - خۇداغا ئىشىنىڭلار.
23
بىلىپ قويۇڭلاركى، كىم بۇ تاغقا: «قوزغال، دېڭىزغا تاشلان!» دېسە ۋە كۆڭلىدە گۇمانلانماي، ئېيتقانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئىشەنچ قىلسا، ئۇنىڭ تەلىپى ئىجابەت بولىدۇ.
24
شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە ئېيتىمەنكى، دۇئا بىلەن تىلىگەن ھەرقانداق نەرسىگە ئېرىشتىم، دەپ ئىشىنىڭلار. شۇندا، تەلىپىڭلار ئىجابەت بولىدۇ.
25
ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ دۇئا قىلغىنىڭلاردا، بىرەرسىگە قورساق كۆپۈكۈڭلار بارلىقى يادىڭلارغا كەلسە، ئۇنى كەچۈرۈڭلار. شۇ چاغدا، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. }
26
سىلەر باشقىلارنى كەچۈرۈم قىلمىساڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلمايدۇ.{
27
ئۇلار يەنە يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا ئايلىنىپ يۈرگەندە، ئالىي روھانىيلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:
28
- سىز قىلىۋاتقان ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتىسىز؟ سىزگە بۇنداق قىلىش ھوقۇقىنى كىم بەرگەن؟ - دەپ سورىدى.
29
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - مەن ئاۋۋال سىلەردىن بىر سوئال سوراي. سىلەر ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىڭلار. شۇ چاغدا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتىپ بېرىمەن.
30
ئېيتىڭلارچۇ، يەھيا پەيغەمبەرگە چۆمۈلدۈرۈش ھوقۇقىنى خۇدا بەرگەنمۇ ياكى ئىنسانلارمۇ؟ - دېدى.
31
ئۇلار ئۆزئارا مۇنازىرە قىلىشقا باشلاپ: - ئەگەر «خۇدا بەرگەن» دېسەك، ئۇ: «ئۇنداقتا سىلەر نېمە ئۈچۈن يەھياغا ئىشەنمىدىڭلار؟» دەيدۇ.
32
بىراق، بىز قانداقمۇ: «ئىنسانلار بەرگەن» دېيەلەيمىز؟! - دېيىشتى. چۈنكى، ئۇلار يەھيانى ھەقىقەتەن پەيغەمبەر، دەپ ھېسابلايدىغان خەلقتىن قورقاتتى.
33
بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا: - بىلمەيمىز، - دەپ جاۋاب بېرىشتى. - ئۇنداقتا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتمايمەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.
← Chapter 10
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 12 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16