bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Mark 8
Mark 8
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 7
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 9 →
1
شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، يەنە نۇرغۇن خالايىق يىغىلغانىدى. ئۇلارنىڭ يەيدىغىنى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ:
2
- بۇ خالايىققا ئىچىم ئاغرىيدۇ. ئۇلار ئۈچ كۈندىن بېرى يېنىمدىن كەتمىدى، يەيدىغان بىر نەرسىسىمۇ قالمىدى.
3
ئۇلارنى ئۆيلىرىگە ئاچ قورساق قايتۇرسام، يولدا يىقىلىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بەزىلىرى يىراق يەرلەردىن كەلگەنىكەن، - دېدى.
4
شاگىرتلىرى بۇنىڭغا جاۋابەن: - بۇنداق خىلۋەت بىر يەردە بۇنچىۋالا كىشىنى تويدۇرغۇدەك ناننى نەدىن تاپقىلى بولسۇن؟ - دېيىشتى.
5
- قانچە نېنىڭلار بار؟ - دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا. - يەتتە، - دېيىشتى ئۇلار.
6
بۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا خالايىقنى يەردە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇدى. ئاندىن، يەتتە ناننى قولىغا ئالدى ۋە خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ ئوشتۇپ، كۆپچىلىككە تارقىتىپ بېرىش ئۈچۈن شاگىرتلىرىغا بەردى. ئۇلار كۆپچىلىككە تارقاتتى.
7
شاگىرتلاردا يەنە بىرقانچە كىچىك بېلىقمۇ بار ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار ئۈچۈنمۇ خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ، شاگىرتلىرىغا ئۇلارنىمۇ تارقىتىشنى ئېيتتى.
8
ھەممەيلەن يەپ تويغاندىن كېيىن، شاگىرتلار ئېشىپ قالغان پارچىلارنى يەتتە سېۋەتكە يىغىۋالدى.
9
ئۇ يەردە تۆت مىڭچە كىشى بار ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى يولغا سالغاندىن كېيىن،
10
شاگىرتلىرى بىلەن بىللە دەرھال كېمىگە چۈشۈپ، دالمانۇتا رايونىغا كەتتى.
11
پەرىسىيلەر كېلىپ ھەزرىتى ئەيسا بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە باشلىدى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكىنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە، ئۇنىڭدىن بىر كارامەت كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىشتى.
12
ھەزرىتى ئەيسا چوڭقۇر بىر ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ: - بۇ زاماننىڭ ئادەملىرى نېمە ئۈچۈن كارامەت كۆرسەت، دەپلا تۇرىدىغاندۇ؟ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇلارغا كۆرسىتىلىدىغان كارامەت يوق، - دېدى.
13
ئاندىن، ئۇلاردىن ئايرىلىپ، يەنە كېمىگە ئولتۇرۇپ، كۆلنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتۈپ كەتتى.
14
شاگىرتلار نان ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇغان بولۇپ، كېمىدە بىر ناندىن باشقا يېمەكلىك يوق ئىدى.
15
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: - ھوشيار بولۇڭلار، پەرىسىيلەر بىلەن ھىرود خاننىڭ ئېچىتقۇسىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار، - دېدى.
16
شاگىرتلار بىر-بىرىگە: - نان ئەكەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن شۇنداق دەۋاتسا كېرەك، - دېيىشتى.
17
ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن: - سىلەر نېمە ئۈچۈن نان ئەكەلمىگەنلىكىڭلار توغرىسىدا سۆزلىشىسىلەر؟ تېخىچە چۈشەنمەيۋاتامسىلەر؟ سىلەر تېخىچە بىخۇدمۇ؟
18
كۆزۈڭلار تۇرۇپ كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ قۇلىقىڭلار تۇرۇپ ئاڭلىمايۋاتامسىلەر؟ ئېسىڭلاردا يوقمۇ؟
19
بەش ناننى بەش مىڭ كىشىگە ئۈلەشتۈرگىنىمدە، ئېشىپ قالغان نان پارچىلىرىنى قانچە سېۋەتكە يىغىۋالغانىدىڭلار؟ - دەپ سورىدى. - ئون ئىككى سېۋەتكە، - دېيىشتى ئۇلار.
20
- يەتتە ناننى تۆت مىڭ كىشىگە ئۈلەشتۈرگىنىمدە، ئېشىپ قالغان نانلارنى قانچە سېۋەتكە يىغىۋالغانىدىڭلار؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. - يەتتە سېۋەتكە، - دېيىشتى ئۇلار.
21
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - ئۇنداقتا، يەنە چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟ - دېدى.
22
ھەزرىتى ئەيسا بىلەن شاگىرتلىرى بەيتسايدا يېزىسىغا كەلدى. ئۇ يەردە كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا بىر كور ئادەمنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزۈپ ساقايتىپ قويۇشنى ئۆتۈندى.
23
ھەزرىتى ئەيسا كور ئادەمنىڭ قولىدىن يېتىلەپ يېزىنىڭ سىرتىغا ئېلىپ باردى ۋە ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تۈكۈرۈپ، قوللىرىنى تەگكۈزۈپ: - بىر نەرسە كۆرۈۋاتامسەن؟ - دەپ سورىدى.
24
ئۇ ئادەم بېشىنى كۆتۈرۈپ: - كىشىلەرنى كۆرۈۋاتىمەن. بىراق ئۇلار خۇددى مېڭىپ يۈرىدىغان دەرەخلەردەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ، - دېدى.
25
ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا قوللىرىنى ئۇ ئادەمنىڭ كۆزلىرىگە يەنە بىر قېتىم تەگكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىپ، ھەممە نەرسىنى ئېنىق كۆردى.
26
ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئىشنى ھېچكىمنىڭ ئۇقماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئۆيىگە قايتۇرۇش ئالدىدا ئۇنىڭغا: - ئۆيگە قايتىش يولۇڭدا يېزىغا كىرمە، - دەپ تاپىلىدى.
27
ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن بىللە فىلىپ قەيسەرىيىسى دېگەن رايونغا قاراشلىق يېزىلارغا باردى. ئۇ يولدا شاگىرتلىرىدىن: - كىشىلەر مېنى كىم دەپ بىلىدىكەن؟ - دەپ سورىدى.
28
شاگىرتلىرى ئۇنىڭغا: - بەزىلەر سىزنى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا، بەزىلەر ئىلياس پەيغەمبەر ۋە يەنە بەزىلەر باشقا قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى دەپ بىلىدىكەن، - دەپ جاۋاب بېرىشتى.
29
ھەزرىتى ئەيسا يەنە ئۇلاردىن: - سىلەرچۇ، سىلەر مېنى كىم دەپ بىلىسىلەر؟ - دەپ سورىدى. - سىز قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنسىز، - دەپ جاۋاب بەردى پېترۇس.
30
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا بۇ ھەقتە ھېچكىمگە تىنماسلىقنى تاپىلىدى.
31
ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئىنسانئوغلىنىڭ نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى، ئاقساقاللار، ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئۈچ كۈندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى شاگىرتلىرىغا ئۇقتۇرۇشقا باشلىدى.
32
ئۇ بۇنى شاگىرتلارغا ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلىدى. بۇنىڭ بىلەن، پېترۇس ھەزرىتى ئەيسانى بىر چەتكە تارتىپ، مەسىھنىڭ بېشىغا بۇنداق كېلىشمەسلىكلەرنىڭ كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى ئەيىبلىدى.
33
لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا بۇرۇلۇپ شاگىرتلىرىغا قارىدى ۋە پېترۇسنى ئەيىبلەپ: - يوقال كۆزۈمدىن، شەيتاندەك سۆزلەۋاتىسەن! ئويلىغانلىرىڭ خۇدانىڭ ئەمەس، ئىنساننىڭ خىيالىدۇر، - دېدى.
34
ئاندىن، ئۇ شاگىرتلىرى بىلەن بىللە خالايىقنىمۇ چاقىرىپ مۇنداق دېدى: - كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى خالىسا، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن!
35
چۈنكى، ئۆزى ئۈچۈنلا ياشايدىغانلار ئەكسىچە ھاياتىدىن مەھرۇم بولىدۇ. بىراق، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، مەن ۋە خۇش خەۋەر ئۈچۈن ياشايدىغانلار ھاياتىنى ساقلىيالايدۇ.
36
بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ ھاياتىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟!
37
نېمىنى تۆلەپمۇ ھاياتلىققا ئېرىشكىلى بولسۇن؟!
38
بۇ زاماننىڭ ۋاپاسىز ۋە گۇناھكار كىشىلىرى ئالدىدا كىمدەكىم مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلى بولغان مەنمۇ ئاتامنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە مۇقەددەس پەرىشتىلەر بىلەن بىللە قايتىپ كەلگىنىمدە، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىمەن.
← Chapter 7
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 9 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16