bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Mark 13
Mark 13
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 12
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 14 →
1
ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانىدىن چىقىۋاتقاندا، شاگىرتلىرىدىن بىرى ئۇنىڭغا: - ئۇستاز، قاراڭ، بۇ نېمىدېگەن كۆركەم تاشلار! نېمىدېگەن ھەيۋەتلىك ئىمارەتلەر! - دېدى.
2
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - سەن بۇ ھەيۋەتلىك ئىمارەتلەرنى كۆرۈۋاتامسەن؟ بۇ يەردىكى ھەممە نەرسە گۇمران قىلىنىدۇ، ھەتتا بىر تال ئۇل تېشىمۇ جايىدا قالدۇرۇلمايدۇ، - دېدى.
3
ھەزرىتى ئەيسا زەيتۇن تېغىدا مەركىزىي ئىبادەتخانا تەرەپكە قاراپ ئولتۇرغاندا، پېترۇس، ياقۇپ، يۇھاننا ۋە ئەندەرلەر ئاستىغىنا ئۇنىڭدىن:
4
- بىزگە ئېيتىڭچۇ، بۇ دېگەنلىرىڭىز قاچان يۈز بېرىدۇ؟ بۇلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان قانداق بېشارەت بولىدۇ؟ - دەپ سوراشتى.
5
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى: - باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشىدىن ھوشيار بولۇڭلار.
6
نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ، «قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ مەن بولىمەن!» دەۋېلىپ، كۆپ ئادەملەرنى ئازدۇرىدۇ.
7
سىلەر ئۇرۇش خەۋەرلىرى ۋە ئۇرۇش شەپىلىرىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردىمۇ، ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن بۇ، زامان ئاخىرى يېتىپ كەلدى، دېگەنلىك ئەمەس.
8
بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. بىر دۆلەت يەنە بىر دۆلەتكە ھۇجۇم قىلىدۇ. نۇرغۇن جايلاردا يەر تەۋرەش ۋە ئاچارچىلىقلار يۈز بېرىدۇ. مانا بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى خۇددى ھامىلىدار ئايالنىڭ تولغىقىنىڭ باشلانغىنىغا ئوخشايدۇ.
9
سىلەر ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار. كىشىلەر سىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ سوتقا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، ئىبادەتخانىلاردا قامچىلايدۇ. سىلەر ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، ۋالىي ۋە پادىشاھلار ئالدىدا سوراققا تارتىلىسىلەر. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئالدىدا مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم بولىسىلەر.
10
لېكىن، خۇش خەۋەر پۈتكۈل مىللەتلەرگە زامان ئاخىرىدىن بۇرۇن يەتكۈزۈلۈشى كېرەك.
11
شۇڭا، سىلەر تۇتۇلۇپ سوتقا تاپشۇرۇلغاندا نېمە دېيىشتىن ئەندىشە قىلماڭلار. ئۇ چاغدا، سىلەرگە نېمە نېسىپ ئېتىلسە، شۇنى دەڭلار، چۈنكى سۆزلىگۈچى سىلەر ئەمەس، مۇقەددەس روھتۇر.
12
قېرىنداش قېرىندىشىغا، ئاتا بالىسىغا خائىنلىق قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ. بالىلارمۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن قارشىلىشىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە ئىتتىرىدۇ.
13
ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ھەممە ئادەم سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ، لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر جەزمەن قۇتقۇزۇلىدۇ.
14
- «يىرگىنچلىك ۋەيران قىلغۇچى»~نىڭ ئۆزى تۇرۇشقا تېگىشلىك بولمىغان يەردە تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭلاردا، (كىتابخانلار بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنسۇن) يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئاھالىلەر تاغلارغا قاچسۇن.
15
ئۆگزىدىكىلەر ئۆيىدىكى نەرسە-كېرەكلىرىنى ئالماي قاچسۇن.
16
ئېتىزلاردا ئىشلەۋاتقانلارمۇ چاپىنىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتماي قېچىپ كەتسۇن.
17
ئۇ كۈنلەردە، قېچىشى ئەپسىز بولغان ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئانىلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
18
بۇ ۋەقەلەرنىڭ قىشقا توغرا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار.
19
چۈنكى، ئۇ كۈنلەردىكى بالايىئاپەتلەر خۇدا ئالەمنى ياراتقاندىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان، كەلگۈسىدىمۇ كۆرۈلمەيدۇ.
20
پەرۋەردىگار ئۇ كۈنلەرنى ئازايتمىسىدى، ھېچكىم قۇتۇلالمايتتى. لېكىن، پەرۋەردىگار ئۇ كۈنلەرنى ئۆزى تاللىغانلىرى ئۈچۈن ئازايتقان.
21
ئەگەر ئۇ چاغدا بىرى سىلەرگە: «قاراڭلار، قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ بۇ يەردە!» ياكى «قاراڭلار، مەسىھ ئەنە ئۇ يەردە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار.
22
چۈنكى، ساختا مەسىھلەر، ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئەگەر مۇمكىن بولسىدى، ئۇلار خۇدا تاللىغانلارنى مۆجىزىلەر ۋە كارامەتلەر بىلەن ئازدۇرغان بولاتتى.
23
شۇنىڭ ئۈچۈن، ھوشيار بولۇڭلار. مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىش بىلەن، سىلەرنى ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرۇپ قويدۇم.
24
- ئۇ كۈنلەردىكى بالايىئاپەتلەر ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، «قۇياش قارىيىپ، ئاي يورۇقلۇق بەرمەس،
25
يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ، ئاسمان جىسىملىرى لەرزىگە كېلەر.»
26
ئۇ چاغدا، كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ زور كۈچ-قۇدرەت ۋە شان-شەرەپ بىلەن بۇلۇتلار ئىچىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.
27
ئىنسانئوغلى پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۆزى تاللىغان كىشىلەرنى ئالەمنىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە، دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن يىغىپ بىر يەرگە جەم قىلىدۇ.
28
- ئەنجۈر دەرىخىدىن ساۋاق ئېلىڭلار! ئۇنىڭ شاخلىرى كۆكىرىپ، يېڭى يوپۇرماق چىقارغاندا، يازنىڭ كېلىشىگە ئاز قالغانلىقىنى بىلىسىلەر.
29
خۇددى شۇنىڭدەك، مەن بايا دېگەن ئالامەتلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئىشىك ئالدىدا، يەنى نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىڭلار.
30
بىلىپ قويۇڭلاركى، مانا بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ ئەۋلاد كىشىلەر ئالەمدىن ئۆتمەيدۇ.
31
ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم يوقالماي مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بولىدۇ!
32
- بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغان ۋاقىت-سائىتىگە كەلسەك، بۇنى ئاتامدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. نە ئەرشتىكى پەرىشتىلەر، نە ئوغلى بىلمەيدۇ.
33
پەخەس بولۇڭلار، سەگەك بولۇڭلار، چۈنكى ئۇ ۋاقىت-سائەتنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيسىلەر.
34
بۇ، سەپەرگە چىقماقچى بولغان ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. ئۇ يولغا چىقىدىغان چاغدا، چاكارلىرىنىڭ خىزمەت دائىرىسىنى بەلگىلەپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن ۋەزىپە تاپشۇرىدۇ. دەرۋازىدىكى كۆزەتچىگىمۇ ھوشيار بولۇشنى تاپىلايدۇ.
35
شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھوشيار بولۇڭلار. چۈنكى ئۆينىڭ خوجايىنىنىڭ كېلىدىغان ۋاقتىنىڭ كەچقۇرۇنمۇ، تۈن يېرىمىمۇ، خوراز چىللىغان ۋاقىتمۇ ياكى سەھەر ۋاقتىمۇ، ئۇنى بىلەلمەيسىلەر.
36
شۇڭا، ئۇ تۇيۇقسىز كېلىپ، سىلەرنى غەپلەت ئۇيقۇسىدا كۆرۈپ قالمىسۇن!
37
سىلەرگە ئېيتقانلىرىمنى ھەممەيلەنگە ئېيتىمەن: ھوشيار بولۇڭلار!
← Chapter 12
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 14 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16