bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Song of Solomon 5
Song of Solomon 5
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 4
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 6 →
1
كىردىم ئۆز بېغىمغا، ئى مەھبۇبەم _ جېنىم سىڭلىم، يىغاي ئەمدى مۇرمەككى، تېتىتقۇلىرىمنى، ھەرە كۆنىكى بىلەن يەي ھەسىلىمنى، ئىچەي شاراب ۋە سۈتلىرىمنى. ئەي ئاشىقلار، يەڭلار تويغۇچە، مۇھەببەتتىن ئىچىڭلار قانغۇچە.
2
ئۇيقۇدا ئىدىم، لېكىن ئويغاق ئىدى كۆڭلۈم، چۈشۈمدە ئاڭلىدىم سۆيۈملۈكۈمنىڭ ئاۋازىنى، مانا، ئۇ قاقتى ئىشىكنى! ئىشىكنى ئاچ سىڭلىم _ ئامرىقىم، ئېھ مېنىڭ غۇبارسىز كەپتىرىم. شەبنەم چۈشۈپ بېشىمغا، كېچىدە ھۆل بولدى چېچىم.
3
سېلىۋەتكەنىدىم ئېگىنلىرىمنى، كىيەي يەنە قانداقمۇ ئۇنى؟ يۇيغانىدىم پۇتلىرىمنى، بۇلغاي يەنە قانداقمۇ ئۇنى؟
4
ئاشىقىم ئىشىكنىڭ تۆشۈكىدىن تىقتى قولىنى، ئۆرتىدى بىر ئوت يۈرەك-باغرىمنى.
5
ئىشىكنى ئاچماق بولدۇم ئاشىقىمغا. تامدى مۇرمەككى قوللىرىمدىن، ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىنى تۇتقىنىمدا.
6
ئىشىكنى ئاچتىم سۆيۈملۈكۈمگە، بىراق ئۇ يوق ئىدى ئىشىك تۈۋىدە، روھسىزلاندىم ئۇ كەتكەچكە. ئىزدىدىم ئۇنى، بىراق تاپالمىدىم، چاقىردىم، بىراق جاۋاب ئالالمىدىم.
7
شەھەردىكى جېسەكچىلەر كۆرۈپ مېنى، ئۇرۇپ يارىلاندۇردى تېنىمنى، ئۇلار ئېلىپ قاچتى رومىلىمنى.
8
ئەي يېرۇسالېم قىزلىرى، ئۆتۈنەي سىلەردىن، ئاشىقىمنى كۆرسەڭلار ئېيتىپ قويۇڭلار، مېنى ئۇنىڭ ئىشقى ئوتىدا كاۋاپ دەڭلار.
9
ئېيتقىنا، ئەي گۈزەللەرنىڭ گۈزىلى، سەن بىزگە شەرت قويغۇدەك، ئاشىقىڭ باشقىلاردىن ئارتۇقمىكىن، ئۇنىڭ باشقىلاردىن ئارتۇق تەرىپى بارمىكىن؟
10
ئاشىقىمنىڭ ئىككى قىزىل مەڭزى چاقناپ تۇرار، تۈمەنمىڭلار ئارىسىدا خۇددى تۇغدەك سەرخىل تۇرار.
11
ساپ ئالتۇندەك نۇرغا تولغان باشلىرى، قاپقارادۇر قۇزغۇن كەبى ئۇنىڭ بۈدۈر چاچلىرى.
12
خۇددى بۇلاق بويىدىكى كەپتەردەك، سۈتكە چىلانغان گۆھەردەك چاقنار ئۇنىڭ كۆزلىرى.
13
خۇشبۇي گىياھ تېرىلغان گۈلزار كەبى مەڭزىلىرى، قىزىلگۈلگە ئوخشار مۇرمەككى سۈرۈلگەن لەۋلىرى.
14
سېرىق ياقۇت قويۇلغان ئالتۇندۇر ئۇنىڭ بىلەكلىرى، كۆك ياقۇتتا بېزەلگەن پىل چىشىدۇر بويلىرى.
15
يوتىلىرى خۇددى مەرمەر تۈۋرۈكتۇر ئالتۇن ئۈستىگە تىكلەنگەن، قامىتى لىۋان تېغىدۇر، كېدىر دەرەخلىرى كۆركەم، ھەيۋەت كۆرۈنگەن.
16
ئۇنىڭ ئېغىزى بەكمۇ شېرىن، ھەر جەھەتتىن مەپتۇن قىلار ئادەمنى. ئى يېرۇسالېم قىزلىرى، بۇ مېنىڭ قەدىرلىكىم، بىلىپ قېلىڭلار ھەمراھىمنى.
← Chapter 4
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 6 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8