bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Song of Solomon 6
Song of Solomon 6
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 5
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 7 →
1
ئېيتقىنا ئەي گۈزەللەرنىڭ گۈزىلى، ئاشىقىڭ كەتتى قايسى تەرەپكە؟ ساڭا بىز ئىزدىشىپ بېرەيلى بىرگە.
2
ئاشىقىم كەتتى ئۆزىنىڭ گۈلزارىغا، دورا ئۆسۈملۈك بېغىدا ھۇزۇرلىنىشقا، ئۇ يەردىن قىزىلگۈللەرنى يىغىشقا.
3
مەنسۇپتۇرمەن ئاشىقىمغا، ئۇمۇ ماڭا، ھۇزۇرلىنار ئۇ قىزىلگۈللەر ئارىسىدا.
4
ئى سۆيۈملۈكۈم، گۈزەلدۇرسەن تىرزاھ شەھىرىدەك، يېقىملىقسەن يېرۇسالېمدەك، ھەيۋەتلىكسەن تۇغ كۆتۈرگەن قوشۇندەك.
5
ماڭا قاراۋەرمە، ئېلىپ قاچقىن كۆزۈڭنى، مەپتۇن بولۇپ قالماقتىمەن سېنىڭ شەھلا كۆزۈڭگە. گىئلاد تېغىدىن ئويناقلاپ چۈشۈۋاتقان ئۆچكىلەردەك، دولقۇنلايدۇ قارا، بوستان چاچلىرىڭ شۇنچە.
6
چىشلىرىڭ بىر توپ قويدۇر يېڭى قىرقىپ، يۇيۇلغان، كەم-كۈتىسىز جۈپ-جۈپ بولۇپ، قاتىرىغا تىزىلغان.
7
چۈمبىلىڭدە يوشۇرغان مەڭزىلىرىڭ، قىزارغاندۇر خۇددى ئانارنىڭ دانىسىدەك.
8
باردۇر شاھنىڭ ئاتمىش خانىش _ ئايالى، سانسىزلىغان كېنىزەك، سەكسەن توقىلى.
9
لېكىن مېنىڭ كۆڭلۈمدە پەقەت سەنلا. مەشۇقۇم مېنىڭ غۇبارسىز كەپتىرىمدۇر، ئۇ ئانىسىنىڭ ئەركىسىدۇر، ئۇ ئانىسىنىڭ ئەڭ قەدىردانىدۇر. ھەممە قىزلار ئۇنى كۆرسە داڭلىشار، خانىش ۋە توقاللارمۇ ماختىشار:
10
«كىمدۇر ئۇ تاڭ سەھەردەك پارلىغان، گۈزەل ئايدەك چاقنىغان، ئىللىق قۇياشتەك يورۇغان، يۇلتۇزلاردەك ھەيۋەت بولۇپ كۆرۈنگەن؟»
11
كىرگەن ئىدىم ياڭاقلىققا، كۆرەرمەنمۇ دەپ جىلغىدىكى چېچەكلەرنى، يۇمران ئۈزۈم نوتىلىرى، ئانارنىڭ چېچەكلىرىنى.
12
ھاياجاندىن چۆمدۈم خۇشاللىق دەرياسىغا، خۇددى ئولتۇرغاندەك خان جەمەتى ھارۋىسىغا.
13
ئى شۇلاملىق قىز، قايتىپ كەلگىن ئارىمىزغا، يەنە بىر قېتىم زەن سېلىپ باقايلى ساڭا. نە ۋەجىدىن زەن سېلىپ، قارىماقچى بوپ قالدىڭلار شۇلاملىق قىزغا، ئىككى قاتار قىزلار ئارىسىدا ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ئۇنىڭغا؟
← Chapter 5
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 7 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8