bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Song of Solomon 8
Song of Solomon 8
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 7
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
1
ئېھ، قانداق ياخشى بولار ئىدى، ئېمىلداش ئاكامدەك بولغان بولساڭ، ھېيىقماستىن سۆيسەم ئىدىم سېنى كوچىدا ئۇچراپ قالساڭ، ھېچكىممۇ ئەيىبلەپ يۈرمەيتتى مېنى.
2
باشلاپ كىرىپ سېنى ئانامنىڭ ئۆيىگە، ئانام مېنى تەربىيەلىگەن شۇ يەرگە، ئىچكۈزەتتىم ساڭا مۇسەللەستىن، ئانار شەربەتلىرىدىن.
3
بېشىم ئاستىدا ئۇنىڭ سول قولى، ئوڭ قولىدا قۇچاقلار مېنى.
4
ئېھ يېرۇسالېم قىزلىرى، ئۆتۈنەي سىلەردىن، ۋاقتى كەلمىگۈچە ئويغاتماڭلار مۇھەببەتنى.
5
كىم ئۇ قىز، چۆل تەرەپتىن كېلىۋاتقان، يۆلىنىپ يارىغا؟ ئويغاتتىم سېنى ئالما دەرىخى ئاستىدا، ئاناڭ تولغاق يەپ شۇ يەردە، تۇغقانىدى سېنى شۇ جايدا.
6
قولۇڭدىكى مۆھۈر ئۈزۈكتەك، مۆھۈرلىۋال مېنى قەلبىڭگە. مۇھەببەت كۈچلۈكتۇر ئۆلۈمدەك، ئىشق مۇستەھكەمدۇر لەھەتتەك. سۆيگۈنىڭ ئۇچقۇنلىرى كۆيدۈرەر ئوتتەك، قۇدرەتلىك يالقۇندەك.
7
سۆيگۈنى ئۆچۈرەلمەس ئۇلۇغ سۇلار، چۆكتۈرەلمەس ئۇنى توپانلار. ئەگەر بىركىم ئۇنى سېتىۋالىمەن دېسە بايلىقىغا، ئاخىر ئۆزى مەسخىرىگە قالار.
8
بار كىچىك بىر سىڭلىمىز، تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن. سوراپ كىرسە ئەلچىلەر، بىز نېمە ئىش قىلىمىز؟
9
ئەگەر ئۇ بىر سېپىل بولسا، كۈمۈش مۇنار تىكلەپ ئۇنى قوغدايلى، ئەگەر بولسا ئۇ بىر دەرۋازا، كېدىر ياغىچى بىلەن ئۇنى توسايلى.
10
ئەسلى مەن بىر سېپىل ئىدىم، مۇناردەك ئىدى كۆكرەكلىرىم، مەندىن خۇرسەن ئىدى يىگىتىم.
11
بائال-خاموندا بار ئىدى سۇلايماننىڭ ئۈزۈمزارلىقى، ئۈزۈمزارلىقىنى بەردى ئۇ ئىجارىگە، ئۇلار ھوسۇلىدىن بەرمەكچى بولۇشتى مىڭ كۈمۈش تەڭگە.
12
مىڭ تەڭگە تەۋە بولسۇن سۇلايمانغا، ئىككى يۈز تەڭگە باققۇچىغا. مېنىڭ ئۈزۈمزارىم ئۆزۈمنىڭكىدۇر.
13
ئەي باغدا ئولتۇرغان قىز، دوستلىرىم تەقەززادۇر ئاۋازىڭنى ئاڭلاشقا، ئىنتىزارمەن مەنمۇ ھەم ئاۋازىڭنى تىڭشاشقا.
14
ئى ئاشىقىم، چاپسان كەلگىن يېنىمغا، خۇددى جەرەن، كېيىك كەبى قىيغىتىپ، يېتىپ كەلگىن خۇش پۇراقلىق تېغىمغا.
← Chapter 7
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8