bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Exodus 21
Exodus 21
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 20
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 22 →
1
_ سەن ئىسرائىل خەلقىگە تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىل:
2
«ئەگەر بىرى ئىبرانىيلار ئىچىدىن قۇل سېتىۋالغان بولسا، قۇل پەقەت ئالتە يىل خوجايىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلسۇن. يەتتىنچى يىلى ئۇنىڭغا ھۆرلۈك بېرىلسۇن ھەم ئۇ خوجايىنىغا ھېچقانداق ھەق تۆلىمەي كېتىۋەرسۇن.
3
ئەگەر ئۇ قۇل بولغان ۋاقتىدا بويتاق بولغان بولسا، كېتىدىغان ۋاقتىدىمۇ بويتاق پېتى كەتسۇن. ئەگەر ئۇ قۇل بولۇشتىن ئىلگىرى نىكاھلىق بولغان بولسا، ئايالى بىلەن بىرگە كەتسۇن.
4
ئەگەر خوجايىنى ئۇنىڭغا خوتۇن ئېلىپ بەرگەن بولۇپ، خوتۇنى ئۇنىڭغا پەرزەنت تۇغۇپ بەرگەن بولسا، خوتۇنى ۋە بالا-چاقىلىرى خوجايىنغا تەۋە بولىدۇ. پەقەت ئۇ يالغۇز ئۆزىلا ھۆرلۈككە ئېرىشەلەيدۇ.
5
ئەگەر ئۇ: ‹خوجايىنىمنى ۋە خوتۇن-بالىلىرىمنى ياخشى كۆرىمەن. مەن ھۆر بولۇشنى خالىمايمەن› دېسە،
6
خوجايىنى ئۇنى سوتچىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارسۇن، ئاندىن ئۇنى ئىشىك ياكى ئىشىك كېشىكىگە يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويۇپ، بىگىز بىلەن قۇلىقىنى تېشىپ قويسۇن. شۇنداق قىلىپ، ئۇ خوجايىنىنىڭ مەڭگۈلۈك قۇلى بولىدۇ.
7
ئەگەر بىرى قىزىنى دېدەك قىلىپ سېتىۋەتكەن بولسا، ئۇ قىز ئەرلەرگە ئوخشاش ھەقسىز ھۆر بولۇپ كېتەلمەيدۇ.
8
ئۇ قىزنى خوجايىنى ئەمرىگە ئېلىش ئۈچۈن سېتىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىن ئۇنى ياخشى كۆرمىسە، ئۇنداقتا خوجايىن قىز تەرەپنىڭ ھەق تۆلەپ قىزىنى ھۆر قىلىشىغا پۇرسەت بەرسۇن. خوجايىنىنىڭ ئۇ قىزنى ياتلارغا سېتىش ھوقۇقى بولمايدۇ. چۈنكى خوجايىن ۋەدىسىدە تۇرمىغاندۇر.
9
ئەگەر خوجايىن ئۇنى ئوغلىغا ئېلىپ بەرگەن بولسا، ئۇنى ئۆز قىزىدەك كۆرسۇن.
10
ئەگەر خوجايىن دېدەكنى خوتۇنلۇققا ئالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە باشقا خوتۇن ئالغان بولسا، ئۇ چوقۇم دېدەكنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ئېھتىياجىدىن ۋە جىنسىي ھاجىتىدىن بۇرۇنقىدەك چىقسۇن.
11
ئەگەر خوجايىن بۇ ئۈچ تۈرلۈك بۇرچىنى ئادا قىلالمىسا، دېدەككە ھۆرلۈك بەرسۇن، ھەق ئالمىسۇن.
12
كىمدەكىم بىر ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويسا، ئۇ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن.
13
لېكىن بۇ ئىش مەقسەتسىز ھالدا ۋە مېنىڭ يول قويۇشۇم بىلەن يۈز بەرگەن بولسا، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى مەن بېكىتكەن جايغا قېچىپ بارسا بولىدۇ.
14
ئەگەر بىرى باشقىلارنى قەستەن ئۆلتۈرۈپ قويۇپ، ئاندىن قۇربانلىق سۇپامنىڭ يېنىغا قېچىپ بېرىۋالغان بولسىمۇ، ئۇ قۇربانلىق سۇپامدىن تارتىپ ئەكېلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن.
15
ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ئۇرغانلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن.
16
باشقىلارنى تۇتۇۋېلىپ ساتقان ياكى ئۆزى ئېلىپ قېلىپ قۇل قىلغانلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن.
17
ئاتىسى ياكى ئانىسىدىن يۈز ئۆرۈگەنلەر ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن.
18
ئەگەر ئۇرۇشۇپ قالغان ئىككى كىشىنىڭ بىرى يەنە بىرىنى تاش ياكى مۇشت بىلەن ئۇرسا، ئۇرۇلغان كىشى ئۆلمەي، زەخىملىنىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان بولسا،
19
لېكىن ئۇ كىشى كېيىن ساقىيىپ، ھاسا تۇتۇپ ماڭغۇدەك بولسا، ئۇرغۇچى گۇناھسىز دەپ ھېسابلانسۇن. ئەمما يارىلانغۇچىنىڭ ۋاقىت جەھەتتە تارتقان زىيىنىنى تۆلىسۇن ۋە ئۇنى داۋالىتىپ ساقايتسۇن.
20
كىمدەكىم قۇلىنى ياكى دېدىكىنى كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇ جازاغا تارتىلسۇن.
21
لېكىن قۇل ياكى دېدەك ئۆلمەي، بىر-ئىككى كۈندىن كېيىن ساقىيىپ قالسا، خوجايىن جازالانمىسۇن، چۈنكى قۇل خوجايىنىنىڭ تەئەللۇقاتىدۇر.
22
ئەگەر ئىككى كىشى ئۇرۇشۇپ قېلىپ، مۇناسىۋەتسىز بىر ھامىلىدار ئايالغا زىيان يەتكۈزسە، لېكىن ھامىلىدار ئايالدا بالىسىنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشىدىن باشقا زەخىملىنىش ئالامىتى بولمىسا، ئۇلار يارىلانغان ئايالنىڭ ئېرىنىڭ تەلىپى بويىچە سوتچى تەرىپىدىن ھۆكۈم قىلىنغان جەرىمانىنى تۆلىسۇن.
23
ئەگەر ھامىلىدار ئايالدا باشقا زەخىملىنىش ئالامەتلىرى بولسا، جانغا جان،
24
كۆزگە كۆز، چىشقا چىش، قولغا قول، پۇتقا پۇت،
25
كۆيۈككە كۆيۈك، زەخىمگە زەخىم ۋە كۆككە كۆك ھالەتتە ئۆچ ئېلىنسۇن.
26
ئەگەر بىر كىشى قۇل ياكى دېدىكىنىڭ كۆزىگە ئۇرۇپ بىر كۆزىنى كور قىلىپ قويغان بولسا، كۆزىنىڭ بەدىلىگە ئۇ كىشى قۇلىنى ئازاد قىلسۇن.
27
ئەگەر ئۇ كىشى قۇل ياكى دېدىكىنىڭ چىشىنى ئۇرۇپ سۇندۇرۇۋەتكەن بولسا، چىشىنىڭ بەدىلىگە ئۇ قۇلىنى ئازاد قىلسۇن.
28
ئەگەر بىرسىنىڭ ئۆكۈزى ئادەم ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۆلگۈچى مەيلى ئەر ياكى ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆكۈز چوقۇم چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلسۇن. ئۇنىڭ گۆشىنى يېيىش ھارامدۇر، لېكىن ئۆكۈزنىڭ ئىگىسى گۇناھكار ھېسابلانمىسۇن.
29
ئەگەر ئۇ ئۆكۈز ئەزەلدىنلا ئادەم ئۈسىدىغان ئۆكۈز بولۇپ، باشقىلار ئۆكۈزنىڭ ئىگىسىگە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆكۈزنىڭ ئىگىسى ئاگاھلاندۇرۇشقا پەرۋا قىلماي، ئۆكۈزىنى يەنىلا بوش قويۇۋېتىپ، ئۆكۈزىنىڭ ئادەم ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويۇشىغا سەۋەبچى بولغان بولسا، ئۆكۈز ئوخشاشلا چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلسۇن ھەم ئۆكۈزنىڭ ئىگىسىمۇ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن.
30
ئەگەر تۆلەم تۆلەپ بېرىش تەلەپ قىلىنسا، ئۆكۈزنىڭ ئىگىسى ئۆلتۈرۈلمىسۇن، ھاياتى بەدىلىگە تەلەپ قىلىنغان تۆلەمنى تۆلەپ بەرسۇن.
31
ئەگەر ئۆكۈز باشقىلارنىڭ ئوغلى ياكى قىزىنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، يۇقىرىقى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنسۇن.
32
ئەگەر ئۆكۈز باشقىلارنىڭ قۇلى ياكى دېدىكىنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۆكۈزنىڭ ئىگىسى قۇلنىڭ خوجايىنىغا ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگە تۆلەپ بەرسۇن ھەم ئۆكۈز چالما-كېسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلسۇن.
33
ئەگەر بىرەرسى قۇدۇقنىڭ ئاغزىنى ئوچۇق قويۇپ ياكى كولاۋاتقان قۇدۇقنىڭ ئاغزىنى ياپماي، ئۆكۈز ياكى ئېشەكنىڭ قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىپ، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا،
34
قۇدۇق ئىگىسى مال ئىگىسىگە تۆلەم تۆلىسۇن. ئۆلگەن مال قۇدۇق ئىگىسىنىڭ بولسۇن.
35
ئەگەر مەلۇم بىر ئادەمنىڭ ئۆكۈزى باشقا بىرسىنىڭ ئۆكۈزىنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۆكۈزلەرنىڭ ئىگىلىرى ئۈسكۈچى ئۆكۈزنى سېتىپ پۇلىنى تەڭ بۆلۈشسۇن ھەم ئۆلگەن ئۆكۈزنىڭ گۆشىنىمۇ شۇنداق قىلسۇن.
36
ئەگەر خوجايىن ئۆز ئۆكۈزىنىڭ ئۈسىدىغان ئادىتىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى باغلاپ قويماي باشقىلارنىڭ ئۆكۈزىنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويۇشىغا سەۋەبچى بولغان بولسا، خوجايىن ئۆكۈزىنىڭ ئورنىغا ئۆكۈز تۆلەپ بەرسۇن. ئۆلگەن ئۆكۈزنى ئۆزى ئېلىپ قالسۇن.
← Chapter 20
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 22 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40