bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Exodus 25
Exodus 25
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 24
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 26 →
1
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2
_ ئىسرائىللار ماڭا ھەدىيە سۇنسۇن. ئۆز رازىلىقلىرى بىلەن سۇنغان ھەدىيەلەرنى قوبۇل قىلىڭلار.
3
ئۇلارنىڭ مۇنداق ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلىڭلار: ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ،
4
كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ، ئېسىل زىغىر رەخت، ئۆچكە تىۋىتى،
5
قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسى، چىداملىق تېرە، ئاكاتسىيە ياغىچى،
6
چىراغ ئۈچۈن زەيتۇن يېغى، مۇقەددەس ياغ، ئىسرىق ئۈچۈن خۇشبۇي ئەشيالار،
7
باش روھانىي تاقايدىغان پەرتۇق، كۆكرەكلىككە قادىلىدىغان يوللۇق ھېقىق ۋە باشقا گۆھەرلەر.
8
ئۇلار ماڭا ئاتاپ بىر ئىبادەت جايى ياسىسۇن، مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشايمەن.
9
ئىبادەت چېدىرى ۋە ئىچىدىكى نەرسىلەر مەن ساڭا كۆرسەتكەن نۇسخىغا ئوخشاش ياسالسۇن.
10
_ ئۇلار ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئۇزۇنلۇقىنى 125 سانتىمېتىر، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكىنى 75 سانتىمېتىر قىلىپ، بىر ساندۇق ياسىسۇن.
11
ساندۇقنىڭ ئىچى-سىرتى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىنىپ، چۆرىسى ئالتۇن بىلەن نەقىشلەنسۇن.
12
ئالتۇندىن تۆت ھالقا قۇيۇلۇپ، ساندۇقنىڭ تۆت پۇتىغا ئورنىتىلسۇن. ھالقىلار ھەربىر تەرىپىدە ئىككىدىن بولسۇن.
13
ئۇلار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى بالداق ياساپ، ئۇلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، ساندۇقنىڭ ئىككى يېنىدىكى ئالتۇن ھالقىلاردىن ئۆتكۈزسۇن.
15
ئىككى بالداق ھەمىشە ھالقىدا تۇرسۇن، چىقىرىۋېتىلمىسۇن.
16
مەن ساڭا بېرىدىغان پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختا ساندۇقنىڭ ئىچىگە قويۇلسۇن.
17
ساندۇقنىڭ ئۈستىگە ساپ ئالتۇندىن ئۇزۇنلۇقى 125، كەڭلىكى 75 سانتىمېتىر كېلىدىغان ساندۇق قاپقىقى، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى» ياسالسۇن.
18
ئالتۇندىن ئىككى دانە «كېرۇب»نىڭ ھەيكىلى سوقۇلۇپ،
19
«گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»نىڭ ئىككى بېشىغا بىردىن ئورنىتىلىپ، قاپقاق بىلەن بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىپ بىرلەشتۈرۈلسۇن.
20
يۈزمۇيۈز قويۇلغان ھەيكەللەرنىڭ ئېچىلغان قاناتلىرى قاپقاقنى يېپىپ، يۈزلىرى قاپقاققا قاراپ تۇرسۇن.
21
مەن ساڭا بېرىدىغان پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختا ئاشۇ ساندۇقنىڭ ئىچىگە قويۇلۇپ، ئاندىن ساندۇقنىڭ قاپقىقى يېپىلسۇن.
22
مەن ئۇ يەردە، يەنى قاپقاقنىڭ ئۈستىدە، ئىككى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ، سەن بىلەن ئۇچرىشىمەن ۋە ئىسرائىللارغا چۈشۈرىدىغان ئەمرلىرىمنى ساڭا يەتكۈزىمەن.
23
_ ئۇلار ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بىر شىرە ياسىسۇن. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 100 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 50 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 75 سانتىمېتىر بولسۇن.
24
شىرە ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلانسۇن ۋە چۆرىسى ئالتۇن بىلەن نەقىشلەنسۇن.
25
شىرەنىڭ چۆرىسىگە 8 سانتىمېتىر كەڭلىكتە قىر چىقىرىلسۇن ۋە ئالتۇن بىلەن نەقىشلەنسۇن.
26
تۆت ئالتۇن ھالقا ياسىلىپ، شىرەنىڭ تۆت بۇرجىكىدىكى تۆت پۇتقا،
27
يەنى شىرەنىڭ قىرىغا يېقىنراق ئورنىتىلسۇن. چۈنكى ئالتۇن ھالقىلاردىن بالداقلار ئۆتكۈزۈلۈپ، شىرە كۆتۈرۈپ مېڭىلىدۇ.
28
بالداقلارمۇ ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىلىپ، ئالتۇن بىلەن قاپلانسۇن.
29
شىرەنىڭ ئۈستىدىكى تاۋاق ۋە تەخسە، شۇنداقلا ئىچىملىك ھەدىيەسىگە ئىشلىتىلىدىغان چەينەك ۋە چىنىلەر ساپ ئالتۇندىن ياسالسۇن.
30
شىرەگە ھەمىشە ماڭا ئاتىلىدىغان نانلار تىزىپ قويۇلسۇن.
31
_ ئۇلار ساپ ئالتۇندىن بىر چىراغدان ياسىسۇن. چىراغداننىڭ پۇتى، غولى، تارماق شاخلىرى ۋە گۈل نۇسخىسىدىكى چىراغ تەكچىلىرى بىر پۈتۈن ئالتۇندىن سوقۇلسۇن.
32
چىراغداننىڭ بىر تەرىپىگە ئۈچ، يەنە بىر تەرىپىگە ئۈچ بولۇپ، جەمئىي ئالتە دانە شاخچە چىقىرىلسۇن.
33
ھەربىر شاخچىدە بادام چېچىكى شەكلىدىكى ئۈچ دانە گۈل بەرگى بولسۇن. چىراغداننىڭ ئالتە شاخچىسىنىڭ ھەممىسىلا مۇشۇنداق بولسۇن.
34
چىراغداننىڭ غولىدا بادام چېچىكى شەكلىدە تۆت دانە گۈل بەرگى بولسۇن.
35
بۇ گۈل بەرگلىرى چىراغداننىڭ غولىنىڭ ئىككى تەرىپىگە چىقىرىلغان ھەربىر جۈپ شاخچىنىڭ، يەنى ئالتە دانە شاخچىنىڭ ئاستىدا بولسۇن.
36
پۈتۈن چىراغدان، يەنى ئۇنىڭ بارلىق بېزەكلىرى بىرلا پارچە ئالتۇندىن سوقۇلسۇن.
37
چىراغدانغا يورۇقى ئالدى تەرەپكە چۈشىدىغان قىلىپ يەتتە چىراغ ئورۇنلاشتۇرۇلسۇن.
38
پىلىك قىسقۇچ، پىلىك قالدۇقىنى قويىدىغان تەخسە ساپ ئالتۇندىن قىلىنسۇن.
39
چىراغدان ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق نەرسىلەرنى ياساش ئۈچۈن 34 كىلو ساپ ئالتۇن ئىشلىتىلسۇن.
40
بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ساڭا تاغدا كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە كۆڭۈل قويۇپ ياسالسۇن.
← Chapter 24
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 26 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40