bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Exodus 4
Exodus 4
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 3
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 5 →
1
بىراق مۇسا پەرۋەردىگارغا: _ ئىسرائىللار ماڭا ئىشەنمىسە، سۆزۈمگە قۇلاق سالمىسا ۋە ماڭا: «پەرۋەردىگار ساڭا ئەسلا كۆرۈنمىدى» دېسە، قانداق قىلىمەن، _ دېدى.
2
پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن: _ قولۇڭدىكى نېمە؟ _ دەپ سورىدى. _ تاياق، _ دەپ جاۋاب بەردى مۇسا.
3
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ تاياقنى يەرگە تاشلا، _ دەپ بۇيرۇدى. مۇسا ئۇنى يەرگە تاشلىۋىدى، ئۇ يىلانغا ئايلاندى. مۇسا يىلاندىن قاچتى.
4
پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە: _ يىلاننىڭ قۇيرۇقىنى تۇت، _ دەپ بۇيرۇدى. مۇسا يىلاننىڭ قۇيرۇقىنى تۇتۇۋىدى، يىلان يەنە تاياققا ئايلىنىپ قالدى.
5
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ مانا بۇ مۆجىزە ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارنىڭ، يەنى ئۇلارنىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپ قاتارلىق ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ساڭا كۆرۈنگەنلىكىگە ئىشەندۈرىدۇ، _ دېدى.
6
پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە: _ ئەمدى قولۇڭنى قوينۇڭغا سېلىپ چىقار، _ دېدى. مۇسا قولىنى قوينىغا سېلىپ چىقارغانىدى، قولىنى تېرە كېسىلى قاپلاپ، قاردەك ئاپئاق بولۇپ كەتكەنىدى.
7
ئاندىن پەرۋەردىگار: _ قولۇڭنى يەنە قوينۇڭغا سېلىپ چىقار، _ دېدى. مۇسا قولىنى قوينىغا سېلىپ چىقاردى، بۇ قېتىم قولى ئەسلىگە كېلىپ، بەدىنىنىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشاش ھالەتكە كەلگەنىدى.
8
پەرۋەردىگار سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: _ ئەگەر ئۇلار ساڭا ئىشەنمىسە ياكى دەسلەپكى مۆجىزىدىن كېيىن يەنىلا قايىل بولمىسا، كېيىنكى مۆجىزە بەلكىم ئۇلارنى قايىل قىلىدۇ.
9
ئەگەر بۇ ئىككى مۆجىزىمۇ ئۇلارنى قايىل قىلالمىسا ۋە سۆزۈڭگە ئىشەندۈرەلمىسە، ئۇ چاغدا سەن نىل دەرياسىنىڭ سۈيىدىن بىرئاز ئېلىپ، قۇرۇق يەرگە تۆك، سۇ شۇ ئان قانغا ئايلىنىدۇ، _ دېدى.
10
لېكىن مۇسا: _ ئى ئىگەم، مېنى ئەيىبكە بۇيرۇما، مەن ئەزەلدىنلا سۆزمەن ئادەم ئەمەسمەن. مەن سەن بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىنمۇ يەنىلا شۇنداقمەن، مەن مانا مۇشۇنداق تىلى ئېغىر ئادەممەن، _ دېدى.
11
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ ئادەمگە سۆزلەش قابىلىيىتىنى بەرگەن كىم؟ ئۇنى سۆزلىيەلەيدىغان ياكى سۆزلىيەلمەيدىغان، ئاڭلىيالايدىغان ياكى ئاڭلىيالمايدىغان، كۆرەلەيدىغان ياكى كۆرەلمەيدىغان قىلغان مەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟
12
سەن بېرىۋەر، مەن سېنى سۆزمەن قىلىمەن، ساڭا نېمە دېيىشنى ئۆگىتىمەن، _ دېدى.
13
لېكىن مۇسا جاۋابەن: _ ئى ئىگەم، مەن سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي، ئۆزۈڭ ئىختىيار قىلغان باشقا بىرسىنى ئەۋەتكىن، _ دېدى.
14
بۇ سۆزنى ئاڭلىغان پەرۋەردىگار مۇساغا غەزەپلىنىپ: _ سېنىڭ لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان ھارۇن ئىسىملىك بىر ئاكاڭ بارغۇ، ئۇنىڭ ناتىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. ئۇ سېنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ئاللىقاچان يولغا چىقتى. ئۇ سېنى كۆرسە خۇشال بولۇپ كېتىدۇ.
15
سەن دېمەكچى بولغانلىرىڭنى ئۇنىڭغا ئېيت. سېنى ۋە ئۇنى سۆزمەن قىلىمەن ۋە ھەر ئىككىڭلارغا نېمە قىلىشىڭلار كېرەكلىكىنى ئۆگىتىمەن.
16
ئۇ سېنىڭ ئاغزىڭ بولۇپ، ساڭا ۋاكالىتەن خەلققە سۆز قىلىدۇ. سەن خۇددى ماڭا ئوخشاش، ئۇنىڭغا نېمە دەيدىغانلىقىنى ئۆگىتىسەن.
17
بۇ تاياقنى ئېلىۋال. چۈنكى سەن بۇنىڭ بىلەن مۆجىزە كۆرسىتىسەن، _ دېدى.
18
شۇنىڭ بىلەن مۇسا قېيىنئاتىسى يېترونىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ مېنىڭ مىسىرغا قايتىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنىڭ ئۆلۈك ياكى تىرىكلىكىنى بىلىپ كېلىشىمگە ئىجازەت بەرگەيسىز، _ دېدى. يىترو ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپ، ئاق يول تىلىدى.
19
مۇسا تېخى مىدياندىكى ۋاقتىدا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن مىسىرغا قايتىپ كەت! چۈنكى سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئادەم ئۆلدى، _ دېگەنىدى.
20
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئايالى ۋە بالىلىرىنى ئېشەككە مىندۈرۈپ، مىسىرغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ خۇدا ئېلىۋېلىشنى بۇيرۇغان تاياقنى قولىغا ئېلىۋالدى.
21
پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ئېسىگە سېلىپ يەنە مۇنداق دېدى: _ مىسىرغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، پىرئەۋننىڭ ئالدىدا مەن سېنى كۆرسىتىشكە قادىر قىلغان ھەر خىل مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكىن. لېكىن مەن ئۇنى جاھىللاشتۇرىمەن، ئۇ خەلقىڭنى قويۇپ بەرمەيدۇ.
22
ئۇ چاغدا سەن پىرئەۋنگە: «پەرۋەردىگار: ‹ئىسرائىل خەلقى مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇمدۇر.
23
ئوغلۇمنى ماڭا ئىبادەت قىلىشقا بېرىشتىن توسما. رەت قىلىدىغان بولساڭ، سېنىڭ تۇنجى ئوغلۇڭنى ئۆلتۈرىمەن› دەيدۇ» دېگىن.
24
مىسىر يولىدىكى بىر قونالغۇدا پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭ جېنىنى ئالماقچى بولدى.
25
شۇڭا مۇسانىڭ ئايالى زىپپورا قىرلىق بىر تاشنى قولىغا ئېلىپ، ئوغلىنىڭ خەتنىسىنى قىلىپ، خەتنىلىكىنى مۇسانىڭ پۇتلىرىغا تەگكۈزدى ۋە مۇنداق دېدى: _ سەن ھەقىقەتەن خەتنىلىك قان ئارقىلىق قۇتۇلدۇرۇلغان ئېرىمسەن.
26
(زىپپورا ئوغلىنى خەتنە قىلىپ، مۇسانى قۇتۇلدۇرۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى «خەتنىنىڭ قېنى ئارقىلىق قۇتۇلدۇرۇلغان ئېرىم» دېدى.) شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇسانى ئامان قالدۇردى.
27
شۇ ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگار ھارۇنغا: _ سەن چۆل-باياۋانغا بېرىپ، مۇسانى كۈتۈۋال، _ دېگەنىدى. ھارۇن يول يۈرۈپ خۇدانىڭ تېغىغا يەتكەندە، مۇسا بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئۇنى سۆيدى.
28
مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىنى ۋە مىسىردا ئۆزى كۆرسىتىشكە بۇيرۇلغان بارلىق مۆجىزىلەرنى ھارۇنغا سۆزلەپ بەردى.
29
شۇنداق قىلىپ، مۇسا بىلەن ھارۇن مىسىرغا بېرىپ، ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ ھەممىسىنى يىغدى.
30
ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزدى ھەم مۇسا كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتى.
31
ئاقساقاللار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ۋە زۇلۇم ئىچىدىكى ھاياتىغا نەزەر سالغانلىقىنى ئاڭلىغان ھامان، باشلىرىنى ئېگىپ خۇداغا سەجدە قىلىشتى.
← Chapter 3
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 5 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40