bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Exodus 37
Exodus 37
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 36
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 38 →
1
بىزالئېل ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئۇزۇنلۇقى 125 سانتىمېتىر، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى 75 سانتىمېتىر قىلىپ بىر ساندۇق ياسىدى.
2
ساندۇقنىڭ ئىچى-سىرتىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، چۆرىسىنى ئالتۇن بىلەن نەقىشلىدى.
3
ئۇ يەنە ئالتۇندىن تۆت ھالقا قۇيدۇرۇپ، ساندۇقنىڭ تۆت پۇتىغا ئورناتتى. ھالقىلار ھەربىر تەرىپىدە ئىككىدىن بولدى.
4
ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى بالداق ياساپ، ئۇلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. بالداقلار ساندۇقنىڭ ئىككى يېنىدىكى ئالتۇن ھالقىلاردىن ئۆتكۈزۈلەتتى.
6
ساندۇقنىڭ ئۈستىگە ساپ ئالتۇندىن ئۇزۇنلۇقى 125، كەڭلىكى 75 سانتىمېتىر كېلىدىغان ساندۇق قاپقىقى، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»نى ياسىدى.
7
ئالتۇندىن ئىككى دانە «كېرۇب»نىڭ ھەيكىلىنى سوقۇپ،
8
«گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»نىڭ ئىككى بېشىغا بىردىن ئورنىتىپ، قاپقاق بىلەن بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىپ بىرلەشتۈردى.
9
يۈزمۇيۈز قويۇلغان ھەيكەللەرنىڭ ئېچىلغان قاناتلىرى قاپقاقنى يېپىپ، يۈزلىرى قاپقاققا قاراپ تۇراتتى.
10
بىزالىل ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بىر شىرە ياسىدى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 100 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 50 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 75 سانتىمېتىر بولۇپ،
11
ئۇنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى، چۆرىسىنى ئالتۇن بىلەن نەقىشلىدى.
12
شىرەنىڭ چۆرىسىگە 8 سانتىمېتىر كەڭلىكتە قىر چىقىرىپ، ئۇنىمۇ ئالتۇن بىلەن نەقىشلىدى.
13
تۆت ئالتۇن ھالقا ياساپ، ئۇلارنى شىرەنىڭ تۆت بۇرجىكىدىكى تۆت پۇتقا،
14
يەنى شىرەنىڭ قىرىغا يېقىنراق ئورناتتى. چۈنكى ئالتۇن ھالقىلاردىن بالداقلار ئۆتكۈزۈلۈپ، شىرە كۆتۈرۈپ مېڭىلاتتى.
15
بالداقلارنىمۇ ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.
16
شىرەنىڭ ئۈستىدىكى تاۋاق ۋە تەخسە، شۇنداقلا ئىچىملىك ھەدىيەسىگە ئىشلىتىلىدىغان چىنە ۋە چەينەكلەرنى ساپ ئالتۇندىن ياسىدى.
17
ئۇ ساپ ئالتۇندىن بىر چىراغدان ياسىدى. چىراغداننىڭ پۇتى، غولى، تارماق شاخلىرى ۋە گۈل نۇسخىسىدىكى چىراغ تەكچىلىرى بىر پۈتۈن ئالتۇندىن سوقۇلدى.
18
چىراغداننىڭ بىر تەرىپىگە ئۈچ، يەنە بىر تەرىپىگە ئۈچ بولۇپ، جەمئىي ئالتە دانە شاخچە چىقىرىلغانىدى.
19
ھەربىر شاخچىدە بادام چېچىكى شەكلىدىكى ئۈچ دانە گۈل بەرگى بار ئىدى. چىراغداننىڭ ئالتە شاخچىسىنىڭ ھەممىسىلا مۇشۇنداق ياسالغانىدى.
20
چىراغداننىڭ غولىدا بادام چېچىكى شەكلىدە تۆت دانە گۈل بەرگى بار ئىدى.
21
بۇ گۈل بەرگلىرى چىراغداننىڭ غولىنىڭ ئىككى تەرىپىگە چىقىرىلغان ھەربىر جۈپ شاخچىنىڭ، يەنى ئالتە دانە شاخچىنىڭ ئاستىدا ئىدى.
22
پۈتۈن چىراغدان، يەنى ئۇنىڭ بارلىق بېزەكلىرى بىرلا پارچە ئالتۇندىن سوقۇلغانىدى.
23
ئۇ ساپ ئالتۇندىن چىراغدانغا يەتتە چىراغ، پىلىك قىسقۇچ ۋە پىلىك قالدۇقىنى قويىدىغان تەخسە ياسىدى.
24
چىراغدان ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق نەرسىلەرنى ياساش ئۈچۈن 34 كىلو ساپ ئالتۇن ئىشلەتتى.
25
ئۇ ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بىر ئىسرىقدان ياسىدى. ئىسرىقدان تۆت چاسا بولۇپ، ئېگىزلىكى بىر مېتىر، ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى يېرىم مېتىر ئىدى. ئىسرىقداننىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكى ئىسرىقدان بىلەن بىر پۈتۈن ياسالغانىدى.
26
ئۇ ئىسرىقداننىڭ ئۈستى، تۆت ئەتراپى ۋە بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، ئۈستى تەرىپىنىڭ چۆرىسىنى ئالتۇن بىلەن نەقىشلىدى.
27
ئۇ ئىسرىقداننى كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىككى تەرىپىگە ئىككىدىن ئالتۇن ھالقا ياساپ، ئالتۇن نەقىشنىڭ ئاستى تەرىپىگە ئورناتتى.
28
ئۇ بالداقلارنىمۇ ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.
29
ئۇ ئالاھىدە ئۇسۇل بىلەن مۇقەددەس ياغ ۋە خۇشبۇي ئىسرىقلارنى ياسىدى.
← Chapter 36
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 38 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40